رابىيە قادىر: ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسىگە قۇدرەتلىك بىر دۆلەتنىڭ كۈچلۈك بىر پرېزدېنتى ئىمزا قويدى، مۇبارەك بولسۇن!

بىز- شەرقى تۈركىستانلىقلار ئىشغالىيەت ئاستىدىكى بىر خەلقلا ئەمەس، دۇنيا جامائىتى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ۋە ئۇنتۇلغان بىر خەلق ئىدۇق. 70 يىلدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم بىر دۆلەت مەسىلىمىزنى ئۆز قانۇنىغا كىرگۈزۈپ، خىتايغا ۋە دۇنياغا ئىنسانىيەتنىڭ ھەق-ئادالەت سوتىدا بىزنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىمىزنى جاكارلىدى. دۇنيانىڭ ئەڭ زورۋان ۋە ئەڭ قالاق بىر ئىمپىريالىستىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا قېلىش قىسمىتىمىزنىڭ ئەڭ ئاچچىق تەرىپى بولغان بولسا؛ تۇنجى ئاشكارا قوللىغۇچىمىز، دۇنيانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلىتى- ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولۇشى كېلەچىكىمىزدىن نۇرلۇق بىر ئىشارەت بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا تارىخىدىكى مۇھەببەت-نەپرىتى ئەڭ ئېنىق، قارارى ئەڭ كەسكىن پرېزدېنتلاردىن دونالد ترامپ ئەپەندىنىڭ ئىمزاسى بىلەن قانۇنغا ئايلاندى .
تۈنۈگۈنكى بەزى ئاخبارات خەۋەرلىرى راست بولسا، دونالد ترامپنىڭ-خىتاينىڭ ئالدامچىلىقى ۋە ھېلى-نەيرەڭلىرى سەۋەبىدىن – مەسىلىمىزنى چۈشىنىشىدە قايمۇققان مەزگىللىرى بولغان بولۇشى مۈمكىن؛ ئەمما تۈنۈگۈن ئۇ، ھەققىمىزدىكى قانۇن لايىھەسىگە تەرەددۇتسىز ئىمزا قويۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ھۇشيار ۋە قابىل بىر پرېزدېنت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەن ۋە ئۈمىد قىلىمەنكى، دۆلەت ئىچىدە شۇنچە كۈپ توسالغۇلارغا ئۇچرىسىمۇ مىكسىكا چىگراىسىغا تام سوقۇش قارارىدىن يانمىغان؛ دۇنياغا خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغان مەزگىلدە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى نارازىلىق بىلدۈرۈپ تۇرسىمۇ، خىتاي يولۇچىلارنى ئامېرىكا چىگرىسىدىن كىرگۈزمىگەن دونالد ترام ئەپەندى، بۇ قېتىم قويغان بۇ ئىمزاسىنىڭمۇ ئارقىسىدا چىڭ تۇرىدۇ ۋە بۇ قانۇننى جانلىىق بىر شەكىلدە ئىجرا قىلىدۇ. بۇ ئىمزا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە ئىستىقلالى ؛ شۇنداقلا ئامېرىكا مەنپەئەتلىرى ئۈچۈنمۇ ئاچقۇچلۇق روللارنى ئوينىغۇسى!

ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر
2020 ‏-يىلى، 18 ‏-ئىيۇن. ۋاشىنگىتون

Leave a Comment

*

*