سېكرېتار: ئاتۇشتا پاسپورت بېرىلىشتە 3 ئەۋلاد سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈش تەكشۈرۈلىدۇ

يېقىندا ئاتۇشنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە رادىيومىزغا يوللانغان مەكتۇپتا ئاتۇشتىكى دائىرىلەرنىڭ پاسپورت ئىشلەشتە 3 ئەۋلاد سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى، ئۈچ ئەۋلادنىڭ ھەرقانداق بىرىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلەرگە پاسپورت بېرىلمەيۋاتقانلىقى پاش قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا، ئاتۇشنىڭ يۇقىرى ئىشتاچى كەنتىدە يېقىندا 280 پاسپورت يىغىۋېلىنغانلىقى ۋە يىغىۋېلىنغان پاسپورتلارنى قايتا بېرىشتە، ئائىلىسىدە 3 ئەۋلاد كىشىلەر ئارىسىدا سىياسىي مەسىلە كۆرۈلمىگەن بولۇش شەرت قىلىنغانلىقى دەلىللەندى.

رادىئومىزغا كەلگەن مەكتۇپتا، يېقىندا ئاتۇشتا، چەتئەلدە تىجارەت قىلىۋاتقانلارنى دەر ھال قايتىپ كېلىشكە ئۈندىگەن بىر ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغانلىقى ۋە ئالاقىدار ئائىلىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى قايتۇرۇپ ئەكېلىش ھەققىدە بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، كەنت سېكرېتارى بۇنداق بىر مەجبۇرلاشنىڭ بولغانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما 280 كىشىنىڭ پاسپورتى يىغىۋېلىنغانلىقىنى يوشۇرمىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە كەنت بويىچە پاسپورتى بارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك پاسپورتى يىغىۋېلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىدە مەسىلە بولمىغان ئاز ساندىكى كىشىلەرگە پاسپورتى قايتۇرۇپ بېرىلگەن.

مەكتۇپتا بايان قىلىنىشىچە، ئاتۇشتا چەتئەلدە تىجارەت قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى چېگرىداش قىرغىزىستاندا تىجارەت قىلىدۇ، پاسپورتىنىڭ يىغىۋېلىنىشى، يالغۇز ئۇلارنى قىلىۋاتقان تىرىكچىلىك يولىدىنلا ئەمەس، بەلكى ھاياتى بويى يىغقانلىرى، يەنى پۈتۈن مال- بىساتىدىن ئايرىپ تاشلىغان. سېكرېتار، ئۆز كەنتىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ تاجىكىستاندا تىجارەت قىلىدىغانلىقى ۋە تىجارىتىنىڭ پەسىللىك ئىكەنلىكى، شۇڭا پاسپورت يىغىۋېلىنىشتا ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇنچىۋالا زەربىگە ئۇچرىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يەنە مەكتۇپتا بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئاتۇشتا، ياشتا 55دىن ئاشقانلار سالامەتلىكى سەۋەب كۆرسىتىلىپ، 18دىن تۆۋەنلەر ئوقۇش يېشى باھانە كۆرسىتىلىپ، 18 بىلەن 45 ياش ئارىسىدىكىلەر سىياسىي ھەرىكەتلەرگە قېتىلىپ قېلىش ئېھتىمالى كۆزدە تۇتۇلۇپ پاسپورت ئىلتىماسى رەت قىلىنماقتا. كەنت سېكرېتارى بۇ مەكتۇپتىكى بۇ بايانلارنىڭمۇ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى دەلىللىدى.

مەكتۇپتا يەنە ئاتۇشتا يولغا قويۇلغان 3 ئەۋلاد سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈش تەكشۈرۈلۈش شەرتىنىڭ، ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېرىلمەسلىك شەرتى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى نۆۋەتتە مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ جۈملىدىن يېزا ئاھالىلىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىشقا ئىقتىسادىي شارائىتى يار بەرمەيدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ئىمكان يار بەرگەن ئاز ساندىكى كىشىلەرگە 3 ئەۋلاد سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈش شەرتى قويۇلۇش بىلەن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پاسپورت ئېلىشقا لاياقەتلىك كىشىلەرنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك قالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئەمما مەكتۇپتا، 3 ئەۋلاد سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈش تەكشۈرۈلۈش شەرتىنىڭ كونكرېت قانداق شەرت ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان؛ ئەمما ئىلگىرىكى جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە، مەھبۇسلار ئائىلە-تاۋابىئاتىغا 3 ئەۋلادقا قەدەر پاسپورت بېرىلمەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. مەكتۇپتىن ھەم ئېنىقلىشىمىزدىن بۇ شەرتنىڭ يالغۇز ئاتۇشتا ياكى ئۇيغۇر رايونى بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى تېخى ئايدىڭلاشمىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

مەنبە؛ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*