مەھبۇس ئابلىمىت داموللامنىڭ ئائىلە قورۇسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان

ئۆتكەن ئايلاردا مۇھاجىرەتتىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قەشقەردە 1990-يىللاردا چەتئەل تىلى مەكتىپى ئاچقان دىنىي ئالىم ئابلىمىت داموللامنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى. يېقىندا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ قەشقەردىكى ساقچىخانىلاردىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، ئابلىمىت داموللامنىڭ بىر مەزگىل ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىنىش بىلەن بىرلىكتە، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئائىلە قورۇسىنىڭ بىر گۇرۇپپا ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.

قەشقەردە دىنىي ۋە مائارىپ ساھەسىدە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بەلگىلىك دەرىجىدە تونۇلغان ئابلىمىت داموللامنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىق ۋە تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىك ئۇچۇرىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، قەشقەردىكى ھەرقايسى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق.

زىيارەت قوبۇل قىلغان ساقچىخانا خادىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئابلىمىت داموللام ھەققىدە ئېغىز ئېچىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرغان. ساقچىلاردىن بىرى ئابلىمىت داموللامنىڭ بىر مەزگىل ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن خەۋىرىنى بارلىقىنى ئېيتقان. نەزەرباغ ساقچى خادىملىرى ئابلىمىت داموللامنىڭ ئائىلە-قورۇسىنىڭ نۆۋەتتە غوپۇرجان زېمىن ئىسىملىك بىر ساقچى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان غوپۇرجان زېمىن ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە بىر گۇرۇپپا ساقچىلار بىلەن ئابلىمىت داموللامنىڭ ئائىلە قورۇسىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن؛ ئەمما قانداق بىر سەۋەب ۋە زۆرۈرىيەت بىلەن نازارەت قىلىۋاتقانلىقى ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان.

قانداق ئەھۋال ئاستىدا بىر مەھبۇس ئائىلىسىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندىنى زىيارەت قىلغاندا، يولۋاس ئەپەندى ، ئادەتتە خىتاي قانۇن سىستېمىسىدا بىر مەھبۇس ئائىلىسىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش، پەقەت شۇ مەھبۇس بىلەن ئالاقىدار چوڭ بىر ۋەقە يۈز بەرگەندە، ساقچىلار ئائىلە-ئەزالىرى ياكى قوشنىلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان بىر بىخەتەرلىك تەدبىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىقى ئېنىقلاشلار داۋامىدا ئابلىمىت داموللامنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ئۇچۇرى ساقچىلار تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىگىلەنگەن مەلۇماتلار مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىق ئېھتىماللىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە ئىكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*