خوتەندىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا ئايرىم ئۆتۈش ئىشىكى قۇرۇلۇپ، مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈش يولغا قويۇلغان

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خوتەن شەھىرى، خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھەر قايسى ناھىيىلەر، يېزا‏-كەنت، ئاھالىلەر رايونى، بازار ۋە مەھەللىلەرنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىغا چازا قۇرۇپ، چازىلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. كىرگەن-چىققانلارنى كىملىك ۋە رېنتگېنغا سېلىپ تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇلۇپ كەلگەن ئىدى.

يېقىندا ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەر خوتەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پۈتۈن چازىلاردا ئۇيغۇرلارغا ئايرىم، خىتايلارغا ئايرىم ئىشىك قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنى كىملىكىگە قاراپ ۋە رېنتگېنغا سېلىپ ئۆتكۈزۈشنى يولغا قويغان. خىتاي پۇقرالىرىغا بولسا مەخسۇس يېشىل ئىشىك ئېچىپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار ھېچقانداق تەكشۈرۈشكە ئۇچرىمايدىكەن. يېقىندا قەشقەردىن خوتەنگە بېرىپ كەلگەن ئۇيغۇر تىجارەتچى، ئۆزىنىڭ خوتەنگە كىرىش ئېغىزىدىكى بىر چازىدا خىتايلار ئۆتىدىغان يولغا كىرىپ قېلىپ ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ئۇنىڭغا «بۇ يولدىن پەقەت خىتايلارلا ئۆتىدۇ» دېگەن.

تىجارەتچى: مەن ئۆزۈم قەشقەردىن، بىز خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن خوتەنگە بارغان. بارغاندا بىزگە خوتەننىڭ كىرىش ئېغىزىدا يولۇققان بىرىنچى مەسىلە، بىز سول تەرەپنى بېسىپ مېڭىپتۇق. قارىساق ماشىنا، ئۆچىرەت ئازكەن شۇ يولغا كىردۇق. كىرسەك بىر خىتاي ساقچى بىلەن ئۇيغۇر ساقچى يۈگۈرۈپ كەلدى ئالدىمىزغا. بۇياقتىن سەن ماڭساڭ بولمايدۇ دەپ. مەن نېمىشقا ماڭساق بولمايدۇ دېسەم، بۇ، خىتايلارغا ئالاھىدە قىلىپ ئېچىلغان يول. شۇڭا بۇ يولدا ماڭساڭ بولمايدۇ. سەن ئوڭنى بېسىپ ماڭىسەن. ئوڭنى بېسىپ ماڭساڭ، ماشىناڭدىكى نەرسىلەر تەكشۈرۈلىدۇ، دېدى. ھەتتا ماشىنىنىڭ تېگىنىمۇ رېنتگېنغا سۈرەتكە ئالىدىغان قىلىپ لايىھەلەۋېتىپتىكەن، لېكىن پۈتمەپتىكەن، ماشىنىنىڭ تېگىنى كۆرىدىغانغا.

