ئاتۇش ئاغۇدا 4 نەپەر ۋەزىپىسىز دىنىي زات ئىككى يىغىن مەزگىلىدە سولىۋېلىنغان

رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بىرىنىڭ ئەركىن ئاسىيا ردىوسىغا يەتكۈزگەن خەۋرىگە ئاساسەن، ئىككى يىغىننىڭ بىخەتەرلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئاتۇشتا ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە سابىق مەھبۇسلار بىلەن بىرلىكتە بىر تۈركۈم ۋەزىپىسىز دىنىي زاتلارمۇ تۇتقۇن قىلىنغان. مۇخبىرنىڭ ئاتۇشتىكى كەنت سېكرېتارلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، ئاتۇشنىڭ ئاغۇ يېزا يۇقىرى مەھەللە كەنتىدىنلا 4 نەپەر ۋەزىپىسىز دىنىي زاتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەيسا قارىنىڭ تېخى يېقىندىلا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان، ئەمما بىرلىكسەپتىن تېخى مائاش ئېلىۋاتقان بىرى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى زەربە بېرىش نىشانىغا يەنە بىر يېڭى كاتېگورىيەنى قاتقان. بۇ، بەلگىلىك دىنىي مەلۇماتى بولغان، ئەمما مەسچىتلەردە ۋەزىپە ئالمىغان ياكى بېرىلمىگەن دىنىي زاتلاردۇر. ئۆتكەندە كۇچاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، يېزىغا چۈشكەن كادىرلارنىڭ 6 خىل كىشىلەرنى نۇقتىلىق كۆزىتىۋاتقانلىقى، بۇلارنىڭ بىرى ۋەزىپىسىز دىنىي زاتلار ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

ئاتۇشنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مەكتۇپ يوللىغان ئاڭلىغۇچىنىڭ بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاتۇشتا داۋام قىلغان ئىككى يىغىن مەزگىلدىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە ۋەزىپىسىز دىنىي زاتلارمۇ سولىۋېلىنغان. مەزكۇر مەكتۇپتا، سولىۋېلىنغان ۋەزىپىسىز دىنىي زاتلارنىڭ سانى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن؛ پەقەت ئۇلارنىڭ دىنىي مەلۇماتى بولۇشتىن باشقا، خىتاي دۆلىتىنى ئەندىشىگە سالغۇدەك بىرەر ئىش ‏- ھەرىكىتى يوقلۇقى ئەسكەرتىلگەن. مۇخبىر ئاتۇشنىڭ ئاغۇ يېزىسىغا تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرگەندە، بىر كەنت سېكرېتارى، ئاغۇنىڭ بىر كەنتىدىنلا 4 نەپەر ۋەزىپىسىز دىنىي زاتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.

رادىيوغا كەلگەن مەكتۇپتا بايان قىلىنىشىچە، دائىرىلەر يېقىنقى يىللارغا قەدەر چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەن ۋە ياكى چەتئەلدە بىر مەزگىل تۇرۇپ كەلگەن دىنىي مەلۇماتلىق كىشىلەرنى خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ دەپ قاراپ كەلگەن، ئەمما بۇ قېتىمقى ۋەزىپىسىز دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلىشتا خىتاي ئۆزلىرى تەربىيىلىگەن، يەنى خىتاي ئۆزى ئاچقان دىنىي مەكتەپ ۋە كۇرسلاردا ئوقۇپ يېتىلگەن دىنىي زاتلارمۇ ئوخشاشلا تۇتقۇن بولغان. يۇقىرىقى كەنت سېكرېتارىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۇتقۇنلاردىن بىرى يېقىندا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، تېخى بىرلىك سەپتىن مائاش ئېلىۋاتقان ئىكەن.

مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە ۋەزىپىسىز دىنىي زاتلار، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ يۆلىشى، يەنى ئۇيغۇر سودىگەر ۋە كارخانىچىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن تىرىكچىلىك قىلماقتا؛ ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىننى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارىشى سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيىتىلا ئەمەس، مۇستەقىل تىرىكچىلىك يولىمۇ دەخلىگە ئۇچرىغان. كەنت سېكرېتارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سولىۋېلىنغان ۋەزىپىسىز دىنىي زاتلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۇلارنى ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇر كارخانىچىلار، كاپالەتنامە يېزىپ بېرىش ئارقىلىق قاماقخانىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان.

ئاتۇشتا ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ باشقا جايلىرىدا ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ۋەزىپىسىز دىنىي زاتلاردىن جەمئىي قانچە كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋە ئۇلاردىن قانچىلىكىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ئەمما ئاقتۇنىڭ ئاغۇ يېزا يۇقىرى مەھەللە كەنتىدىن سولىۋېلىنغان 4 ۋەزىپىسىز دىنىي زاتتىن، بىر نەپىرىنىڭ ئىككى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ ھېلىھەم قاماقتا يېتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*