قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

قەدىرلىك ۋەتەنداشلار،  قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن  دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.   ۋەتىنىمىزدىكى خەلقىمىزنىڭ ئازاب ئوقۇبەتلىرىگە ھەمنەپەس بولۇپ، غەم- ئەندىشە ئىچىدە ئۆتۈۋاتقان بولساقمۇ، ھەممىمىزنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ ئەنئەنىۋى ھېيت كۈنىنى دۇنيادىكى بارلىق شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ خۇشال – خۇرام، خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

جانابى ئاللا بۇ مۇبارەك كۈنلەردە دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلغاي، ئىبادەتلىرىمىزنى، جۈملىدىن ھەج قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەج ئىبادىتىنى قوبۇل قىلغاي،  خەلقىمىز ئۈستىدىكى زۇلۇمنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىپ، ھۆرلۈككە ئېرىشىدىغان كۈنلەرنىڭ بالدۇرراق يېتىپ كېلىشىگە نېسىپ قىلغاي، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتىنى خاتىرجەملىك، خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈشىگە نېسىپ قىلغاي.

قۇربان ھېيتنى خۇشال خۇرام ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە، خالىغانلارنىڭ  قۇربانلىق ئۈچۈن تەييارلىغىنىنىڭ بىر قىسمىنى ۋەتەندىن، مىسىر ۋە  ياكى باشقا ئەللەردىن كېلىپ، قىيىنچىلىق ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلارغا ياردەم سۈپىتىدە ئەۋەتىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئېھتىرام بىلەن:

رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*