مۇخبىر: بۇ ۋەقە سىلەر خوتەنگە كىرىۋاتقان ۋاقىتلاردا، چازىدا يۈز بەردىمۇ؟

تىجارەتچى: ھەئە، خوتەنگە كىرىۋاتقان چازىدا يۈز بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن بىز ئاشخانىغا باردۇق. خوتەندىكى بىر قەدەر ياخشىراق ئاشخانىغا ساۋاقداشلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن. بارساق، ئۇ يەردىمۇ شۇ ئىشىكنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ تۆپىگە تېلېكامىرا بېكىتىگلىككەن، ئۇ ساقچىخانا بىلەن ئاھالىلەر كومىتېتىغا ئۇلاقلىقكەن. ئەگەر، كىرگەن خىتايلارغا راھەتسىزلىك پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىنى تۇتىدىغان ياكى تەكشۈرەيدىغان ئەھۋال بولۇپ قالسا، شۇ ئاشخانىنى 15 كۈن تاقاش بىلەن بىرگە، خوجايىنى ۋە نۆۋەتتە تۇرغان ياردەمچى ساقچىنى ئاپىرىپ، ئۇنىمۇ 15 كۈنلۈك قامايدىكەن، ئۇنىمۇ كۆردۇق. كېيىن بىز ئۆزىمىزنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىگە ئۆتسەك، بۇ ئەھۋال كۆرۈلمىدى. مەن 2017‏-يىلى 3‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بارغان. بۇ شۇ ۋاقىتتىكى خوتەننىڭ ئەھۋالى. بىز خوتەنگە بارغان ۋاقتىدا خېلى ياخشى ئائىلىلەرنىڭ ئىچىدىمۇ بىر جەينامازمۇ يوق، بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن مەن. مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ باردىم مەن، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى يەككە تىجارەتچى ئىدى. شام ۋاقتى بولۇپ قېلىپ، ئۇقماي جەينىماز سوراپتۇق. سورىساق، يوتقاننىڭ كىرلىكىنى ئېلىپ چىقىپ بەردى بىزگە.

مۇخبىر: جەينىمازنى ئۆيدە ساقلاشقىمۇ شارائىت يوقمىكەن، خوتەننىڭ ۋەزىيىتى؟

تىجارەتچى: يوق، يوق. ھەتتا شۇ ۋاقىتتا دۇبەي، تۈركىيەگە ساياھەت بىر مەزگىل ئەۋج ئېلىپ كەتكەن ۋاقىتتا ئېلىپ كەلگەن قاچىلار، ساياھەت بۇيۇملىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەرەب تىلىغا ئوخشىغان نەرسىلەر بولسىلا، ئۇنىڭ مەنىسىنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شۇنىمۇ چېقىشقا باشلاپتىكەن. ئائىلىلەردە 4‏-ماينىڭ پالانى كۈنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش باشلىنىدۇ، دەپ ئالدىن بېشارەت بېرىپتىكەن، ئۆيلەردە ئاشۇنداق نەرسىلەر بولسا يىغىشتۇرۇڭلار دەپ. شۇ ئەھۋاللارنى كۆردۇق بىز.

مۇخبىر: خوتەنگە كىرىش ئېغىزلىرىنىڭ ھەممىسىدە تەكشۈرۈش چازىسى بارما؟

تىجارەتچى: بەك جىق ئۇنداق چازا. كىملىك تەكشۈرتۈپ، ئاندىن كېيىن قولىنى ئېگىز كۆتۈرتۈپ رېنتگېنغا ئوخشاش ماۋۇ دوختۇرخانىلاردا ئىشلىتىدىغان نەرسىلەردىن ئۆتۈپ ئاندىن كېيىن كىرىمىزكەن. شۇنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بوغۇپ ئۇيغۇر ماڭىدىغان، سول تەرىپىنى بوغۇپ بىر لىنىيىنى شۇ خەنزۇلار شەرتسىز، توسالغۇسىز ئۆتىدىغان قىلىپ لاھىيەلەپ قويغانىكەن.

مۇخبىر: بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگىلى بولمامدۇ شۇ شارائىتتا؟

تىجارەتچى: ياق، ئۇندا قىلىدىغان بولۇپ قالساق، بەلكىم بىزنى ساقچىلار بىلەن تىركەشتى، قارشىلىق كۆرسەتتى، دەپ ئوق چىقىرىشىغا ياكى شۇلارنىڭ بولمىغاندا 15 كۈن قاماپ قويۇشىغا مەجبۇر بولۇپ قالىمىز. شۇڭا، بىزمۇ ھەئە ماقۇل، دىققەت قىلايلى، دەپ ، ھەتتا مەنمۇ ھودۇقۇپ قورقۇپ كەتتىم. ئۇ شارائىتتا ئۇنىڭغا پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن دەتالاش قىلىدىغان شارائىت يوق.

