رابىيە قادىر: خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگىردىكىلەرنى خىتايغا يۆتكىشى شۇم قورقۇنۇشلۇق بىر قەدەم

           خىتاينىڭ   شەرقى تۈركىستاندىكى  يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا سولۇۋېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ، بىز- مۇەتتىكى ئۇيغۇر پاالىيەتچىلىرى ۋە بىر قىسىم مۇتەخەخسىسلەر تەخمىن قىلغاندەك خەتەرلىك بىر ئاقىۋەتكە قاراپ يەنە بىر بالداق ئىلگىرىىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە خىتاي دائىرىلىرى شەرقى تۈركىستاندىكى لاگىرلاردىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ  خىتاي ئۆلكىلىرىگە  يۆتكەشكە باشلىغان https://www.rfa.org/mandarin/Xinwen/2-09282018150003.html .  خىتاينىڭ ئەڭ ۋە تۈرمىلىرىدىن بىرى بولغان خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيلەي تۈرمىسىگىلا 2000 چە ئۇيغۇرنىڭ يۆتكەلگەنلىكى تۈرمە دائىرىلىرى تەرىپىدىن دەلىلەنگەنhttps://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/xitaygha-yotkesh-10012018154454.html. يەنە نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستاندا ەرقايسى ەلەردە لاگىردىكىلەرنىڭ كۈنىگە  يۈزلەپ – ئىككىيۈزلەپ سوتلىنىۋاتقانلىقىمۇ خەۋەر قىلىندى. ئەڭ ئەندىشىلىەرلىكى  شىنجاڭ تۆمۈريول ئىدارىسى بۇ يىل 10 -ئاينىڭ 22 -كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن ئىچكىرى ئولكىرلىرىگە قاتنايدىغان پويىز بېلىتىنىڭ سېتىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدىhttps://news.sina.com.cn/o/2018-09-27/doc-ifxeuwwr8555725.shtml. بۇ ئەۋال  تەبىئىي  رايون ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن  ئۆتكەن ئايدا باشلانغان مەۇس يۆتكەشنىڭ ئەمدىلىكتە كەڭ-كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت دەپ قارالماقتاhttp://news.dwnews.com/china/news/2018-09-26/60087549.html. بۇنىڭ ئۈستىگە ئىجدىمائىي تاراتقۇلاردا، شايا-كۇچا قاتارلىق ەلەردە بىر قىسىم چوڭ يوللاردا ئاممىۋىي  قاتناشنىڭ بىكار قىلىنغالىقى ەققىدىكى ۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشلىرى، غۇلجىدىن دېرىزىسىگە قارا پەردە تۇسۇۋېتىلگەن ئاپتوبۇسلاردا ئادەملەرنىڭ يۆتكۈلىۋاتقانلىقى ەققىدە ئۇچۇرلار تارقالماقتاhttps://www.facebook.com/photo.php?fbid=2044447745586693&set=a.1165670186797791&type=3&theater.

  مەن بۈگۈنگە قەدەر بۇ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدىن بىر شۇملۇقنىڭ پۇراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىرقانچە قېتىم خەلقئاارا جامائەتكە مۇراجىئەت ئېلان قىلدىم؛ 52 دۆلەتكە لاگىرلار ۋەزىيىتى ۋە ئەندشىلىرىم ەققىدە مەلۇمات بەردىمhttp://www.iuhrdf.org/content/rebiya-kadeer-world-must-take-stance-against-china%E2%80%99s-%E2%80%9Cre-education%E2%80%9D-detention-camps-uyghur

. بۇ ئەندشىلىرىمنى لاگىرلار ۋەزىيىتى بىر بالداق جىددىيلەشكەن بۈگۈنكى كۈندە يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمەن.

  خىتاي دەسلەپتە مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان، كېيىن ئۇنىڭ كەسپىي تەربىيەلەش ئورنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە يېقىندا ئۇنىڭ بىر تېرورغا قارشى بازا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان بۇ يىغىۋېلىش لاگىرلىرى قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ باشقۇرۇلۇشىغىچە نازى گېرمانىيەسىنىڭ يەۇدىلار لاگىرغا ئوخشاش تەرىقىدە داۋام قىلماقتا. گېتلىر گېرمانىيەسى دۇنياغا  بولۇش پلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇىشتا يەۇدىلارنى بىر توسالغۇ كۆرگەن بولسا، خىتايمۇ بىر يول بىر بەلباغ ئارقىلىق دۇنياۋىي تەسىرگە ئىگە بۈيۈك دۆلەتكە ئايلىنىش پلانىغا قارىتا ئۇيغۇرلارنى توسالغۇ كۆرمەكتە. ناتسىستلار يەۇدىي كىملىكىنىڭ ئۆزىنى جىنايى پاكىت بىلگەن بولسا، خىتايمۇ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى جىنايەتكە پاكىت دەپ قارىماقتا. خىتاينىڭ بۇ لاگىرلارنىڭ ئىچكى -تاقى قۇرۇلمىسىنى دۇنيادىن مەخپىي تۇتۇشى، كوللېكتىپ  تۇتقۇن ەركەتلىرىنى مەخپىي ئېلىپ بېرىشى، لاگىرغا ئەكىتىلگەنلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئائىلە ئەزالىرىغا بىلدۈرمەسلىكى، لاگىردىكىلەردىن ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئۆزىنىڭ ئەۋالىنى ياخشى دەپ بايان قىلىدىغان مىننەتدارلىق مەكتۇبىنى يازدۇرۇرۇپ يوللاتقۇزۇشىغا قەدەر ناتسىسلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا ئەينەن ئوخشىماقتا. مېنىڭ  بۇ لاگىرنىڭ تەرەققىياتىنىڭ يەنە مۇشۇ خىل تەرزدە تەرەققىي قىلىشىنى ۋە ئۇ تۇغدۇرىدىغان ئاقىۋەتلەرنى تەسەۋۋۇر قىلغۇم يوق.

