د ئۇ ق رەھبەرلىرى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا سۆھبەتتە بولدى

2-مارت كۈنى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ۋە پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىلەر گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىن دوكلاتلار تەقدىم قىلغان.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ۋە پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىلەر 2-مارت كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىنغا بېرىپ، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جۇتتا كۆلىچ خانىم، ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى توماس ۋىممەر ئەپەندى ھەمدە تاشقى سودا ۋە ئالاقە بۆلۈمى خادىمى تېلمان ئەپەندىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن ئەتراپلىق مەلۇماتلار بەرگەن.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بۈگۈن بېرلىندىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا 4 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بۇ زىيارەتتە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېليۇس ھەمدە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بېرلىن تارمىقىنىڭ مەسئۇلى شىدلەر ئەپەندىلەرمۇ بىرگە بولغان.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، بۈگۈنكى بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنارلىق ۋەزىيىتى توغرىسىدا ھەربىر دۆلەت خادىمىغا تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىش بىلەن بىرگە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمى مەسئۇلى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ ئالاھىدە مۇھىم تېمىلار بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىمىز بولدى. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن يېڭى تېما ئەمەس. مەيلى پارلامېنت، مەيلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياكى مېركېل ھۆكۈمىتى بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. بولۇپمۇ، ئاخىرقى ئىككى يىل ئىچىدە تەخمىنەن 70% ئۇيغۇرنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئاياق ئاستى قىلىندى. بۇ زۇلۇم ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ھېلىمۇ داۋاملاشماقتا. بىز بۇ مەسىلىلەرنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرىغا ئالاھىدە خاتىرىلىتىش بىلەنلا قالماي، خىتاي كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا ۋە چەتئەللەردە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگە چىقىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدۇق. گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىنىڭ ئاياق ئاستى قىلىنىشىغا سەل قاراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتۇق. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ ھەر ۋاقىت خىتاي تەھدىتىگە يولۇقۇۋاتقانلىقىنىمۇ مۇھىم تېما سۈپىتىدە بايان قىلىپ ئۆتتۇق».

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا مەسىلىسىنى مىسال كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى بولسا، يالغۇز دولقۇن ئەيسالا ئەمەس، چەتئەللەردە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىنىڭ كۈچلۈك نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، خىتاينىڭ دولقۇن ئەيسا كەبى چەتئەللەردە مۇجادىلە قىلىۋاتقان سىياسىي ئاكتىپلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ، ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دولقۇن ئەيساغا قىلىنغان زىيانكەشلىك خىتاينىڭ نىيىتىنىڭ قەيەرلەرگە ئۇلاشقانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى. ئۇ بۈگۈن گېرمانىيە گىراژدانى بولسىمۇ، بەزى دۆلەتلەردە چېگرادا تۇتۇپ تۇرۇپ سوراق قىلىشقا، چېگرادىن قايتۇرۇۋېتىشكە، قاماپ قويۇشقا، ھەتتا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىش خەۋپلىرىگە دۇچ كەلدى. گېرمانىيە ئۆز گىراژدانلىرىغا ئىگە چىقىدىغان دۆلەت. ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ھەق-ھوقۇقتىن تولۇق كاپالەتكە ئىگە بۆلىشى، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى قوغدىلىشى كېرەك. بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە مانا بۇ مەسىلىمۇ بىر تېما بولدى».

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بولسا، سۆزىدە يەنە بۈگۈنكى ئۇچرىشىش جەريانىدا گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بولۇۋاتقان ھادىسىلەردىن تولۇق مەلۇماتى بارلىقىنى كۆرۈپ ھەيران بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق ۋە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 10:00 بىلەن باشلىغان زىيارىتىنى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*