رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ 2017‏-يىلدىكى تەرەققىيات يۈزلىنىشى ھەققىدە توختالدى

دۇنيا 2016‏-يىلنى ئۇزىتىپ قويۇپ 2017‏‏-يىلنى كۈتىۋالدى. شۈبھىسىزكى، 2016‏-يىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن راھەت بىر يىل بولمىدى. پاسپورت يىغىۋېلىش، تۇغقانچىلىق ئورنىتىش، مەسچىت چېقىش، ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش دېگەندەك سىياسىي ھەرىكەتلەر 2016‏-يىلىغا تامغىسىنى ئۇرنى.

ئەمما، 2016‏-يىلى ئۇيغۇر سىياسىي داۋاگەرلىرى نۇقتىسىدىن قانداق بىر يىل بولدى؟ 2017‏-يىلى قانداق بولىدۇ؟ خەلقئارا ئۇيغۇر ھەرىكىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى ۋە بولىدۇ؟ بىز بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ئىزدەپ، د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

رابىيە قادىر خانىم 2016‏-يىلنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ئۇيغۇر ھەرىكىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۈشكۈل بىر يىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، 2016‏-يىلى خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىغا بولغان بېسىمى ۋە تەھدىتى كۈچەيگەن. ئۇيغۇر ھەرىكىتى يېڭى خرىس ۋە رىقابەتلەرگە دۇچ كەلگەن.

ئەمما، رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كېلەچىكىگە ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى، 2017‏-يىلدىكى پىلانى ئالىي كېڭەش يىغىنى چاقىرىش، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيا كۈنتەرتىپىدىكى ئورنىنى كۆتۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەنبە:  ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*