ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنىڭ » دۇنيادىكى يۈز تەسىرلىك شەخس» تىزىملىكىگە كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن

قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىش بىر مىللەت تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ كۈنلەردۇر؛ مىللەتنىڭ مانا مۇشۇ كۈنلىرىدە، ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يالغۇز بىر ئاكتىپچانلىق  مەسىلىسىلا  ئەمەس، بەلكى، ئەڭ مۇھىمى  ساداقەت ۋە ئىقتىدار مەسىلىسىدۇر. ھېيت-بايرىمى بولمىغان، 7 كۈندە 24 سائەت ھازىر ھالەتتە بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ۋە ئاساسەن  چەتئەللىكلەرگە خىتاب قىلىدىغان  بۇ خىزمەتتە، خىزمەت قىلغۇچىنىڭ  ساداقەت ۋە ئىقتىدارنىڭ ھەر ئىككىسىدە  يۈكسەك پەللىدە تۇرۇشىغا  توغرا كېلىدۇ. ئادۋوكات نۇرى تۈركەل مۇھاجىرەت ھاياتىدا، بولۇپمۇ شەرقى تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يالىڭاچ شەكىلدە داۋام قىلغان   يېقىنقى  4 يىلدا، خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ زىيارىتىنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلغان،  مۇھىم خەلقئارا يىغىنلارغا ئەڭ كۆپ ئىشتىراك قىلغان بىر ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئادۋوكات ۋە ئاكادېمىك سۈپىتىدە، لاگىرلارنىڭ خەلقئارا كۈنتەرتىپكە كېلىشى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ دۇنياغا بىلىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى.  ئوسلو مۇنبىرىدە نۇتۇققا تەكلىپ قىلىنىشى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ كومىسارلىقىغا تەيىنلىنىشى، ئۇنىڭدىكى ئەنە شۇ ساپانىڭ خەلقئارا جامائەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنشىدۇر. بۇ قېتىم 100 تەسىرلىك شەخس تىزىملىكىگە كىرىش بىلەن شان-شەرەپتە تېگىشلىك ئورنىنى تاپتى، مۇشۇ شان-شەرىپى  بىلەنمۇ  ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىن  ئىبارەت بۇ جىددىي ۋە تەخىرسىز ۋەزىيەتنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېسىگە سالدى.
مەن ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنىڭ  بۇ ئۇتۇقلىرىنى تەبرىكلەيمەن ۋە تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار قازىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*