سىياسەت ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرىدا پاسپورت ئۇزارتىشى قىيىنلاشقان

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى تۈپەيلى 4-ئايلاردا ئېرى ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەنچە خەۋىرى كەلمىگەنلىكتىن، ئامالسىز قاھىرەدە تۇرۇپ قالغان ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقان، تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يۇرتىغا قايتىشقا زورلاش ۋە مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرى بېسىققاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما قايتماي ئۆزىگە ئوخشاش داۋاملىق مىسىردا قالغانلارنىڭ پاسپورتىنى يېڭىلاپ بەرمەسلىك ۋە ياكى ئۇلارنىڭ مىسىردا تۇغۇلغان بالىلىرىغا پاسپورت بېجىرىپ بەرمسەلىك ئەھۋالىنى سادىر قىلۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلانغان، مىسىرلا ئەمەس تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن ھېلىھەم ھەر تۈرلۈك چارە قوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق ئەللەردىكى بىر قىسىم ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش ئارقىلىق قايتۇرۇپ كېلىشكە ئۇرۇنغاندىن سىرت، ھەتتا پاسپورت ۋاقتى توشۇپ قالغان ئوقۇغۇچىلارغا، پاسپورتىنى ئۇزارتىش ياكى يېڭىلاش مۇلازىمىتىنى بېجىرىپ بەرمەي، ئۇلارنى ئامالسىز قالدۇرماقتا ئىكەن.

بۇ ئوقۇغۇچىلار پاسپورتىنى ئۇزارتالمىغاندا، چەتئەلدىكى قانۇنلۇق ۋىزا ۋە ئوقۇش رەسمىيەتلىرىمۇ بىكار قىلىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى، ئەگەر قايتقان تەقدىردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولىدىغلانلىقى ئېنىق ئەمەس. چۈنكى ئىلگىرىكى ئايلاردا چەتئەللەردىن ئۇيغۇر ئېلىگە قايتقانلارنىڭ ئايروپورتلاردىلا دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ غايىب بولۇۋاتقانلىقى ياكى ئۆگىنىش مەركەزلىرىگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقىدەك ۋەقەلەر ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۈگۈن توكيودىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئوخشاش قىسمەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

دۇبەيدىن ئۆزىنى مەلۇم بىر ساياھەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئۇيغۇر قىز رادىئومىزغا ئىنكاس قىلىپ، 10-ئاي كىرىشى بىلەن دۇبەيدە تۇرۇۋاتقان ۋە تىجارەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدىن پاسپورت ئىشى بىلەن ياردەم سوراپ كەلگەنلىكىنى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن خىتاي كونسۇلخانىسىغا بارغاندا، پاسپورتلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىپ، «پاسپورتىڭنى نەدىن ئالغان بولساق شۇ يەرگە قايتىپ يېڭىلا، بىز يېڭىلاپ بېرەلمەيمىز » دەپ قولىغا تۆتلۈك نومۇر تۇتقۇزۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ ئۇيغۇرلار پاسپورتسىز قالغاندا، دۇبەيدىكى سودا ۋە ئىقامەت ئىشلىرىنىڭمۇ دەخلىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەدىكى بىر ئوقۇغۇچىمۇ دەل شۇنداق پاسپورت مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن. پاسپورت مۇلازىمىتى، كونسۇلخانىلارنىڭ شۇ دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان پۇقرالىرىغا بېجىرىشكە تېگىشلىك نورمال مۇلازىمەت تۈرىنىڭ بىرى، ئادەتتە چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان خىتاي پاسپورتىدىكىلەر پاسپورتىنى يېڭىلاش، ياكى باشقىدىن پاسپورت ئىشلىتىش ئىشلىرىنى، خىتايغا قايتماي تۇرۇپمۇ، خىتاي كونسۇلخانىلىرى ئارقىلىق بېجىرەلەيدۇ. پاسپورت مۇلازىمىتى خىتاينىڭ ئامېركىدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ تور بېتىدە، مۇلازىمەت تۈرلىرى تەرتىپىدە، ۋىزا بېجىرىشتىن كېيىن ئىككىنچى مۇھىم مۇلازىمەت ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. پاسپورت يېڭىلاش ئىلتىماسى سۇنغۇچىلارنىڭ 25 دوللار، مۇلازىمەت ھەققى تۆلىگەندىن كېيىن 15 كۈن ئىچىدە يېڭى پاسپورتنى قولغا ئالالايدىغانلىقى ياكى جاۋابلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ھالبۇكى يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كونسۇلخانىلىرىغا سۇنغان پاسپورتىنى يېڭىلاش ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى ئىنكاس قىلماقتا.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، چەتئەللەردىكى خىتاي پاسپورتىغا ئىگە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پاسپورت مۇلازىمىتى توختىتىشنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىستانبۇل، ۋاشىنگتون ۋە تورۇنتودىكى ئەلچىخانىلىرىغا تېلېفون قىلدۇق، ئەمما تېلېفون پەقەتلا ئاپتوماتىك قوبۇللىغۇچقا ئۇلانغاندىن باشقا مەلۇمات ئېلىش مۇمكىن بولمىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەزكۇر مەسىلىدىن خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇل خادىملىرىدىن نېكول موگېرت خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېتىش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى بېسىم ئاستىغا ئېلىش ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پاسپورت مۇلازىمەتلىرىنى توختىتىپ ئۇلارنى ئامالسىز قالدۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، بۇنىڭدىن خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نېكول خانىمنىڭ ئېيتىشىچە خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇلازىمەت قىلماسلىقى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىش سىياسىتى بىلەن ماس ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەدبىرى. ئەمما بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ جىق ئۇيغۇرلار چەتئەللەردە قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، خەلقئارا مىقياسىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىش يولىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى جازالاش ياكى كونترول قىلىش ئۈچۈن يارىتىۋاتقان ۋەزىيەتكە شۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىدە جىددىي ئىنكاس قوزغاشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە دەپ قارايدۇ ۋە بۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىش يوللىرىنى ئىزدىمەكتە. ھالبۇكى يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن مەسىلىنىڭ پاكىتلىق يورىتىلىشى رىقابەتكە ئۇچرىماقتا.

