ئەركىنلىك سارىيىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكى مۇھاكىمە قىلىندى

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەركىنلىك سارىيى 28-فېۋرال كۈنى خىتايدىكى دىنىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان «خىتايدىكى مەنىۋىيەت كۈرەشلىرى» ماۋزۇلۇق يىغىن ئۇيۇشتۇردى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئىزچىل ھالدا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كېلىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى. شۇ قاتاردا يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتا تۈرلۈك شەكىلدىكى چەكلەش، بوغۇش ۋە باستۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقى تۈرلۈك ئاخبارات يوللىرى ئارقىلىق ئارقىمۇ-ئارقىدىن تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەركىنلىك سارىيى مۇشۇ جەھەتتىكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنىڭ ھازىرقى يۈزلىنىشىگە قاراپ چىقىش مەقسىتىدە 28-فېۋرال كۈنى «خىتايدىكى مەنىۋىيەت كۈرەشلىرى» ماۋزۇلۇق يىغىن ئۇيۇشتۇردى.

يىغىن ئاساسلىق قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 2012-يىلىدىن بۇيانقى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بوغۇش ئۈچۈن يولغا قويغان تۈرلۈك سىياسەت ۋە تەدبىرلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، خىتايدىكى بۇددىستلار، مۇسۇلمانلار، خرىستىئانلار ۋە فالۇنگۇڭچىلار قاتارلىق ئومۇمى سانى 350 مىليوندىن ئاشىدىغان دىنىي جامائەت دۇچ كېلىۋاتقان مۈشكۈلاتلارغا قاراپ چىقتى.

يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىردەك، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ قەدەممۇ-قەدەم بوغۇلۇۋاتقانلىقى، باستۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە سىياسەتلىرىنىڭ ئاۋۇپ مېڭىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىن تارتىپ تۈرلۈك شەكىلدىكى كوللېكتىپ دىنىي پائالىيەتلەرگىچە بېرىپ تاقىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا ماس ھالدا ئاۋامنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ مۇناسىپ دەرىجىدە ئېشىپ بارغانلىقى قاتارلىقلارنى تەكىتلىدى.

ئەركىنلىك سارىيىدىكى ئالىي تەتقىقاتچى ساراھ كۇك بۇ ھەقتە توختىلىپ: «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلار خالىغانچە مەشغۇل بولىدىغان رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشتىن تارتىپ ئۆز پەرزەنتلىرى بىلەن ئۆز ئۆيىدە ئىبادەت قىلىشقىچە بولغان مەنىۋىيەت پائالىيەتلىرى خىتايدا چەكلىنىپ كېلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا بۇنى سادىر قىلغانلار قاتتىق جازالارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. دىنغا بولغان كونتروللۇق ھەمدە بۇنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇنىڭغا كۆرسىتىلگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئوخشاش يوسۇندا ئېشىپ بېرىشى بولسا خىتاي جەمئىيىتىگە ھەمدە ئۇنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىغا تېگىشلىك بولمىغان بېسىملارنى پەيدا قىلماقتا» دەپ كۆرسەتتى.

ساراخ كۇك بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەرلىك خەلققە دىنىي ئەركىنلىك بېرىش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئورنىغا زور مىقداردا دۆلەت مەبلىغى ئاجرىتىپ ھەربىي ۋە ساقچى سىستېمىسى بەرپا قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل تەتۈر سىياسەتنىڭ مەزكۇر رايوندىكى مۇقىمسىزلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى: «بۇنىڭدا يەنە بىر ياقتىن شىنجاڭدا سەرپ قىلىنىۋاتقان خىراجەتنىڭ زور بىر قىسمى دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىلمەكتە. بۇ ئەمەلىيەتتە دۆلەت مەبلىغىنى قاراپ تۇرۇپلا ئىسراپ قىلىۋېتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بۇ رايوندا بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغان، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان خىزمەتلەر، مەسىلەن، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇھىت ئاسراش خىزمەتلىرى دېگەنلەر مەبلەغ يېتىشمەي بىر ئىزدا تۇرۇپ قالماقتا. بۇ خىلدىكى ئەھۋاللار بولسا خىتايدىكى ھەممىلا كىشىنى بىئارام قىلىپ كەلمەكتە.»

