« 5 ‏-ئىيۇل» نامايىشى – ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ نامايىشىدۇر

« 5 ‏-ئىيۇل قانلىق ۋەقەسى- نامايىش، توقۇنۇش ۋە باستۇرۇلۇشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچلۇقتۇر. بۇ قانلىق ۋەقەدىكى نامايىش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نامايىشلاردەك لوزۇنكا كۆتۈرۈپ چىقىش، شۇئار توۋلاش ۋە سومكىسىغا ئۇسسۇزلۇق سېلىۋېلىش بىلەنلا داۋام قىلىدىغان نامايىش ئەمەس؛ بۇ 99% تۇتۇلۇشقا، سولۇنۇشقا ۋە قىرىلىشقا تەۋەككۈل قىلىپ يەنى جاننى ئالقانغا ئېلىپ تۇرۇپ قىلىنغان نامايىشتۇر. چۈنكى بۇ نامايىش يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى، تېخى بىر يىل بۇرۇنقى بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى سەۋەپلىك ھەربىي ھالەت دەرىجىسىدە خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدىكى شەھەردۇر.  ئۇيغۇرلار ئاسارەتكە چۈشكەندىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان خىتايغا قارشى گەپ قىلسا تىلى كېسىلىدىغان، ھەركەت قىلسا ئېتىلىدىغان سىياسىي ھاۋا ئوخشاشلا داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلدۇر. 26 ‏-ئىيۇن كۈنى شاۋگۈەندە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشنىڭ بېشىغا كالتەك تەگكەندە يۈرەكلىرى ئاغرىغان، مەزكۇر قاتىللىققا خىتاي دائىرىلىرى كۈز يۇمۇپ تۇرىۋالغان ۋاقتىدا، ۋىجدانلىرى قاينىغان مىڭلىغان ياش ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا توپلىنىپ ئادالەت تەلەپ قىلدى. بۇلار، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق نامايىشتىن ئىبارەت ئىلمىي ۋە يۇمشاق تىلىنى ئاڭلىمايدىغانلىقىنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە بىخۇد ئەمەس ئىدى. ئۇلار پەقەت ئۇيغۇرنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى، ئۆز-ئارا قېرىنداشلىق ھېسسىنى، بىر -بىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلىيەلەيدىغان پىداكارلىق روھىنى، خىتاي دائىرىلىرىگە، دۇنيا جامائىتىگە ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چۈشتى ۋە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدى. بۇلار تۆلىگەن بۇ بەدەللىرى سەۋەپلىك ، خۇددى ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىدا قېنى ئاققان شېھىد ۋە غازىلىرىمىزغا ئوخشاشلا خاتىرلىنىشكە ۋە ئۈلگە ئېلىنىشقا مۇناسىپتۇر.
بۈگۈن شەرقى تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىدىكى جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن ، 5 ‏-ئىيۇل نامايىشىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ھەرىكەتنىڭ، بۇ مەردانە تەشكىللىنىشنىڭ ھەقىقىي يېتەكچىلىرىنى قېزىپ ۋە ئېلان قىلىپ ئولتۇرمايمىز. ئەمما كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز بۇ ئۇلۇغ نامايىشتا سەپ تۇتقان، سەپتە يول باشچى بولغان ۋە سەپكە يانداشقان ھەر بىر قەھرىمانىمىز ئۈچۈن چوقۇم بىردىن خاتىرە مۇنارىسى تىكلەيدۇ ۋە ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقا ياد ئېتىدۇ.
مەن بۇ خاتىرە كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنە شۇ قەھرىمانلىرىمىزنى ياد ئېتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى : رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*