مىسىردىن قايتقان 12 ياشلىق ھەزرىتىئەلى مەمەتنىڭ نەزەربەند ئاستىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى مۇخبىرى بۈگۈن، ئىلگىرى يۇرتىدىكى دادىسى ۋە ئاكىسى تۇتقۇن قىلىنغان، مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ئىبراھىم مەمەتنىڭ مىسىردىكى تېلېفونى ئېلىنمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن، يوپۇرغا يەكشەنبە بازارغا قارىتا تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ بارغان. زىيارەت داۋامىدا ئىبراھىم مەمەت ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلىنالمىدى، ئەمما مىسىردىن بۇ يىل 2-ئايدا قايتقان 12 ياشلىق ھەزرىتىئەلى مەمەتنىڭ بىر مەھەل تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتىمۇ نەزەربەند ئاستىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئاشكارىلىنىشىچە، ھەزرىتىئەلى مەمەت دادىسى مەمەت ئابلەت ۋە ئاپىسى بىلەن بىرلىكتە، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى مىسىرغا كەلگەن. ئۇلار مىسىرغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، مىسىردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۇرتىغا قايتۇرۇلۇش ئەنسىزچىلىكى تۇغۇلغان. ئەسلىدە يوپۇرغا يەكشەنبەبازار يېزىسىنىڭ 3-كەنت 8-مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بولغان، بىرنەچچە يىلدىن بېرى ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىۋاتقان مەمەت ئابلەت ئوغلى ھەزرىتىئەلى مەمەتنى ئەزھەردە ئوقۇتۇش ئارزۇسى سۇغا چىلاشقاندىن كېيىن، بۇ يىل 2-ئايدا يۇرتىغا قايتقان.

يوپۇرغا يەكشەنبە بازاردىكى ساقچى ۋە كەنت كادىرلىرىدىن ئىگىلەنگەن يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن 12 ياشلىق ھەزرىتىئەلى مەمەتنىڭ كەنتتە نەزەربەند ئاستىدا ئىكەنلىكى مەلۇم، ئەمما ئۇنىڭ دادىسى مەمەت ئابلەت بىلەن ئانىسىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارغا قانداق جازا كەلگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، دائىرىلەر ھەزرىتىئەلى مەمەتنى مىسىردا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى دوست-بۇرادەرلىرىگە سۆزلەپ بېرىشتىن توسۇش ئۈچۈن ۋە ياكى ئۇنىڭ ئېغىزىدىن مىسىردىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار يېڭى ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنى نەزەربەند قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*