بۈگۈن تۈركىيەدىكى 2 چوڭ تېلېۋىزىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بەردى

بۈگۈن 1-ئاينىڭ 17-كۈنى تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «ت ر ت ئاۋازى» بىلەن شەخسى تېلېۋىزىيەلەردىن بىرى بولغان «قانال ئا» تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بەردى.

1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىستانبۇلدىكى رېئىنا كەچلىك كۇلۇبىغا بېسىپ كىرگەن تېررورچى ئاپتوماتىك قورال بىلەن كىشىلەرگە ئوق چىقىرىپ، 39 ئادەمنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن تۈرك ئاخباراتلىرىدا قاتىلنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بۇنىڭ قىرغىز، ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىمالى بارلىقى دېيىلگەن ئىدى.

1-ئاينىڭ 16-كۈنى قاتىل ئىستانبۇلنىڭ ئەسەنيۇرت رايونىدا تۇتۇلدى. ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسفى شاھىن بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا تېررورچىنىڭ ئۆزبېكىستاندا 1983-يىلى تۇغۇلغان، ئافغانىستاندا تەربىيەلەنگەن ئابدۇقادىر ماشارىپوف ئىسىملىك تېررورچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن «ت ر ت ئاۋاز» تېلېۋىزىيەسى بىلەن «قانال ئا» تېلېۋىزىيەسى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بەردى.

تېلېۋىزىيە پروگراممىسى رىياسەتچىسى گۆكچەن ئوگان خانىم تەييارلىغان نەق مەيداندىن تارقىتىلىدىغان «دەتاي 13» ناملىق پروگراممىغا تەكلىپ بويىچە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، گۆكچەن ئوگان خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى، ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ رېئىنا كۇلۇبىغا بېسىپ كىرىپ 39 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن قاتىل ئېنىقلانغاندىن كېيىن نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقى، تۈركىيەدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىنچلىق سۆيەر بىر خەلق ئىكەنلىكىنى، زوراۋانلىققا ۋە تېررورغا قارشى ئىكەنلىكىنى، رېئىنا رېستورانىدا 39 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن قاتىل تۇتۇلغاندىن كېيىن بىرئاز تەسەللى تاپقانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تېررورغا لەنەت ئوقۇيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، يەنە بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە «قانال ئا» تېلېۋىزىيەسىدە ۋولقان نازلىلار تەييارلاپ سۇنغان «ئىشتە خەۋەر» پروگراممىسىغا چىقتى.

ۋولقان نازلىلار ئەپەندى پروگراممىنى باشلاپ: «ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى باشقا ئىمپېرىيەلەرگە ئوخشاشلا تارىخقا غەرق بولدى. ئوسمانلى دۆلىتى ۋەتەندېشى بولغان نۇرغۇن قېرىندىشىمىز ئىگىسىز قالدى. تۈركىيە دۆلىتى بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىلىرىگە ئەمدىلەردە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. ئۇيغۇر تۈركلىرى بېسىمنى يىلىكلىرىگىچە ھېس قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە تەرجىمان بولۇۋاتقان بىر شەخس دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ھازىر يېنىمدا، خوش كەپسىز»، دېگەندىن كېيىن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەتنى باشلىدى. 20 مىنۇت داۋاملاشقان تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمى توغرىسىدا توختالدى.

تېلېۋىزىيە پروگراممىسى تۈگىگەندىن كېيىن بىز سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ مۆتىدىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

سېيىت تۈمتۈرك «ت ر ت ئاۋاز» ۋە «قانال ئا» تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان خاتا سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىندا خاتا يولغا كىرىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرگەن ژۇرنالىست ئازاتجان بۇغرا ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىدىن چۈشۈپ قالاي دېگەندە، بىرى خەلقئارادا، يەنە بىرى تۈركىيەدە تارقىتىلغان ئىككى تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا مەسىلىنىڭ كۈن تەرتىپكە كېلىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئازاتجان بۇغرا ئەپەندى ئىككىلا تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنىڭ ئاساسەن تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى بولغان «ت ر ت ئاۋازى» ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە سابىق يۇگوسلاۋىيە ھەم رۇس فېدېراتسىيەسى ئىچىدە ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا تارقىتىلىۋاتقان تېلېۋىزىيە قانىلىدۇر.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*