رابىىيە قادىر: تەستىقلانغان قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيا خەلقى ئۈچۈنمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر

ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسى بۈگۈن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلاش ئارقىلىق، بىز ئۇيغۇرلارغا كاتتا بىر روزا ھېيت سوۋغىسى ئاتا قىلغان بولدى. تەستىقلانغان بۇ قانۇن لايىھەسى ، ئەلۋەتتە ۋەتىنىمىز-شەرقى تۈركىستاندا-ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا -داۋام قىلىۋاتقان تراگىدىيەلىك ۋەزىيەتكە قارىتا بىۋاستە ۋە ھەل قىلغۇچ تەدبىرنىڭ لايىھەسى ئەمەس. ئەمما بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك بىر دۆلەتنىڭ، يەرشارىدا ئەڭ ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان بىر چارىسىز مىللەتكە، رەسمىي ۋە جىددىي شەكىلدە دىققەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ ۋە بۇ ۋەزىيەتكە بۇنىڭدىن كېيىن تاماشىبىن بولۇپ قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنىڭ جاراڭلىق بىر سىگنالى.
خىتاي كومپارتىيەسى 1989 ‏-يىلى تيەنئەنمىن قەتلىئامىنى سادىر قىلغاندا جازالانمىغانلىقى ئۈچۈن، شەرقى تۈركىستنادا 2017 ‏-يىلى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى قۇرۇپ 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى سولىۋالدى ۋە ئۇلارنى نورمال ئائىلە ۋە تىرىكچىلىكتىن مەھرۇم قالدۇردى. خىتاي بۇ جازا لاگىرلىرىنى » كەسپىي تەربىيە مەكتەپلىرى» دەپ يالغان ئېيتقان ۋاقتىدا ۋە ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا مىللىي قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، دۇنيادا خىتاينى« توختا » دەيدىغان بىر دۆلەت چىقمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى ۋۇخەندە كورونا ۋىرۇسى بايقالغاندا، خىتاي ھىچ چۆچىمەستىن، بۇ ۋىرۇسنىڭ دۇنياغا تارقىلىشىغا كۆز يۇمدى ۋە بۈگۈن دۇنيادا 4 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ ۋابادىن يۇقۇملىنىشى ۋە 200 مىڭدىن ئارتۇق ئىنساننىڭ ئۆلۈمىگە يول ئاچتى. شۇڭا مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ تەستىقلىنىشى ، بۈگۈن دۇنيادا ئۆزىنى تەڭداشسىز ھېس قىلىۋاتقان ۋە دۇنياغا ئاپەت تېرىۋاتقان، ئەنە شۇ رەزىل بىر كۈچنى ئەجەللىك نۇقتىسىدىن تىزگىنلەش ئۈچۈنمۇ تۇنجى ۋە ئەھمىيەتلىك بىر قەدەمدۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مەزكۇر تەستىق ، مىللىي مەۋجۇتلۇقى خەتەرگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈن تىنچلىق ، ساغلاملىق، خاتىرجەملىككە ھەممىدىن بەك تەشنا بولۇۋاتقان دۇنيا خەلقى ئۈچۈنمۇ بىر خوش خەۋەردۇر.

ئاخىرىدا بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە تەستىقلىنىشىغا ئەجرى سىڭگەن، بارلىق ئاخباراتچىلار، ماركو رۇبىئو، بوب مەنەندەز جىم مىكگوۋرن ۋە كرست سمىت ، نەنسىي پېلوسى قاتارلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسى ئەزالىرى ۋە بارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى: رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*