رابىيە قادىر : قىرغىنچىلىقنى » قىرغىنچىلىق» دېيەلىگەن كانادا پارلامېنتىغا رەھمەت ئېيتىمەن

كانادا پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تۈنۈگۈن خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ) ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى( ئىجرائاتلىرىنى قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىش ئارقىلىق، 21 ‏-ئەسىردە داۋام قىلىۋاتقان غەيرىي ئىنسانىي بىر ئىجرائاتقا ھەققانىي بىر باھا بەردى. بۇ گەرچە نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر پاجىئەسىنىڭ توختىتىلىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكۈدەك كۈچكە ئىگە بىر قارار بولمىسىمۇ، ئەمما ۋەزىيەتنىڭ ماھىيىتى ۋە جىددىيىتىگە توغرا باھا بېرىلگەن دۇنيادىكى تۇنجى بىر پارلامېنت قارارىدۇر. بۇ قارار، مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇنىڭ لاگېرلاردا جان تالىشىۋاتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئەزايى ئۈچۈن بىر ئۈمىد نۇرى ۋە روھىي تەسەللى بولۇپلا قالماستىن، قاتىل خىتاي دائىرىلىرىگە قارىتامۇ بىر ھەددىنى بىلدۈرۈش سىگنالىدۇر. مەن مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن مەزكۇر قارارنى لايىھىلىگەن، ئوتتۇرىغا قويغان ۋە قول كۆتۈرۈپ ماقۇللىغان بارلىق ئەزالارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر كانادالىق ھۈسەيىن جېلىلنى ئۆزبېكىستاندىن تۇتۇپ ئەكېتىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ باندىت بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى كانادا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە خېلى بۇرۇنلا كۆرسىتىپ قويغان ئىدى؛ بىر كانادا ۋەتەندىشىنى تا ھازىرغىچە تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى كانادادا يېتىم قالدۇرۇش ئارقىلىق، كانادا دۆلىتى ۋە كانادا خەلقىگە قارىتا ھەددىدىن ئاشقان بىر ھۆرمەتسىزلىكنى نامايان قىلغان ئىدى. كانادا پارلامېنتىنىڭ مەزكۇر كومىتېتى، بۇ قارارى ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىگە قىلىنغان بۇ ھۆرمەتسىزلىكنىڭمۇ قىسمەن جاۋابىنى بەرگەن بولدى. ئەڭ مۇھىمى، بۈگۈن شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە كۆرۈنۈپ تۇرغان 300دىن ئارتۇق يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، بۇ لاگېرلار ھەققىدىكى خىتاينىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى ۋە تاشقى دۇنيادىكى يۈزلەرچە گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلىنىپ بولغان بولسىمۇ، بۇنىڭ بىر قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى سەۋەبلىك تىلغا ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقان دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرگە، بىر ئۈلگە ، بىر باشلامچى بولدى. بۇ قارار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى قاراڭغۇ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈنلا ئەمەس، خىتايدىن دۇنياغا تېرىلىدىغان خىتاي ۋىرۇسىغا ئوخشاش يەنە كۆپلىگەن بالا-قازالارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىجابىي رول ئوينىغۇسى!
مەن خىتاينىڭ ھەيۋىسىگە پەرۋا قىلماي قىرغىنچىلىقنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىيالىغان، دۇنيادىكى تۇنجى ئورگان – كانادا پارلامېنتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا تەكرار رەھمەت ئېيتىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*