ئاتۇش ئىشتاچىلىق ئابدۇرېشىت ھاجىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن 28 تىجارەتچى تۇتقۇن قىلىنغان

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى مەزگىلدىن بېرى ھۇجۇم نىشانىنى بايلارغا قاراتقانلىقى ھەققىدە غەيرىي رەسمىي خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. شىۋېتسىيەدىكى شەرقى تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىمۇ بۇ ھەقتە ئۇچۇرلار بېرىلىش بىلەن بىرلىكتە «ئەمدى نۆۋەتتە بايلاردا» دېگەن ماۋزۇدا ئوبزورمۇ ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ يېقىندا ئاتۇش ئىشتاچىلىق تىجارەتچى ئابدۇرېشىت ھاجىنىڭ تۈرمىدە ئۆلۈش ۋەقەسى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا، يۇقىرىقى ۋەزىيەتنى دەلىللەيدىغان پاكىتلارمۇ بايقالغان. مەلۇم بولۇشىچە، سابىق گۇماندار ئابدۇرېشىت ھاجىنىڭ ئۆلۈمىدىن، ئۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى ئېلىم-بېرىم قىلغان ۋە ئۆلۈم مۇراسىمىغا قاتناشقان 28 تىجارەتچى تۇتقۇن قىلىنغان.

ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئىلگىرى بىر مەھەل، دىنىي ئېتىقادى مۇستەھكەم بولغان كىشىلەرنى، ئاندىن مىللىي مەيدانى ئېنىق بولغان كىشىلەرنى، ئۇنىڭدىن كېيىن، سىياسىي مەيدانى ئازراقلا گۇمانلىق بولغان كىشىلەرنى تەقىب ئاستىغا ئالغان ۋە نۇقتىلىق زەربە بەرگەن ئىدى. جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، دائىرىلەر يېقىندىن بۇيان، نازارەت ۋە ھۇجۇم نىشانىنى ئۇيغۇرلار ئىچىدە باش كۆتۈرگەن تىجارەتچىلەرگە قاراتقان. خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى ئەرزىمەس سەۋەبلەر بىلەن تۇتۇپ ئەكېلىپ سوراپ، ئۇلارغا تەھدىت سالغان. بۇ تەھدىتلەر ئارقىلىق بەزى ساقچىلار ئۇيغۇر تىجارەتچىلەردىن زور مىقداردا پارا ئۈندۈرۈۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلارنى ئاتالمىش تېررورچى ۋە بۆلگۈنچىلەردىن ئۇزاق تۇرۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. تۈركىيەدىكى ئىستىقلال تورىنىڭ بىر خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئاتۇشتا يېقىندا 50دىن ئارتۇق كۆزگە كۆرۈنگەن باي نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن تۇتقان قىلىنغان.

 ئۆتكەن ھەپتە ئاتۇشتىكى ئىككى كەنت سېكرىتارىدىن ئىگىلەنگەن ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزىسىدا تۈرمىدە ئۆلگەن ئابدۇرېشىت ھاجى بىلەن ئالاقە قىلغان 28 تىجارەتچىنىڭ ئەرزىمەس سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنىشى، يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى ئىشارەتلىمەكتە.

مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ قولىدىكى مال-دۇنيانى ئاتالمىش تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن بىر خەزىنە دەپ قارايدىغانلىقىنى، مۇشۇ ئەندىشە بىلەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە قارىتا تەقىپ ۋە تەھدىتنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

One Comment

Leave a Comment

*

*