تۈرمىدىن چىقىپلا ۋاپات بولغان سابىق كەنت سېكرېتارغا دائىر بەزى تەپسىلاتلار ئاشكارىلاندى

دائىرىلەر پوسكام تۈرمىسىدە بىر يېرىم يىل ياتقان ئابابەكرى سايىتنىيازنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ، ئۆلۈم گىردابىغا كېلىپ قالغاندا ئەگرىتېرەك كەنتىنىڭ پارتىيە سېكرېتارىنى چاقىرىپ، ئۇنى كەنت دائىرىلىرىگە كېپىللىككە قويۇپ بەرگەن.

تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان بىر بىمارنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ئورنىغا نېمە ئۈچۈن كەنت دائىرىلىرىگە كېپىللىككە بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى مۇخبىرى بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ ئاخىرى، ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، قولغا ئېلىنىش سەۋەبى، ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا دائىر بەزى ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن. پوسكام ناھىيەسىدىكى بىر يەرلىك كادىرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى بۇ ئائىلىدىكى دىنىي كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن.

كادىر: ئابابەكرى سايىتنىياز، بۇ ئادەمنىڭكى 2014‏-يىلى ئەتراپىدا ئوغلى تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن.ھازىر بۇ يەردە بارى ئابدۇراخمان. 3 ئوغۇل، بۇ بالىلارنىڭ چوڭى ئابدۇكېرىم ئابابەكرى، ئوتتۇرانچىسى ئابدۇراخمان ئابابەكرى، كىچىكى مۇتەللىپ ئابابەكرى. مۇتەللىپ ئابابەكرى چەتكە چىقىپ كېتىش دېگەن قانۇنسىز ئىشلار بىلەن تۈرمىگە ئېلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىن 2015‏-يىلى 8‏-ئاي ئەتراپىدا، بىر كۈنى بىز كەنتتە چوڭ يىغىن ئېچىۋاتاتتۇق. شۇ يەردە شۇ ئابابەكرىنى ساقچىخانىدىن چىقىپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئۇ ئادەم بۇرۇن بىزگە بىر يىل سېكرېتار بولغان.

مۇخبىر: ئاشۇ يىغىن مەيدانىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتتىما؟
كادىر: ھەئە، شۇ يىغىن مەيدانىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ 2016‏-يىلى 12‏-ئاي ياكى 2017‏-يىلى 1‏-ئاي ئەتراپىدا، ئاي، كۈنى ساق ئېسىمدە قالماپتۇ، ناھىيەدىن سوت ئېچىلىدۇ، دەپ توۋلىدى. بىزنىڭ ياچېيكا سېكرېتارى ئۇنى قايتۇرۇپ ئېلىپ چىققان پەيشەنبە كۈنى. پەيشەنبە كۈنى ئېلىپ چىقتى بۇ ئادەمنى، كېيىنكى پەيشەنبە كۈنى قازا قىلىپ كەتتى.

مۇخبىر: تۈرمىدە بىر يىل ياتقان بولدىمۇ بۇ ئادەم؟
كادىر: شۇ، شۇ بىر يىل ئەتراپىدا تۇردى. بىر يىلدىن سەل-پەل جىقراق تۇردى. بىز كەنت كېپىل بولۇپ ئېلىپ چىققان، ئىگە بولۇپ، بىز ياندۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ شۇ بىر ھەپتىدىن كېيىن، سالامەتلىكى تازا يار بەرمەي دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىرىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى. ئەمما بۇ ئادەمنىڭ ئائىلىسىنىڭ دىنىي كەيپىياتى سەل قويۇق. بۇ ئادەمنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇكېرىم ئابابەكرى، دېدىم بايام، پىلاندىن سىرت بالىسى بار، پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى. ئۇنىڭكى تاغىسىنىڭ بالىسى، نەۋرە تۇغقىنى ئابدۇقادىر ئەبەيدۇللا، بۇنىڭكى بىر ئوغلى مۇتەللىپ ئابابەكرى بىلەن بىرگە تۇتۇلۇپ كەتتى، ھازىر تۈرمىدە.

