خىتاينىڭ ئەيىبلىشى بىر شان-شەرەپتۇر؛ جازاسى بىر مۇكاپاتتۇر!

Rebiya Kadeer in a photo taken in 2007.

ھاياتىمدا كۆپلىگەن ئۇتۇق ۋە ئىنئاملارغا ئېرىشتىم. مەسىلەن شەرقى تۈركىستاندا تۇنجى بولۇپ سودا ساراي سالدىم؛ خىتايدىكى 11 مىليونېرنىڭ بىرى بولدۇم، خىتاينىڭ تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ ئامېرىكىغا سەپەر قىلدىم، رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا 4 قېتىم نامزات بولدۇم ، ۋەھاكازا…بۇلارنىڭ ھەربىرى مەن ئۈچۈن بىر بەخت ۋە شەرەپ تۇيغۇسى بېرىدۇ؛ ئەمما مېنى ھۇزۇرلاندۇرۇشتا بۇلاردىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر مۇكاپات بار ؛ ئۇ بولسىمۇ خىتاينىڭ مېنى 1997 ‏-يىلدىن باشلاپ » تېررورچى» ۋە » بۆلگۈچى» دەپ ئەيىبلىشى. دەل مۇشۇ ھىسسىياتلىرىمنىڭ تۈرتكىسىدە، مەن ، ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ ئەيىبلىشى ۋە جازالىشىغا ئۇچرىغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزايى ماركو رۇبىو ، تەد كراز ، كرېست سمىت ئەپەندىلەرنى، شۇنداقلا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى مەسئۇلى سام بروۋنبەگ ئەپەندىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

شۇنداق، سىياسىي مەيداندا خىتاينىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراش بىر شان شەرەپتۇر. چۈنكى خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن بۇ مەيداندا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوغداشتىن باشقا ئۈستۈن مەنپەئەت يوق؛ ئۇلار بۇ مەنپەئەتنى قوغداش ئۈچۈن 1989 ‏-يىلى تيەنئەنمىن مەيدانىدا ئۆز ئەۋلادلىرىنى تانكىدا باستۇرۇپ ئۆلتۈرگەن، 2008 ‏-يىلى 8 ‏-مارت كۈنى لاسادا؛ 2009 ‏-يىلى 5 ‏-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان؛ ھېلىھەم ئۈز ھاكىمىيىتىگە تەھدىت دەپ قارىغان شەرقى تۈركىستان خەلقىدىن 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى لاگېرلارغا سولىۋالدى: ھېلىھەم بىر مىلياردتىن ئارتۇق خىتاي خەلقىنى سايلام ھوقۇقىدىن ئىبارەت ئەقەللىي بىر ئى ئىنسانىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇقلۇق.
شۇنداق ، ھەق-ناھەق مەسىلىسىدە خىتايغا دۈشمەن بولۇش بىر شان شەرەپتۇر. چۈنكى خىتاي دۇنيانىڭ نەرىدە بىر دىكتاتور بولسا ئۇنىڭ دوستىدۇر؛ دۇنيانىڭ نەرىدە چىرىك بىر تۈزۈم بولسا ئۇنىڭ قوغدىغۇچىسىدۇر؛ شۇڭا خىتاي دۆلىتى دىكتاتور سلوبودان مىلوسىۋىچنىڭ دوستى ئىدى؛ كاززافى ۋە سادام ھۇسەيىنلەرنىڭ ھىمايىچىسى ئىدى؛ ھېلىھەم روھىنگالارغا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن بۇرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ قوغدىغۇچىسى.
شۇنداق، خىتاينىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان ئامېرىكالىق تۆت شەخس خىتاينىڭ دوستى ئەمەس؛ شەرقى تۈركىستاندا لاگېردا جان تالىشىۋاتقان 3 مىليون ئۇيغۇرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ لاگىر سىرتىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ دوستى؛ شۇنداقلا بۇ لاگېرلار مەسىلىسىگە ئىنساندارچىلىق نۇقتىسىدىن قاراش ئەخلاقىغا ئىگە بولغان بارلىق دۆلەت ۋە خەلقلەرنىڭ دوستىدۇر؛ دۇنيادا ئېزىلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ قەلبىدە قەھرىمان سىياسەتچىلەردۇر.
مەن بۇ تۆت قەھرىمان سىياسەتچى بىلەن بەزىدە پائالىيەتلەردە بىر سەپتە، بەزىدە لاگىر مەسىلىسىدە ھەمسۆھبەت ۋە بەزىدە خەت ئالاقىدە بولغانمەن. مەن بۈگۈن بۇلار بىلەن بىللە ئۆتكەن شۇ مىنۇتلىرىدىمدىن پەخىرلەنمەكتىمەن. شۇڭا مەن بۈگۈن ماڭا بۇ پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ئاتا قىلغان ماركو روبىو، تەد كراز، كرىس سمىت ۋە سام بروۋنىك ئەپەندىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ئۇلارنى تەبرىكلەيمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*