يېتىم-يېسىرلارغا پۇل توپلىغان ئابدۇكېرىم ئابدۇغېنى ۋە دوستلىرى قاماقتا

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا ، رادىئو ئاڭلىغۇچىلاردىن بىرى  ئىنكاس يوللاپ، يوپۇرغىنىڭ سىيەك يېزىسىدا 2014‏-يىلى ئابدۇكېرىم ئابدۇغېنى قاتارلىق 20 نەچچە كىشىنىڭ يېتىم-يېسىرلارغا پۇل توپلىغانلىقى ئۈچۈن كېسىلگەنلىكىنى، ئۆتكەن ئايدا يەنە شۇ دېلوغا باغلىنىپ 7 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان يوپۇرغىنىڭ سىيەك يېزىلىق ساقچى خادىمى مەزكۇر ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىگەن. مىسىردىن ئايرىلغان، نۆۋەتتە تۈركىيەگە جايلاشقان سابىق ئوقۇغۇچى ئابدۇللا تۇرسۇن خىتاينىڭ ئىئانىنى چەكلىشى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان.

يېتىپ كەلگەن كەلگەن ئىنكاستا يېتىم-يېسىرلارغا پۇل توپلىغانلىقى ئۈچۈن كېسىلگەن ئابدۇكېرىم ئابدۇغېنى قاتارلىق ياشلارنىڭ يوپۇرغىنىڭ سىيەك يېزىسىدىن ئىكەنلىكى يېزىلغان. بىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن، سىيەك يېزىلىق ساقچىخانا خادىمىدىن مەلۇمات سورالغان. ساقچىخانا خادىمى ئىنكاستا دېيىلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇكېرىم ئابدۇغېنى قاتارلىق ياشلار 10 مىڭ بىلەن 20 مىڭ سوم ئارىسىدا پۇل توپلىغان. ئەمما، ئۇلار پۇلنى پىلانلىغان ئائىلىلەرگە بېرىشتىن ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلار، « ئابدۇكېرىم گۇرۇھى» دەپ نام بېرىلىپ ۋە دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش دېگەن ئاتالمىش جىنايەت ئارتىلىپ كېسىۋېتىلگەن. جازاغا ئۇچرىغانلار ئارىسىدا پۇل توپلاش ئۈچۈن تەشۋىق ۋە ھەرىكەت قىلغانلارلا ئەمەس، پۇل بەرگەنلەرمۇ ئورۇن ئالغان. ۋەقەنى دەلىللىگەن ساقچىخانا خادىمى دېلوغا ئۆزى ئارىلاشمىغانلىقىنى، ئەمما كۆزىتىپ تۇرغانلىقىنى ۋە ۋەقەدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، يېتىم-يېسىرلارغا پۇل توپلاش« جىنايى» دېلوسىنىڭ داۋامى ئۆتكەن ئايدا يەنە تەكشۈرۈلگەن. ئەينى چاغدا شۇ دېلوغا چېتىلغانلىقى ۋە توردىن چۈشۈپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 7 كىشى يېڭىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، ئۇلار نۆۋەتتە تەكشۈرۈلمەكتە.

خىتاينىڭ يېتىم-يېسىرلارغا پۇل توپلاشنى چەكلەش ئىجرائاتى ئىلگىرى يېڭىشەھەر ياپچاندىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىز داۋامىدىمۇ ئاشكارىلانغان. ياپچاندىكى بىر ئامانلىق مۇدىرى دائىرىلەرنىڭ پۇلنىڭ يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، زاكاتنى چەكلىگەنلىكىنى پاش قىلغان. ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدا بىر مەھەل ئىماملىق قىلغان، يېقىندا مىسىردىن ئايرىلغان ۋە نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇللا تۇرسۇن ئەپەندى سىيەكتىكى يۇقىرىقى ۋەقە ھەققىدە تەسىراتلىرىنى بايان قىلغان.

ئابدۇللا تۇرسۇننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆز ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققانلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئىگىسىز قويۇش ئارقىلىق جازالىماقتا. ئابدۇللا ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەخلاقىي جەھەتتىن يامان يوللارغا رىغبەتلەندۈرۈپ، ياخشى يوللاردىن توسۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشىشىنى خالىمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا ردىئوسى

Leave a Comment

*

*