رابىيە قادىر خانىم: قورچاق رەئىسنىڭ بايانلىرى باستۇرۇش ئوبيېكتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى

 خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» 20-ئاپرېل، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش» ھەققىدىكى سۆزلىرىنى باش ماقالە سۈپىتىدە ئېلان قىلدى.

ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى»، ئاپتونومىيە ھوقۇقى «پەقەت بىر مىللەت بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق ئەمەس» لىكى تەكىتلىگەن.

شۆھرەت زاكىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېيتقان سۆزلىرىدە «ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئويغىنايلى» دەپ، مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا خىتاب قىلغان ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ، «زوراۋان-تېررورچىلار» نىڭ رەزىل قىلمىشى ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىش» نىڭ ھەممىسى «جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئالغانلىق…» دەپ ئۇيغۇرلارنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئايرىپ نىشانغا ئالغان تەھدىتى سۆزلىرىنىڭ بەكرەك دىققىتىنى چەككەنلىكىنى بىلدۈرگەن د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم «قورچاق رەئىس شۆھرەت زاكىرنىڭ بايانلىرىنىڭ ئۆزى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ئوبيېكتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنىڭ، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغانغانلىقىدىن قورقۇپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى» دەپ كۆرسەتتى.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» 20-ئاپرېل، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش» ھەققىدىكى سۆزلىرىنى باش ماقالە سۈپىتىدە ئېلان قىلدى.

ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى»، ئاپتونومىيە ھوقۇقى «پەقەت بىر مىللەت بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق ئەمەس» لىكى تەكىتلىگەن.

شۆھرەت زاكىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېيتقان سۆزلىرىدە «ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئويغىنايلى» دەپ، مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا خىتاب قىلغان ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ، «زوراۋان-تېررورچىلار» نىڭ رەزىل قىلمىشى ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىش» نىڭ ھەممىسى «جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئالغانلىق…» دەپ ئۇيغۇرلارنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئايرىپ نىشانغا ئالغان تەھدىتى سۆزلىرىنىڭ بەكرەك دىققىتىنى چەككەنلىكىنى بىلدۈرگەن د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم «قورچاق رەئىس شۆھرەت زاكىرنىڭ بايانلىرىنىڭ ئۆزى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ئوبيېكتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنىڭ، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغانغانلىقىدىن قورقۇپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى» دەپ كۆرسەتتى.

نۆۋەتتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى  گۈلچېھرەنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىز. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىز.

مەنبە:  ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*