بىز چەتئەللەردىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىڭ پاسپورت مۇلازىمىنىت توختىتىشى پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا نىشان قىلغانمۇ؟ بۇنىڭغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن، خىتايغا قارشى ئۆكتىچى تەشكىلاتلاردىن مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتتى بىلەن ئالاقىلاشتۇق، تەشكىلات قۇرغۇچىسى ياڭ جيەنلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: « خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىڭ سىز دەۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورت مۇلازىمىتىنى رەت قىلىشى گەرچە خىتايلارمۇ ئۇچراپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولسىمۇ ئۇيغۇرلارغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى تار دائىرىدە دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ماڭا ئوخشاش چەتئەللەردىكى ئۆزىگە قارشى ئاكتپلار ياكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ۋىزا بەرمەسلىك، پاسپورت مۇلازىمىتى قىلماسلىق بىلەن ئۇلارنى جازالاپ كەلدى. مەسىلەن مەنمۇ باشقا دۆلەت پۇقرالىقىنى ئۆزلۈكۈمدىن قوبۇل قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن، داۋاملىق خىتاي پاسپورتىنى قوللىنىپ كېلىۋاتىمەن. مېنىڭ خىتاي پاسپورتىمنىڭ ۋاقتى بۇ يىل 6-ئايدا توشىدۇ. مەن 4-ئايدا پاسپورتىمنى يېڭىلاش ئىلتىماسىنى تاپشۇرغان بولساممۇ ھازىرغا قەدەر بېجىرىپ بەرمىدى ۋە بېجىرمەسلىك سەۋەبىگىمۇ چۈشەندۈرۈش بەرمىدى. ئىلتىماسىمنىڭ رەت قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. پاسپورتىمنى بەرمەسلىك ئارقىلىق مېنى جازالاۋاتقانلىقى ئېنىق. چەتئەللەردىكى نۇرغۇن ماڭا ئوخشاش جازالانغان خىتايلار خىتاي پاسپورتىدىن ۋاز كېچىپ شۇ تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە باش ئۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتا. ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى خىتايلارغا قارىغاندا ئېغىر بولغاچقا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەسىلىدىمۇ خىتايلاردىن ئېغىر تەسىرگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئېنىق».

ياڭ جيەنلى ئەپەندى خىتاينىڭ پۇقرالارنى بۇ خىل جازالاش ئۇسۇلىنى  «خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى، پاسپورت قانۇنىغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان ئېغىر دەخلى-تەرز» دەپ چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك پاراكەندىچىلىك تەھدىتلىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، چەتئەللەردىن ۋەتىنىگە مەجبۇرى قايتۇرۇپ كەتكەنلەرنىڭمۇ ئېغىر جازالىنىپ، تۈرمىلەرگە ئېلىۋاتقانلىقى، غايىب قىلىنىۋېتىلگەنلىكىدىنمۇ خەۋىرىمىز بار. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەستەن پاسپورت مۇلازىمىتىنى قىلماي پۇقرالارنى جازالىشى، ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا خىلاپ، ئەپسۇس خىتاي ھېچقاچان ئۆزىنىڭ قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلغان ئەمەس. ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرتۇشلار ھەتتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاي سەۋەبلىك قىيىن ۋەزىيەتتە قالدۇرۇلۇشى بۇ قانۇنىي مەسىلە بولۇپلا قالماي، ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ ئېغىر مەسىلە، شۇڭا چوقۇم دۇنيانىڭ جىددىي دىققىتىنى ۋە ئىنكاسىنى قوزغىشى كېرەك دەپ قارايمەن».

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*