نۆۋەتتىكى خىتاي  1989 -يىلى تيەنئەنمىن مەيدانىدا دېموكىراتىيە تەلەپ قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى-ئۆز ئەۋلاتلىرىنى تانكىغا باستۇرىۋېتىش ئارقىلىق ئۆز  قوغداپ قالغان بىر ەت؛ ەرقانداق بىر ۋە ئۆزىنى تارتىدىغان بىر تەبىئەتكە ئىگە ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي دۆلەت ئاخباراتىنىڭ  يىللاردىن بېرى  ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن  ئېلىپ بارغان بىر تەرەپلىمە تەشۋىقاتى، تېرورلۇق بىلەن ئەيىپلەشلىرى خىتاي خەلقىدە   بەلگىلىك دەرىجىدە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلغان. شۇڭا لاگىردىكى پۇت-قولى باغلانغان بۇ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قانچىلىك قىسمى بولۇشىدىن قەتئىنەزەر خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىشى، خىتاي دۆلەت ئاپىراتلىرىنىڭ قولىدىمۇ، خىتاي خەلقى ئىچىدىمۇ ەر ۋاقىت ئېغىر بىر زىيانكەشلىككە ئۇچراش خەۋپىنى پەيدا قىلىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ  يېقىنقى باياناتلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلەت بىخەتەرلىكى  بىلەن ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىۋېتىش پەيلىدىن يانمايدىغانلىقى ئېنىق؛ نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستاندا  مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيە  ەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىمۇ مانا مۇشۇ مەقسەتنىڭ ئىجراىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

خىتاي نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مەۇسلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەيدۇ؟  ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن  سادىر قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولغان جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن . نۆۋەتتە شەرقى تغركىستاندا يەرلىك خەلقنىڭ كۆزى ئالدىدا، يەرلىك خەلقتىن تەشكىللەنگەن ساقچىلىرىنىڭ قولى بىلەن قىلىشنى ئەپسىز كۆرۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى كۆزلەردىن خالى ۋە توسالغۇسىز ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن؛ جىنايىتىنىڭ ئىزىنى قالدۇرماسلىق ئۈچۈن؛ بەلكىم، ئادەم كۆپلۇۈكى سەۋەپلىك باشقۇرۇشى قېيىنلىشىۋاتقان ۋە ئىچىدىكى پاجىئەلەر بارغانسېرى كۆپۈيىۋاتقان بۇ لاگىرلارنى لاگىردىكىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش ئارقىلىق باشقۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇش ۋە بەلكىم ئۇلارنى پەرزەنتلىرىدىن ئۇزۇن مەزگىل ياكى مەڭگۈلۈك ئايرىۋېتىپ، مىللىي كىملىكىنىڭ ئەۋلاتلىرىغا ئۆتۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ۋەزىيەتكە قايسى نۇقتىدىن قارايلى ئېچىنىشلىق ۋە قورقۇنۇشلۇق.

مەن خەلقاارا جامائەتنى دە ەركەتكە ئۆتۈپ شەرقى تۈركىستاندىكى لاگىرلار ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈشكە، لاگىردىكىلەرنىڭ ئەۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە، خىتايدىن ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەش پلانى ەققىدە ېساپ سوراشقا ۋە ئۇنى توسۇشقا دەۋەت قىلىمەن.

ئىشىنىمەنكى، دۇنيا جاامائىتى ئۆتكەن ئەسىردە  ناتسىتلار گېرمانىيىسىدىكى يىغىۋېلىش لاگىرىغا كېچىكىپ ئىنكاس قايتۇرۇشتىن كېلىپ چىققان ئىنسانلىق پاجىئەسىنىڭ بۈگۈنكى تەكرارلىنىشىنى ۋە شۇنداق بىر پاجىئەنىڭ تاماشىبىنى بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ؛ شۇڭا  مەن ئالاقىدار دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنى خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى لاگىرلاردىن خىتايغا مەۇس يۆتكەش ئىشىغا بىپەرۋالىق قىلىپ قالماسلىققا دەۋەت قىلىمەن.

  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالى رە رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*