بۇ تىجارەتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەندە يولغا قويۇلغان قاتتىق ئامانلىق تەدبىرى بۇ رايوندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشىغا بەزى قۇلايسىزلىقلارنى پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكرى ۋە نارازىلىقىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن يەرلىك دائىرىلەر ئۇلارنىڭ يۇرتىغا كېتىپ قېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ خىل ئالاھىدە ئىمتىيازلارنى چىقارغان.

بىز پەيشەنبە كۈنى مەخسۇس خىتاي پۇقرالىرىغا ياسالغان «يېشىل ئىشىك» نىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ، خوتەندىكى يەرلىك ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. خوتەندىكى بىر يەرلىك ساقچى خادىمى «يېشىل ئىشىك» نىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا ياسالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇ يول خەنزۇلار ۋە قانۇن سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ياسالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچى: ئاۋۇ چازىدىكى گەپتۇ بۇ، چازىدا ئەمدى ماۋۇ قانۇن سىستېمىسىدىكى كىنىشكىسى بارلار ئۇدۇل ماڭىدۇ. قانۇن سىستېمىسىدا بولمىغان ماشىنىلار ماۋۇ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشكە كىرىپ، كىملىكىنى تەكشۈرتۈپ مۇنداق ماڭىدۇ.

مۇخبىر: قانۇن سىستېمىسى دېگەندە بۇ ساقچىلارنى كۆرسىتەمدۇ ياكى سوت، تەپتىش، ئەدلىيە خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟

ساقچى: ھەممىسى بار. تەپتىش ھەممىسى قېتىلىدۇ.

مۇخبىر: ئۇلار ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ؟

ساقچى: ئاۋۇلار، خەنزۇلار ئاشۇ يەردىن ئۆتىدۇ. قالغانلارنى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈپ، مۇنداق ماڭىدۇ.

مۇخبىر: خەنزۇلارمۇ سول تەرەپتىن ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ؟

ساقچى: ھەئە، ئۇلارمۇ ئۇدۇل ئۆتىدۇ. ئۇ سول تەرەپتە ئەمەس. ئۇ ئۇدۇل ماڭىدىغان يول. قانۇن سىستېمىسىدىكىلەر شۇ يولدىن ئۆتىدۇ. لېكىن قانۇن سىستېمىسىدا ئەمەسلەر، ماشىنىنى تەكشۈرتكەچ، كىملىكنى ماشىنىغا سېلىپ ئۆتىدۇ. قانۇن سىستېمىسى ئەمەس خەنزۇلار ئۆتەپ كېتىۋېرىدۇ.

مۇخبىر: ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى تەكشۈرتۈش كېرەكما؟

ساقچى: ياق، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئەمەس. قانۇن سىستېمىسىدا ئىشلەيدىغانلارلا ئۆتۈۋېرىدۇ. ئەمدى ئۇيغۇر، خەنزۇ دەپ ئايرىش بولۇپ، يول ئوڭ تەرەپتىن كەلگەنلەرگە جازىدا توساقلىق ئەينا. سول تەرەپتىكىلەرگە ئۇدۇل مېڭىشقا بولىدۇ، دەپ تاختاي چىقىرىغلىق. بۇ يولدىن خەنزۇلار ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ.

خوتەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «3خىل كۈچلەر» گە زەربە بېرىشتىكى نىشانلىق رايونى. يەرلىك دائىرىلەر 2016‏-يىلى 28‏-دېكابىر كۈنى قاراقاش ناھىيىسىدە، بۇ يىل 2‏-ئايدا گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى باھانە قىلىپ، مەزكۇر رايوندا قاتتىق ئامانلىق تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزگەن. بىراق بۇ تەدبىرلەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى ئامانلىق تەدبىرلىرىنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىك ، دىنىي ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىغا ئېغىر زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*