ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىسىم قويۇش چەكلىمىسى كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلدى

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى يېقىندا بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېڭى تۇغۇلغان بالىلارغا مۇجاھىد، مۇھەممەد، باغدات، تۈركىزات، سۈرىيە، مەدىنە قاتارلىق 29 خىل ئىسىمنى قويۇشنى چەكلىگەن ئىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەر ئىستانسىمىز تەرىپىدىن تارقىتىلغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتىكى سۆزىدە ئىسىم قويۇشنىڭ ھەربىر ئاتا-ئانىنى ھاياجانغا سالىدىغان، خۇسۇسىي بىر ئىشلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دىنى رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش دېگەن نامدا دىنى ئەركىنلىك ھوقۇقىنى چەكلەش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر مىسالى» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەنچە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى قىلىشقا تامامەن ھوقۇقلۇق بولغان بىر ئىشنىمۇ كونترول قىلىش ۋە چەكلەش ئۈچۈن ئالغان تەدبىرلىرىنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنى يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ. بىراق بۇ مەنچە ئىنتايىن ئەخمىقانە ۋە قارشىلىق پەيدا قىلىدىغان بىر ھەرىكەت. بۇ مەيلى خىتاي قانۇنلىرىدا بولسۇن مەيلى خەلقئارا قانۇنلاردا بولسۇن ھېچقانداق بىر ئاساسقا ئىگە ئەمەس. بۇ تەدبىر ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق قىلىش ئەمەس ئەكسىچە، پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە ياتلىشىشىنى، ئۇ جەمئىيەتنى ئىنكار قىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ، خالاس» دېدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇرلار تارىختىن بېرى قويۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىسىملارنىمۇ چەكلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى«ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلانغان بۇ ئىسىملارنى چەكلەش بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق يارىتىش ئارىسىدا قانداق بىر مۇناسىۋەت بارلىقى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ»، دېدى. ئۇ سۆزىدە «مەنچە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىغا قانچىلىك دەرىجىدە ئارىلىشىۋالغانلىقىنىڭ كۈچلۈك نامايەندىسى. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ ھېچقانداق بىر قىسمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىدىن خالىي ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى چەكلىگەن بۇ ئىسىملار ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قوللىنىپ كەلگەن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان ئىسىملاردۇر. مېنى ئويلاندۇرغىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىسىملارنى چەكلەش بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق يارىتىش ئارىسىدا قانداق بىر باغلىنىش قۇرۇپ چىققاندۇ. خىتاي نېمىشقا بۇنىڭ ئەكسىچە ئىسىملارنى چەكلىسەك ئۇيغۇر ئېلىدە بىخەتەرلىكنى قوغدىيالايمىز، دەپ قارايدۇ ئەمەلىيەتتە بۇنداق سىياسەتلەر نارازىلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ».

خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بەلگىلىمىدە، ئەگەر يۇقىرىدىكى تىزىملىكتە ئورۇن ئالغان چەكلەنگەن ئىسىملار قويۇلغان بالىلار بولسا بۇ بالىلارنىڭ نوپۇسقا ئېلىنمايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپ – سەھىيە خىزمەتلىرىگىمۇ ئېرىشەلمەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

سوفى رىچاردسون خانىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر بۇنى ئىجرا قىلغان تەقدىردە، ئۆز قانۇنلىرىنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە بىر كىشى ئەگەر بالىلىرىغا چەكلەنگەن ئىسىم قويغانلىقى ئۈچۈن بالىسىنى نوپۇسقا ئالدۇرالمىسا، مەكتەپكە تىزىملىتالمىسا ئۇنىڭ ئەسلىدە خىتاي قانۇنلىرىغا ئاساسەن ھۆكۈمەتنى خۇسۇسىي ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىش بىلەن ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق. بىراق بۇ يەردە خىتايدىكى سوتلار ئۆزلىرى بېكىتكەن قانۇنلارغا ئەمەل قىلامدۇ؟ دېگەن مەسىلە بار. چۈنكى خىتايدىكى ئەدلىيە مۇستەقىللىقىنىڭ ئەھۋالى ھەممىمىزگە ئايان. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق بىر ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئاللىقاچان خىتاي قانۇنىنىڭ ئوبرازىغا زىيان بېرىپ بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەقلىنى ئىشلىتىپ، يۇقىرىدىكى ئۇقتۇرۇشتىكى مەزمۇنلارنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. قالغىنىنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كۆرىمىز»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا قويۇشقا بولمايدىغان ئىسىملار تىزىملىكى دەيدىغان ئۇقتۇرۇشنى تارقىتىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. بۇ خەۋەر «نيۇيورك ۋاقتى»، «مالىيە ۋاقتى»، «مۇھاپىزەتچى»، «مۇستەقىللىق» گېزىتلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، بالىلىرىغا قانداق ئىسىم قويۇش -قويماسلىقنىمۇ بەلگىلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*