يىغىندا نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان يەنە بىر مەسىلە، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە تۇڭگانلاردىن روشەن دەرىجىدە پەرقلىق بولغان مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقى بولدى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ پىكرىچە، خىتايدا مۇسۇلمان جامائىتى ئىسلام ۋەھىمىسىنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، دىنغا بولغان كونتروللۇق ۋەجىدىن دىنىي كىيىم-كېچەكلەر، بالىلارنىڭ مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى قاتارلىقلار ئېغىر دەخلى تاۋۇزغا ئۇچرىماقتا ئىكەن. يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرى، ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىدىن زۇبەيرە شەمشىدىن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش ئەھۋالىنىڭ بەزى تەپسىلاتىنى تونۇشتۇردى.

زۇبەيرە خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان مۇئامىلىگە دۇچار بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.

يىغىن مۇزاكىرىسىدە پىكىر قىلغۇچىلارنىڭ بىرى، «نيويورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ئاندرۇۋ جېيكوبس بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەسىلىلەرگە بېغىشلانغان كۆپلىگەن ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆرگەنلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقلىرىغىمۇ ئېگە ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئاندرۇۋ جېيكبوسنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا «مۇقىملىق» ۋەزىيىتى ئورنىتىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى قانچە كۆپ ھەپىلەشكەنسېرى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى ئېشىپ ماڭماقتىكەن. بۇ خىل تەتۈر بالانس مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، ئۇ، بۇنىڭدا مۇنداق بىرنەچچە ئامىلنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىدى: «مېنىڭچە، شىنجاڭدىكى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان زورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆلىمى ھۆكۈمەت يولغا قويۇۋاتقان بېسىم ۋە نازارەت بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. بۇ، ئەمەلىيەتتە ھەممىلا ئادەمگە چۈشىنىشلىك بولغان ئىنسان تەبىئىتى خالاس، سىزنى بىراۋ ئۈستىڭىزدىن باسماقچى بولغاندا سىز چوقۇم تىركىشىسىز ھەمدە ئورنىڭىزدىن تۇرۇشقا ئىنتىلىسىز. شىنجاڭدىكى زورلۇق ھەرىكەتلىرى مانا مۇشۇ تەرىقىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ئەمما، بۇ ئەھۋاللار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئىسلام تېررورچىلىقى ياكى بۆلگۈنچىلىك، دەپ تەسۋىرلىنىپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ ئىشلار ئۇنچىلىك زورۇقمايلا چۈشىنىۋالغىلى بولىدىغان ھادىسىلەردۇر. كىشىلەرنىڭ غۇرۇرى، ئۆزلىرىگە خاس مەدەنىيەت، تىل قاتارلىقلارمۇ مۇشۇ خىلدىكى سىقىلىشلارغا مۇپتىلا بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئاشۇ ئەھۋاللارغا جاۋاب تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. يەنە بىر مەسىلە شۇكى، بىز كۆرۈۋاتقان بۇ خىل قارشىلىقلار ھەرقاچان ئىككى-ئۈچ ئادەمنىڭ پالتا ياكى پىچاقنى ئېلىپلا ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى بىرنەچچە خىتاي پۇقراسىنى ياكى ساقچى، ھۆكۈمەت خادىمى دېگەندەك خىزمەتلەرنى ئارتقۇزۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى چانىۋېتىشى بىلەن تاماملىنىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ھەرىكەتلەر ھېچقاچان ئەتراپلىق تەشكىللەنگەن چوڭ كۆلەملىك ھەرىكەت بولغان ئەمەس….. مۇشۇ ئەھۋاللارنى شىنجاڭدىكى بىز كۆرۈۋاتقان ھەرخىل بېسىملارغا تولۇپ كەتكەن مۇھىت بىلەن سېلىشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق، بۇ خىل قارشىلىقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ئەنە شۇ خىلدىكى بېسىملارنىڭ رول ئويناۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بولسا بۇ ئەھۋاللارنى ‹باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە› دېگەندەك، جىمجىتلا يىغىشتۇرۇۋەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بايقايمىز.»

يىغىنغا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئالاقىدار پۇقراۋى تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشتىراك قىلدى. بىر يېرىم سائەتلىك مۇھاكىمىدىن كېيىن، سۆز قىلغۇچىلار يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*