مۇخبىر: ئابدۇقادىر ئەبەيدۇللانىڭ ئوغلىنى دەمسىز؟
كادىر: ھەئە، ئوغلى تۈرمىدە، شۇلار تۇغقانلار. ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ ئابدۇقادىر ئەبەيدۇللانىڭ ئىنىسى يۈسۈپ قادىر ئەبەيدۇللا دەيمىز، شۇمۇ پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلدى، ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم. ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇقادىر ئەبەيدۇللانىڭ ئاكىسى ھېبۇللا ئەبەيدۇللا ئۇنىڭكى ئوغلىمۇ ھازىر تۈرمىدە، بىر قېتىم قويۇپ بېرىلىپ، 2‏-قېتىم يەنە كىرىپ كەتتى.

مۇخبىر: ھېبۇللا ئەبەيدۇللانىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمىنى بىلەمسىز؟
كادىر: ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى مۇھەممەت ھېبۇللا. ئەمدى مانىڭغا قانچىلىك سوت كەسكەنلىكىنى بىلمىدۇق. بۇ كىرىپ كەتكەنگە 3 ئايدىن ئېشىپ قالدى. 2016‏-يىلى 12-ئاي ئەتراپىدا كىرىپ كەتتىغۇ،دەيمەن. شۇنىڭ بىلەن ئابابەكرى سايىتنىياز بىزنىڭ كەنتتىكى قانۇنغا بويسۇنمايدىغانلارنىڭ باش «جىنايەتچىسى»، نۇقتىلىق ئائىلە بولۇپ قالدى. بىز ئائىلە زىيارىتى، دەپ ھەتتا ئائىلىسىگە كىرگەن ۋاقتىمىزدىمۇ مۇنداق بىر ئىللىق چىراي يوقتى شۇ ئائىلىدە. خىزمەت گۇرۇپپىسىغا قاپىقىنى قىرلاپ، ئىللىق چىراي ئاچمايتتى. شۇنىڭ بىلەن شۇ بىر يىلدىن ئارتۇقراق تۈرمىدە تۇرۇپ، ياندۇرۇپ چىقىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى.

مۇخبىر: نېمىشقا سىلەر كاپالەتكە ئېلىپ چىققانتىڭلار؟
كادىر: بىزگە ئاشۇ سوت ئاچىدۇ، دەپ خەۋەر كەلدى، سېكرېتارغا. سېكرېتار ناھىيەلىك سوتقا چىقسا، مۇشۇ ئادىمىڭلارنى تەربىيىلەپ ياخشى، ئادەم قىلىڭلار، دەپ تاپشۇرۇپ بېرىپتىكەن. سېكرېتار ماشىنىدا ئېلىپ چىقىپ، بىر ۋاق تاماقنى بىرگە يەپ ئىككىسى. ئەمدى ئۇ ئادەم بىر يىلدىن ئارتۇق تۇرغاندىن كېيىن تۈرمىدە، سولاقخانىنىڭ تامىقى تازا ياخشى ئەمەس، بىز كۆرۈپ باقمىدۇق، ئەمما باشقىلاردىن ئاڭلىدۇق. ئۇ يەردە بىر سومەن يېگۈم بار، دەپتىكەن، ئاشخانىغا بىرگە ئېلىپ كىرىپتۇ، سېكرېتار. لېكىن تاماقنى يەپ ئاشخانىدىن چىقىپ بولغۇچە يېنىپ كېتىپتۇ تاماق. ئاشۇنداق ئۆيگە ئېلىپ چىقىپ قويۇپتىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن سالامەتلىكى ياخشى بولماي دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، شۇ تۈرمىدىن چىقىپ بىر ھەپتىدىن كېيىنلام ئۆلدى.

