مىسىرغا بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلار

ئىلىم ئېلىش پۇرسەتلىرىنى ئىزدەپ مىسىرغا كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ، يېقىنقى ئايلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال يۇرتىغا قايتىش توغرىسىدىكى تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئائىلىسىدىن كېلىدىغان ئىقتىسادىي مەنبەنىڭ ئۈزۈۋېتىلىشى ۋە باشقا ئېنىقسىز سەۋەبلەر بىلەن ئامالسىز ئوقۇشىنى تاشلاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە يۇرتىغا قايتقانلىرىنىڭ قايتا خەۋىرى بولمىغان بولسا، يەنە بىر قىسمى تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردىن يول ئىزدەۋاتقان ئىدى.

ھازىر مىسىردا قېلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئاز ساندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭچۇ؟

ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى مۇخبىرى ئىككى ئايدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر پەيتتە، قايتىپ كەلگەنلەرنى ۋە قايتىپ كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى ئاتالمىش «تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرى»غا تەشكىللەۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بەرگەن ئىدى.  خەۋەرگە قارىغاندا مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە باش ئەگمەي، مىسىردا قالغان ۋە تۈركىيەگە كەتكەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن كەلگەن يېڭى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرمۇ مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن توختىماي تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

بۇ ھەقتە مىسىردىن رادىئو بىلەن ئالاقىلەشكەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋال مەلۇم قىلىشىچە، ھازىر مىسىر قاھىرەدە خىتاينىڭ ئائىلىسى ئارقىلىق قىلغان تۈرلۈك بېسىم ۋە تەھدىتلىرىگە قارىماي ئوقۇشىنى داۋام قىلىۋاتقان 200دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قالغان بولسىمۇ، ئۇلار بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ پۇل سېلىشىنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا يۈزلەنگەن بولسا، يەنە كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار مىسىردا تۇرۇشتا كېرەكلىك قانۇنىي رەسمىيەتلىرى بولمىغانلىقى ۋە ياكى ئىقامىتىنىڭ ۋاقتى توشقانلىقى سەۋەبلىك مىسىر دائىرىلىرىنىڭمۇ سوئال سوراق ۋە بېسىملىرىغا ئۇچرىغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، مىسىردىن كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاينىڭ ئايرودروملىرىدا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىدەك خەۋەرلەر، مىسىردا قالغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنى قانداق قىلىپ بولمىسۇن قايتىپ كەتمەسلىك ھەققىدە قارار ئېلىشقا قىستىسا، تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا تارقالغان بىر قىسىم گەپلەر ئۇلاردا تەشۋىش پەيدا قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رادىكاللىقنى تۈگىتىش نامىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرغان تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرىغىمۇ ئاساسلىق دىنغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقى يەنى ئۆزلىرى ياكى پەرزەنتلىرى دىندا ياكى مىسىر، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا ئوقۇغانلارنىڭ نۇقتىلىق تەقىبگە ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ يېقىنقى ئايلاردا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن غەيرىي رەسمىي يوسۇندا، 6-ئاينىڭ ئاخىرغىچە يۇرتىغا قايتىپ تىزىمدىن ئۆتۈش ھەققىدە ھەر خىل تەھدىتلەرنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى مەلۇم ئىدى.
دائىرىلەر بۇ خىل ئاتالمىش تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرىغا تەشكىللەنگەنلەر «دىنىي ئەسەبىيلىك، زوراۋان تېررورلۇق ئىدىيىسىدىن يۇقۇملانغان، شۇڭلاشقا ئۇلار بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىشى كېرەك» دەپ ئۆزىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ئاشكارا كۆرسەتكەن ئىدى.

ئاقسۇ ئاخبارات تورىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىدىن يەنە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 8 ناھىيە ۋە بىر شەھەردە تەسىس قىلغان تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرى تەتىل قىلىپ كەلگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ستۇدېنتلارنىڭ تەشكىللەنگەنلىكى ۋە ئۇلار بۇ تەربىيىلەش سىنىپلىرىدا «3 خىل كۈچ» كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ھەققىدە ئىدىيەۋىي تەربىيەگە قاتناشقاندىن باشقا، خىتاي دۆلەت بايرىقى ئالدىدا كوللېكتىپ قەسەمياد يىغىنىغا ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. خەۋەردە «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ستۇدېنتلار مۇھىم كۈچ ھېسابلىنىدۇ» دېيىلگەن.

خىتاينىڭ تور ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە بولغان رېجىمنى كۈچەيتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈشتە قاتتىق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقى سەۋەبلىك، مىسىردىن ئۇيغۇر ئېلىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلاردىن قانچىلىك قىسمىنىڭ بۇ خىل سىنىپلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ۋە قانداق قىسمەتلەرگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ئىگىلىگەن پاكىتلىق مەلۇماتلىرىمىز چەكلىك بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەگە يول ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن ۋە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىدىن مەلۇماتلار ئىگىلەش پۇرسىتى بولۇپ كەلدى.

ئىگىللىنىشىچە، ئاتا-ئانىسىدىن، ۋەتىنىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان، ئىقتىسادىدىن ئايرىلغان، ئۈمىدسىزلىك ۋە تۈرلۈك روھىي بېسىم ۋەھىمىلەرگە يەم بولۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مىسىردىن ئايرىلىپ تۈركىيەدىن پاناھ ئىزدەشكە باشلىغان. مىسىردىن تۈركىيەگە مىڭ بىر مۇشەققەتتە كېلىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىغان، ئۇلار، تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق رەسمىيەتلىرىنىڭ ھەل بولۇشىمۇ ئاسانغا توختىمايۋاتقانلىقى ئۈچۈن يەنىلا ئىقتىسادىي، بىخەتەرلىك، تۇرمۇش ۋە باشقا جەھەتلەردىن غەمدىن خالى بولالماي، ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلالمايۋاتماقتا. خاتىرجەمسىزلىكى تۈپەيلى دەردىنى ئاڭلىتىشتىمۇ ئىككىلەنمەكتە ئىكەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ساخاۋەتچى ئۇيغۇرلارنىڭ مەخسۇس مىسىردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا ياردەم، خەيرخاھلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ، رامىزان مەزگىلىدە مىسىردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش چاقىرىقلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئالاھىدە كۈچەيگەن ئىدى.

بۈگۈن بۇ ھەقتە ب تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن، ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندى گەرچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرەپتىن مىسىردىن قايتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا مەخسۇس بىر ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى سىياسەت بولمىسىمۇ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە يەرلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئاكتىپ ھالدا جىددىي تەدبىرلەر ئېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قەدەممۇ-قەدەم ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەگە كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ پاناھلىق يوللىرى ھەققىدە توختالغان ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندى يەنە، مىسىردىن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات ياكى ئۇيغۇرلاردىنلا ياردەم ئىزدەش بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقىنى، تۇرمۇش ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە تېز ئارىدا كېپىللىككە ئېرىشىش ئۈچۈن، تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ئىشخانىلىرىغا ئىلتىماس قىلىشقىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*