خىتاينىڭ دىنىي رادىكاللىقنى يوقىتىش ھەرىكىتىدە ئۇيغۇر قىز، ئاياللىرى نىشانغا ئېلىنغان

ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇرۇق-تۇغقان ۋە ئاچا-سىڭىللىرى دىنىي ئەسەبىيلىك دېگەن باھانىدە تۇتقۇن قىلىنغان  رادىئو ئاڭلىغۇچىنىڭ ئەركىن ئاىسيا رادىئوسىغا يەتكۈزۈشىچە، يېقىنقى ئىككى ئايدا، خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس دىنىي رادىكاللىققا قارشى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆي ئاختۇرۇش، يانفونلىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا دىنغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەت ياكى مەزمۇنلار بايقالغانلارنى، ھىجابلانغان ئاياللارنى قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلىپ، تېز ئارىدا جازا كۆرمەكتە ئىكەن، جازا بېكىتىلمىگەنلىرىنى بولسا ئايلاردىن بۇيان «رادىكاللىقنى تۈگىتىش تەربىيىلەش كۇرس» لىرىغا يىغىۋالغان بولۇپ، غەيرىي رەسمىي تۈرمە شەكلىدىكى بۇ كۇرسلار ئاساسەن ھەممە كەنتلەردە تەسىس قىلىنغان. بۇ خىل غەيرىي رەسمىي تۈرمىلەردە قىز-ئاياللارنىڭ سانىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپ ئىكەنلىكى ئىنكاس قىلىنغان.

بۇ ھەقتىكى ئىگىلەشلەر داۋامىدا، ئېنىق سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھىجابلىق ئاياللارنى تۇتۇشقا كەنت ساقچىخانىلىرى مەسئۇل بولۇشىغا قارىماستىن، ئۇلارنى مەخسۇس ئايرىم بىر كاتېگورىيەگە كىرگۈزۈپ تۇتۇپ تۇرۇشقا كەنت ھۆكۈمەت ئورگانلىرى مەسئۇل بولۇۋاتقانلىقى دەلىللەنگەن.

رادىيومىزغا يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار يازما ۋە تېلېفون ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، بولۇپمۇ رامىزان ھارپىسىدىن باشلاپ دىنىي تەلىمگە ئىگە، ئىسلامى يوسۇندا ياشاۋاتقان، ھىجابلانغان، ساقال قويغان كىشىلەرنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى سەۋەبلىك ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە دىنىي مەزمۇنلارنى كۆرگەن ياكى يوللىغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنىپ، بەزىلىرىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئىنكاسلاردا ھەممىدىن كۆپ، ئۇيغۇر قىز، ئاياللارنىڭ، ئانىلارنىڭ، ئائىلىسىدىن، بالىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ، دائىرىلەر تەرىپىدىن قېرى-ياش دېمەيلا كەنتلەردىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى، ئاتالمىش رادىكاللىقنى تۈگىتىش كۇرسلىرىغا ئېلىپ كېتىلىپ، ئايلارچە سولاپ قويۇلۇۋاتقانلىقى ھەمدە سىرت بىلەن ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللار بولماقتا. يېقىندا ھەتتا، بىر قازاق زىيالىي خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي رادىكاللىققا قارشى نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىدا ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

مۇخبىر تۈركىيەدىن ئىنكاس قىلغۇچى بىرىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسەن، ئائىلىسىدىن ئايالى ۋە ئاچىسى ھىجابلانغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلىپ، بىر ئايدىن بۇيان كۆرۈشتۈرۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن ناھىيىگىچە ئەرز قىلىپ بېرىپمۇ تۇتقۇن قىلىنغان ئايالى ۋە ئاچىسىنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىغان خوتەن بىر ئۇيغۇر بىلەن ئالاقىلەشقان، ئەمما ئۇ، ئۆزىنىڭ ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ نام شەرىپىنى ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ بېشىغا تېخىمۇ چوش بالا-قازا كېلىشى مۇمكىن دەپ ئويلاۋاتقانلىقىنى، شۇڭلاشقا دائىرىلەرنىڭ تەھدىتى تۈپەيلى سۈكۈت قىلىپ خەۋەر كۈتۈشتىن باشقا ئامالى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كەنت دائىرىلىرىدىكى ئورگان كادىرلىرى بىر ھەپتە ئاۋۋال ئۆي تەكشۈرۈشكە كىرگەندە، ھىجابلانغان ھالدا ناماز ئوقۇۋاتقان ئايالى ۋە ئاچىسىنى بايقاپ تۇتۇپ كەنتكە ئېلىپ كەتكەن. شۇندىن بۇيان ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىغان. ئەمما، دائىرىلەر ئۇنىڭغا تولا كېلىپ ئاۋارە قىلماسلىقنى ئاگاھلاندۇرۇپ، 3 ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خوتەن لوپ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن بىر ئۇيغۇر ساقچى تېلېفوننى ئېلىپ، ھازىرقى ئاساسلىق ۋەزىپىنىڭ دىنىي رادىكاللىقنى تۈگىتىش ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، مۇناسىۋەتلىك تۇتقۇنلار سانى ۋە ئۇلارنىڭ نەدە، قاچانغىچە تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