مۇخبىر: ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى مۇتەللىپ ئابابەكرى ھازىر يەنە تۈرمىدىمۇ، ئۇ ھىجرەتكە ماڭغان، دەپ كېسىلگەنمۇ؟
كادىر: ھەئە، تۈرمىدە ھازىر. بۇنى 5 يىللىقمۇ، 6 يىللىق كېسىپتىكەن. ئۇ ئاساسەن شۇ قانۇنغا خىلاپ، سىياسەتكە چېتىشلىق بولۇپ، مۇشۇ بالا، بايام دېگەن ئابدۇقادىر ئەبەيدۇللانىڭ بالىسى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە شۇ مەھەللىدىن تۇرۇپ ئۆمەر، دەيدىغان بىر ئادەمنىڭ بالىسى ئابلىمىت تۇرۇپ، يەنە بىزنىڭ كەنتتىكى ئابدۇخالىق مۇھەممەتنىڭ بالىسى ئالىمجان دەيدىغان بالىلار چەتكە چىقىپ كېتىشنى ئويلاپ، ئاقسۇدا تۇتۇلغان. ئابلىمىت تۇرۇپ يەكەننىڭ ئىگەچى يېزىسىدىكى چازىدا تۇتۇلدى. مۇتەللىپ بىلەن قالغان ئىككىسى ئاقسۇدا تۇتۇلۇپ كېسىلىپ كەتكەن بالىلار.

مۇخبىر: ئۇ ئابابەكرى سايىتنىيازنى بايام تۈرمىدىن چىقىپلا تۇيۇقسىز قايتىش بولدى، دېدىڭىز. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىيالىدىڭلارما؟
كادىر: ياق ئۇنىڭ سەۋەبىنى، شۇ دوختۇرخانىدا كىرىپ، 4-5 كۈن يېتىپتۇ. ئۆيىگە چىقىپ بىر-ئىككى كۈن تۇرغان ئوخشايدۇ. مەن ئۇ چىققاندىن كېيىن بىر كۈنى ئەتىگەندە كىچىككىنە پۇرسەت چىقىپتىكەن، كۆرۈشتۈم. ئادەتتە ئۆزى خېلى گەۋدىلىك چوڭ ئادەم ئىدى، خېلى ئۇستىخانلىق. ئەمما بەك ئورۇقلاپ، بەك يىگلەپ كېتىپتىكەن. شۇ 2مىنۇتتەك كۆرۈشۈپ، ئالدىراش چىقىپ كېتىپ قالدىم. بىراق ۋاپاتىغا نېمە سەۋەب بولدى، خەۋەر تاپمىدۇق.

بىز يەنە ئەگرىتېرەك كەنتىگە قاراشلىق گۈلباغ يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقىغا تېلېفون قىلىپ، مەرھۇمغا دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، بىراق مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى تۇرسۇن ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلدى.

ساقچى: ھەئە، مەن تۇرسۇنجان. ۋاي، مەن ئەگرىتىرەككە مەسئۇل ئەمەستىم. قەتئىي بىلمەيمەن ئۇ ئىشنى، مەن بىلمەيمەن جۇمۇڭ. مېنىڭ قەتئىي خەۋىرى يوقكەن بۇ ئىشلاردىن. نېمە سەۋەبتىن تۈرمىگە كىرگەنلىكىدىنمۇ خەۋىرىم يوقكەن.

ئابابەكرى سايىتنىيازنىڭ ئۆلۈمى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارىلىنىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. د ئۇ ق بۇ يىل 20‏-مارت ئېلان قىلغان باياناتىدا، پوسكام دائىرىلىرىنى ئابابەكرى سايىتنىيازنىڭ ئۆلۈمىگە چۈشەنچە بېرىشكە چاقىرغان.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ جەسەت تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، « مېدىتسىنا، سەھىيە تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، بۇ ئىنساننىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تولۇق ئېنىقلاش، تەن جازاسىغا ئۇچرىغان، تاياق يېگەن ياكى ئۆزىنىڭ تەن سالامەتلىكىدە مەسىلە بار-يوقلۇقىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈش كېرەك، دەپ قارايمەن. بۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرغاندىن كېيىنلام، بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا ئېغىر بىر مەسىلە بار، دەپ قارىساق خاتالاشمايمىز» دېگەن ئىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*