رابىيە قادىر خانىم:بارلىق ئۇيغۇرلار مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، بىرلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتەيلى!

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي رەھبىرى ۋە مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم ، بارغانسېرى قەبىھلىشىپ كېتىۋاتقان خىتاي ھۆكمىتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان قىلمىشلىرى، خەلقىمىزنىڭ بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى، خىتاي ھۆكمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى، مۇشۇنداق پەيتتە ۋەتەن ئىچىدىكى ۋە ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە سوز قىلدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالدىمىزدا ئېچىلىدىغان ئىككىنچى قېتىملىق شەرقي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى يىغىنىنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى. رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە، داۋا ئىچىدىكىلەرنىڭ نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە سوز قىلىپ، داۋانى تېخىمۇ كۈچەيتىش، يېڭىچە ئىستراتېگىيە ۋە يول ئىزدەش لازىملىقى ھەققىدە سوز قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكمىتىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتىپ كېتىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ بۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى قايتىپ كېتىشكە ياكى ئۆزىگە ئىشلەشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ خىتاينىڭ بىر ئالدامچىلىقى ئىكەنلىكىنى، بىزنىڭ ھوشيار بۇلىشىمىز كېرەكلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەتتا خىتايغا خىزمەت قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇرلارغا ھامان ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىگە خىزمەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىمۇ ھامان بىر كۈنى بوش قۇيۇۋەتمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ھوشيار بولۇپ، ئالدىنىپ ئۆتىۋەرمەسلىكىمىزنى تەشەببۇس قىلدى.
رابىيىە قادىر خانىم بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قولنى قولغا تۇتۇپ، خىتاينىڭ بۈگۈنكى سىياسەتلىرىگە قارشى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىتتىپاقلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىشكە چاقىردى.

Leave a Comment

*

*