رابىيە قادىر: ئاقساقىلىمىز ئەدھەمجان ئاكىدىن ئايرىلدۇق، بۈگۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن قايغۇلۇق بىر كۈن!

ئەدھەمجان زاكىرخان ئوغلى (ئوڭدىن بىرىنچى ) ۋە ئۇنىڭ ئايالى تۆرەم پاشا خانىم غۇلامىدىن پاختا بىلەن بىرگە

غۇلجادا قوزغالغان شەرقى تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ جەڭچىلىرىدىن بىرى ، ئامېرىكا تۇپرىقىغا ئەڭ باشتا قەدەم باسقان مۇھاجىرلىرىمىزدىن بىرى ئەدھەمجان ئاكا، بۈگۈن 93 يېشىدا ئاللانىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلدى. مەرھۇم، ئەينى يىللاردا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن ھەرەمباغ ئۇرۇشىنىڭ غازىلىرىدىن بىرى بولۇشتەك شەرەپلىك تارىخى بىلەن بىرلىكتە؛ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ چوڭ-كىچىك پائالىيەتلىرىگە تولۇق قاتنىشىش ، قولىدىن كۆك بايراقنى چۈشۈرمەسلىكتەك ئۇنتۇلماس ھىجرەت ھاياتى بىلەنمۇ جامائىتىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان. مەرھۇم جامائەتچىلىك ئىشلىرىدا گۇرۇھۋازلىقتىن ئۇزاق تۇرغان؛ بىرلىك-ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆزئارا مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈشتە ھەممىگە ئۈلگە بولغان سۆيۈملۈك ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر يۇرت ئاقساقىلىمىز ئىدى. مەرھۇمنىڭ ئارىمىزدىن ئايرىلىشى جامائىتىمىز ئىچىدە مۇھىم بىر بوشلۇق يارىتىدۇ. شۇڭا بۈگۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن قايغۇلۇق بىر كۈن.

مەن مەرھۇم بىلەن 1995 ‏-يىلىدىكى تۇنجى ئامېرىكا سەپىرىمدە تونۇشقان، شۇ چاغدىن باشلاپلا ئارىمىزدا سەپداشلىق شەكىللەنگەن؛ ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىنمۇ يېقىن ئائىلە دوستى بولۇپ ئارىلىشىپ، بارلىق دەرد-ئەلەم ۋە خوشاللىقلىرىمىزنى ئورتاقلاشقان . مەن بۈگۈن بىر سەپدىشىمدىن ، بىر ھەمكارىمدىن ئايرىلدىم. ئاللاھدىن مەرھۇمغا جەننەت، مەرھۇمنىڭ قەدىناس ھەمراھى تۆرەم پاشا ھەدىگە ، ئوغۇل قىزلىرىغا ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا سەۋر تىلەيمەن.

رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*