لوپ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تارمىقىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن زىيارەت قوبۇل قىلغان بىر ساقچى، يېقىنقى بىر ھەپتە جەريانىدا ھىجابلىق، ياغلىق ئارتقان ئاياللارنى تەكشۈرۈش ۋە تۇتۇش جىددىي ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن، كەنتلەردە ئورگان كادىرلىرى يېتىشمەي، ھازىر ساقچىلارنىڭمۇ مەخسۇس شۇلارنى چارلاش ۋە تۇتۇشقا سەپلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇش، تەربىيىلەشكە كەنت ئورگانلىرى ئۆزلىرى مەسئۇل بولغاچقا، بۇ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا 3 ئايالدىن باشقا ئايال يوقلۇقىنى ئېيتقان.

مۇخبىر لوپتىكى بىر كەنتتە ئاياللارنى رادىكاللىققا قارشى كۇرستا تەربىيىلەشكە قاتنىشىۋاتقان بىر ياش ئايال كادىر بىلەن ئالاقىلەشقاندا، يېڭى خىزمەتكە چۈشكەن بۇ قىز كۆپ نەرسە دېيىشكە پېتىنالمىغان بولسىمۇ، ئاياللارنىڭ ئايرىم ئۆگىنىش قىلىۋاتقانلىقىنى، كەنتتىكى ئاياللارنى كەنت ئايال كادىرلىرىنىڭ تىزىملىكى بويىچە قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا يوللاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما باشقا سوئاللارغا جاۋاب بەرمەي تېلېفوننى ئۈزگەن.

18-ئىيۇن ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۈندىدار سۇپىسىدا «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ۋە رادىكاللىقنىڭ 26 خىل ئىپادىسى» نى تارقاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەتتا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر قانداق دىنغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تارقاتقاندىن باشقا كۆرگەنلەرنىڭمۇ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇرۇن دائىرىلەر يۈزىنى ياپقان، جىلباپ، نىقاب، ھىجاب قاتارلىقلارنى كىيگەنلەرنى دىنىي رادىكاللىق كاتېگورىيەسىگە ئالغان بولسا، بۇ يېڭىلىغان چەكلەش تەدبىرىدە، لېچەك تاقىغانلارنىمۇ، ھەتتا تۈركىيە بايرىقىنىڭ سۈرىتى بار كىيىملەرنى، ئاي يۇلتۇز بەلگىسى بار زىننەت بۇيۇملارنى تاقاشنىمۇ تەقىپلەش كاتېگورىيەسىگە رەسمىي كىرگۈزگەن ۋە يەنە ئاياللارنىڭ سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ دىنىي تەبلىخ قىلىشى ۋە ئاڭلىشىمۇ قانۇنسىزلىق سانىلىدىكەن.

بۇنىڭ ئالدىدا، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى دوختۇرخانا، ھۆكۈمەت ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى، ماي قاچىلاش پونكىتلىرى، ھەتتا ئاممىۋى قاتناش قوراللىرى، كۈتۈپخانىلارغا ئوخشاش ئىجتىمائىي سورۇنلارغىمۇ ھىجابلىق ئايللارنىڭ كىرىشىنى چەكلەيدىغان مەخسۇس ئۇقتۇرۇش ۋە تەدبىرلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل يېڭىدىن چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئىجرا قىلىۋاتقان «رادىكاللىقنى يوقىتىش»، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» يەرلىك تەدبىرىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان تەقىبلەش دائىرىسىنىڭ يەنىمۇ كېڭەيتىلگەنلىكى مەلۇم. ئەمما بۇ ھەقتە دائىرىلەر ۋە يەرلىكتىن ئەھۋال ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، يېقىندىن بۇيان تېخىمۇ زور كاشىلا ۋە توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا ئىكەن.  بۇ خىل ئەھۋاللار رايوندا رامىزان كىرگەندىن بۇيان ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلەشكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*