مىسىر دائىرىلىرىنىڭ يەنە ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى تۇتۇپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مىسىر بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك ھەرىكەت قوزغاپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغانلىقىغا بۈگۈن 15‏-كۈن بولدى. مىسىردا قېچىپ يۈرگەن بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، مىسىر دائىرىلىرىنىڭ 2‏-ئىيۇل باشلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بېرى بىر ئاز پەسىيىپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنى ئايرودرومدا توسۇپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتىكەن.

مىسىردا دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىدىن قېچىپ يۈرگەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۆتكەن جۈمە كۈنى رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئۆتكەن ھەپتە 4 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەگە ماڭغان ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مىسىر ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاھىرە ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغان. بۇ ئوقۇغۇچى يەنە، قالغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ غۇردېقە شەھىرىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا دائىر ئۇچۇر ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوقۇغۇچى:
‏- ھازىر خېلى ياخشى، بىز ئۆيدە ئەمەس، سىرتتا ئاشۇنداق يۈرۈۋاتىمىز. ئاللاھقا شۈكرى، ئۆيدە ئەمەس، سىرتتا بىز ھازىر. ئاخشام چىقىپ كەتكەن، شۇ چىقىپ كەتكەنچە تېخى ئۆيگە قايتمىدىم. سىرتتا ئۆيگە بارالماي يۈرۈۋاتىمەن.

مۇخبىر:
‏- ۋەزىيەت قانداق كېتىپ بارىدۇ؟ ئۇيغۇرلار يەنە ئەندىشىدە ياشاۋاتامدۇ؟

ئوقۇغۇچى:
‏- ۋەزىيەت شۇ ئاكا، بەلكىم بۈگۈنكى خەۋەرلەردە، مەن بەزى يەرلەر بىلەن كۆرۈشكەنتىم، كۆرۈشسەم ، مۇشۇ شەخس ئەزھەرنىڭ ئارىلاشقانلىقىغا دائىر گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدۇق. راست-يالغانلىقىنى ئۇقمىدۇق. بەلكىم توغرا بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، توغرا بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. شۇ گەپلەر كېلىۋاتىدۇ. مەن ئاغىنىلىرىم بولغاندىن كېيىن ئۇيەردىن-بۇيەردىن سۈرۈشتۈرۈپ ئاشۇنداق بىر خەۋەرلەرنى ئاڭلىدىم. ئاخىرى قانداق بولىدۇ، ئېنىق بىر خەۋەر يوق. شەيخ ئەزھەر، ئەزھەرنىڭ داڭلىق شەيخى بارغۇ، ئەخمەت تاييىپ دېگەن. شۇ ئادەمنى ئارىلاشقان،دەپ ئاڭلىدۇق. بەزىلەر شۇنداق دېدى. شۇڭا ياخشى بولۇپ كېتەر، دەپ ئولتۇرۇۋاتىمىز.

مۇخبىر:
– قالغان قولغا چۈشۈپ قالغان ياكى باشقا دۆلەتكە سالامەت كېتىۋالغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېڭىلىقلار يوقتۇ؟

ئوقۇغۇچى:
– شۇ، بىزنىڭ مۇشۇ ئايرودرومدىن تۈنۈگۈن ئىككى بالىنى تۇتۇۋالغاننىڭ گېپى بار. ئەمما سىرتتىن ئۆيلەرگە كىرىپ ئاختۇرىدىغان ئىشلار ھازىرچە سەل بېسىقىپ قالغاننىڭ گېپى بار. لېكىن ئايرودرومدا سەل (چاتاق). تۈنۈگۈن قاھىرەدىكى ئايرودرومدىن ئىككىنى تۈتىۋالدى. باشقا غۇردېقەدىن ئىككىنى (تۈتىۋالدى)، دېدى. ھازىر شۇ، ئەمما ماۋۇ سىرتتىكى باشقا ئىشلار يوق ئاساسەن، ئاللاھقا شۈكرى.

