رابىيە قادىر : خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان كارانتىن ۋە داۋالاش تەدبىرلىرىدىن ئەندىشە قىلماقتىمەن

 

خىتاي شەرقى تۈركىستاندا( ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىد ا ) ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولغا قويۇۋاتقان ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارشى كارانتىن ۋە داۋالاش تەدبىرلىرى ھەققىدە ھەر خىل خەۋەرلەر چىقىۋاتىدۇ. چەت-ياقىلارغا سېلىنىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك كارانتىنخانا قۇرۇلۇشلىرى ۋە يىگۈزىلىۋاتقان ئېنىقسىز دورىلار رايوندا 4 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان لاگېر مەسىلىسى بىلەن قېتىلىپ، بىزنى يەنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى جىددىي ئەندىشىگە سالماقتا. مەزكۇر قۇرۇلۇشلار راستىنىلا كارانتىن ئۈچۈن سېلىندىمۇ ۋە ياكى يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئىللىق ئائىلىسىدىن ئايرىپ تاشلاش ئۈچۈنمۇ ؟ مەزكۇر دورىلار راستىنىلا ۋىرۇسقا قارشى بېرىلىۋاتامدۇ ۋە ياكى خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە تەجرىبە ئۈچۈن بېرىلىۋاتامدۇ؟ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەپ كېتىلگەن قېرىنداشلىرىمىز تۈرمىلەردە ئۆلۈمىنى كۈتۈپ يېتىۋاتامدۇ ۋە ياكى خىتاي ئۆزى تېرىغان ۋىرۇس بالاسىغا قارشى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن تەجرىبە ماتېرىيالى قىلىنىۋاتامدۇ؟ خىتاي بۇ تەدبىرلىرىنى مەيلى قانداق چىرايلىق ۋە دەبدەبىلىك ناملار بىلەن ئاتىسۇن، بىز بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ قىلىنغىنىدىن گۇمانلانماي تۇرالمايمىز ۋە گۇمانلىنىشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشىمىزنى لاگېرلارغا سولىۋالغان ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنى يوق قىلىشنىڭ سىستېمىلىق پىلانىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتتىن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەرقانداق بىر قاتلىمىغا پايدىلىق بىر ئىش قىلىشىنى كۈتۈش ئىمكانسىز؛ بولۇپمۇ ھاياتلىق ۋە سالامەتلىك مەسىلىسىدە . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىران جېنىدا ۋابا مەزگىلىدە تۈرمىدىكى نەچچە ئونمىڭلىغان مەھكۇمنى تۈرمىدىن قويۇپ بەردى؛ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىمۇ تۈرمىلەردىكى مەھبۇسلارغا ۋىرۇستىن ئۆزىنى قوغداش پۇرسىتى بېرىلدى. ئەمما خىتاي لاگېرغا سولىغان 3 مىليوندىن ئارتۇق تۇتقۇندىن بىرىنىمۇ قويۇپ بەرمىدى؛ ھەتتا، مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ۋىرۇسىنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىپ كېتىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا چوڭ بىر پاجىئە يارىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرسىمۇ،خىتاي بۇ نۇقتىغا پىسەنتمۇ قىلىپ قويمىدى؛ لاگېرلاردا ۋىرۇسقا قارشى نېمە تەدبىرلەر ئېلىنغانلىقىنى ئېغىزغىمۇ ئالمىدى. چۈنكى خىتاينىڭ ئاقتاشلىق كىتابلىرىدىن ۋە ئىجرائاتلىرىدىن مەلۇمكى خىتاي ئۈچۈن ھايات ئۇيغۇر كېرەك ئەمەس؛ پەقەت ۋە پەقەت ئۇنىڭ تەبىئىي بايلىققا تولغان زېمىنى كېرەك؛ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام ئۇيغۇر تەھدىت ، مەجرۇھ ياكى قۇل تەبىئەتلىك ئۇيغۇر كېرەك. شۇڭا مەن خەلقئارا جامائەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان كارانتىن ۋە داۋالاش تەدبىرلىرىنى كۆزىتىشكە، خىتاينى بۇ جەھەتتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشكە قىستاشقا ۋە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*