رابىيە قادىر: پاكىستاننى خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسىدەك ھەرىكەت قىلماسلىققا چاقىرىمىز

پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچلىرىد​ىن ئۆمەر ئۇيغۇر ،ئابدۇقېيىم شەمشىدىن ۋە ئابدۇغېنىىڭ 17 ‏-ئۆكتەبىر كۈنى يەنى خىتاينىڭ 19 ‏-قۇرۇليىتىدىن ئىككى كۈن بۇرۇن پاكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىق ۋە بۈگۈنگە قەدەر نەدىلىكىدىن ئۇچۇر يوقلۇقى ھەققىدىكى خەۋەر  بىزنى -دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئەجەبلەندۈردى ۋە ئەندىشىگە سالدى.
ئۆمەر ئۇيغۇر پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ئانا تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆرپ ئادەتنى قوغداش ھەققىدە يېتەكچى رول ئويناۋاتقان بىر كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەدەنىيەت پاالىيەتچىسى، ئابدۇقېيىم شەمشىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ھەۋەسكار سىياسىي مۇلاھىزىچى؛ ئابدۇغېنى بولسا راۋالپىندىدىكى خىتاي ماللىرى بازىرىدىكى سودا -سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى. ھەر ئۈچىلىسى ئۆزلىرىنىڭ تىجارى ھاياتىدىكى ئۇتۇقلىرى ۋە جامائەت ئىشلىرىدىكى پىداكارلىقى بىلەن پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ھەتتا پاكىستاننىڭ يەرلىك جامائىتى ئىچىدىمۇ بەلگىلىك ئىززەت -ھۆرمەتكە ئېرىشكەن كىشىلەر.

پائالىيەتچى ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ بۇ تۇنجى قېتىم ئاۋارە قىلىنىشى ئەمەس، خىتاينىڭ تەلىپى ۋە بېسىمى بىلەن ئۇنىڭغا پاكىستان ساقچىلىرى 5 يىل ساياھەت چەكلىمىسى قويغان، پاكىستان سوتى ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ بۇ چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان . ئۆمەر تېخى بىر ئاينىڭ ئالدىدا ئۆزى قۇرغان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنى تاقاش ھەققىدە پاكىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان​ ب. يۇقىرىقى ئۈچ پائالىيەتچىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنىڭ پاكىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە باغلىنىشلىق ھېچقانداق بىر تەرىپى يوق ۋە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بۇ قېتىمقى تۇتقۇننىڭ خۇددى بۇرۇن بولغاندەك خىتاي تەرەپنىڭ تەلەپ ياكى بۇيرۇقى بولۇۋاتقانلىقى شۈبھىسىز.
ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر نۇقتا بۇ قېتىمقى تۇتقۇننىڭ خىتاينىڭ 19 ‏-قۇرۇلتاي ھارپىسىغا توغرا كېلىشى. يىللاردىن بېرى خىتايدا ھەر قېتىم بىر دۆلەت دەرىجىلىك چوڭ يىغىن ياكى مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلگەندە دۆلەت بىخەتەرلىكى تەدبىرلىرى قاتارىدا شەرقى تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ئېلىپ بېرىلماقتا . مۇراسىمدىن كېيىن تۇتقۇنلارنىڭ بىر قىسمى ئىزاھاتسىز قويۇپ بېرىلسە ، بىر قىسمى ئەرزىمەس باھانىلەر جازالانماقتا. بۇ يىلقى 19 ‏-قۇرۇلتاي ھارپىسىدىمۇ ، خىتاي خالىغانچە تۇتقۇن ھەرىكىتىنى تېخىمۇ ئەسەبىيلەشتۈرۈپ، بىر مىليون ئەتراپىدا كىشىنى ئاتالمىش يېپىق تەربىيە مەركەزلىرىدە تەربىيىلىمەكتە . دۆلەت مۇراسىملار داۋامىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇش ھادىسىنىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بېشىغا ئەينى شەكىلدە كېلىشى بىزنى ئويلاندۇرماقتا .
ئەلۋەتتە پاكىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەسەلدىنمۇ تاتلىق مۇناسىۋىتىنى قوغداش ئۈچۈن خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئەھدىنامىسىنى بۇزۇپ تۇرۇپ ئىسمائىل سەمەت قاتارلىق ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بىلىمىز؛ يېقىنقى 10 يىلدا ئاز دېگەندە 200 چە ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ پاكىستاننىڭ قولى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلۇپ ئۆلۈم ۋە تۈرمىگە مەھكۇم بولغانلىقىنىمۇ بىلىمىز ؛ ئەمما ئۇلار ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلار ئىدى؛ بۇ قېتىمقى تۇتقۇنلار بولسا ئۇيغۇر پاكىستانلىقلار.

ئۆمەر ئۇيغۇر قۇرغان ۋەخپە ۋە ئۇ ئاچقان ئاچقان ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ؛ ياكى ھەر يىلى نورمال پۇقرالاردىن كۆپرەك باج تاپشۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ پاكىستان دۆلىتى ياكى خەلقىگە بىر زىيان-زەخمىتى ۋە ياكى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. . خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى بىر ئۇيغۇردىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ خىتايدىن مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىشىنى ئۆزىگە تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرگە سىر ئەمەس؛ ئەمما پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىگە نەق خىتايغا ئوخشاش كۆزدە قارشى، خىتايغا ئوخشاش شەكىلدە ھەرىكەت قىلىشى، يالغۇز ئۇيغۇرلۇقنىڭ ھەق -ھوقۇقىغىلا ئەمەس، بەلكى مۇستەقىل پاكىستان دۆلىتىنىڭ ئوبرازىغا، دېموكراتىك سايلامدىن ئۆتكەن بىر ھۆكۈمەتنىڭ پەزىلىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس؛ شۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىمىزكى پاكىستان خەلقى خىتاي بىلەن دوستلۇقنى خالايدۇ، لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى پاكىستاننىڭ خىتاينىڭ بىر پارچىسى بولۇپ قېلىشنى خالايدۇ. پاكىستان خەلقىگە خىتاينىڭ ياردىمى كېرەك، ئەمما مۇسۇلمان پاكىستان خەلقى بۇ ياردەمنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆز يېشى ۋە قېنى بەدىلىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ.

بىز قوشنىمىز ۋە قېرىندىشىمىز پاكىستاننى خىتاينىڭ يولسىز ۋە ئادالەتسىز تەلەپ ۋە بۇيرۇقلىرىنى دادىللىق رەت قىلىشقا، يۇقىرىقى ئۈچ قېرىندىشىمىزنى شەرتسىز ۋە دەرھال قويۇپ بېرىشكە، خىتاينىڭ 19 ‏-قۇرۇلتىيىنىڭ تۈگىشىنى كۈتمەسلىككە چاقىرىمىز ۋە پاكىستاننى خۇددى خىتاينىڭ 23 ‏-ئۆلكىسىدەك ھەرىكەت قىلماسلىققا چاقىرىمىز. پاكىستان مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان مەسىلىلەردە خىتاينىڭ يولسىز تەلەپلىرىنى رەت قىلغان ئەھۋالدا،پاكىستان-خىتاي دوستلۇقىنىڭ تېخىمۇ ساغلام ئىلگىرى باسىدىغانلىقى، بۇنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا تۆھپە قاتىدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتىمىز.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*