مۇخبىر:
– تۈنۈگۈن دېگىنىڭىز شۇ پەيشەنبە كۈنى بولىدىغۇ؟

ئوقۇغۇچى:
– توغرا پەيشەنبە كۈنى. شۇ ئىككى بالىنى ئايرودرومدىن چىقارغۇزماپتۇدەك. تۈركىيەگە ماڭغان بالىلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىكەنمەن. بىراق بۇ يەردىكى بالىلار، مۇشۇنداق بولغانلىقىنى دېدى. ئوقۇغۇچى بالىلار ئىدى. بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچى. ئۇلارنى نەگە ئېلىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئوچۇق مەلۇماتقا ئىگە بولمىدۇق.

مىسىر ھۆكۈمىتى قاھىرەدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مەزكۇر شەھەردىكى نۈزنە قاتارلىق بىر قانچە ساقچى پونكىتلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلاردىن نۈزنە ساقچى پونكىتىغا 10 دەك بالا سولانغان ئىدى. مىسىردىكى يۇقىرىقى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ دۈشەنبە كۈنى رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر نۈزنە ساقچى پونكىتىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى دۈشەنبە كۈنى باشقا جايغا يۆتكەپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، دائىرىلەرنىڭ ئىسكەندىرىيە شەھىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 16 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى دۈشەنبە كۈنى قاھىرەگە يۆتكىگەنلىكىگە دائىر خەۋەر كەلگەن.

مىسىر ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر يېقىنقى 15 كۈندىن بېرى قانچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇلاردىن قانچىسىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ياكى بېرىلمىگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلىپ باقمىدى. مىسىر بىخەتەرلىك ئورگانلىرى غەيرىي رەسمىي بايانلىرىدا، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ نىشانلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، داكومېنتسىز كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما مىسىردا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلارنىڭ مىسىردا قانۇنسىز تۇرۇۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلۇق تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى.

مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق مىسىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسى نىسبەتەن پاسسىپ بولۇپ كەلدى. مىسىردىكى «شەخسى ھەقلەر» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە دائىر ئۇچۇرلارنى دەلىللەپ بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇ ئۇچۇرنى تېخى دەلىللەپ بولمىدۇق. توردىكى نۇرغۇن ئۇچۇرلار ھەر خىل ‏- ھەر ياڭزا بولۇپ، كونكرېت ئەمەس. ئالدى بىلەن بۇ كىشىلەر مىسىرلىق ئەمەس. بىز نۇقتىلىق 21 ئەرەب دۆلىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئىشلەيمىز. شۇڭا، بۇ مەسىلىگە دائىر ئۇچۇرلارنى دەلىللىمەك ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس. بىراق مەن ئېيتالايمەنكى. مېنىڭ خىزمەتداشلىرىم بۇ ئىشنى ئىشلەۋاتىدۇ. بىراق ھازىر، بىزنىڭ بۇ يەردە كەچ بولۇپ كەتتى. ھازىر سائەت 5:30 بولدى. ئەگەر سىز ئەتە تېلېفون قىلسىڭىز، ياخشى بولىدۇ. شۇ چاغدا بۇ ئىشنى سوراپ ، ئۇنىڭ باش ئاخىرىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلەيمىز. مەن ھازىر بۇنىڭغا بىر نېمە دېيىشكە ۋەدە قىلالمايمەن.»

ئۇ يەنە، بىزنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ قانۇنلۇق داكومېنتى بار ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «بىز ئاڭلىغان خەۋەرلەردە 9 نەپەر گۇماندار تەكشۈرۈلۈش ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان. چۈنكى، ئۇلار بۇ يەردىكى بىر رېستوراندا قانۇنسىز ئىشلىگەن. بىزنىڭ ئاڭلىغىنىمىز بۇ. بىز يەنە 37 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىر مەزگىللىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. بىراق ئۇنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋىرىم يوق، چۈنكى، مەن كونكرېت ئەھۋالنى تەقىب قىلمىدىم.»

مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى قانۇنلۇق تۇرۇۋاتقان بولۇپ، مىسىر ھۆكۈمىتى قانۇنلۇق تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلغان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا ردىئوسى

Leave a Comment

*

*