رابىيە قادىر: ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ تىرىكلىكىدىن ئەمىن تاپتىم، ئەمما لاگېردىكى 3 مىليون ئۇيغۇرنىڭ بىخەتەرلىكىدىن پەرىشانمەن

(رابىيە قادىر خانىمنىڭ يەرشارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ ئائىلىسى ھەققىدىكى ئىككىنچى خەۋىرىگە ئىنكاسى)

يەرشارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىم ھەققىدە ئىككىنچى قېتىم خەۋەر ئىشلەپ بىۋاسىتە ئائىلە ئەزالىرىمدىن كۆپىنچىسىنىڭ ھاياتلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشى، خەلقئارا جامائەت پىكرىگە ئېتىبار بېرىش نۇقتىسىدىن كىچىك بولسىمۇ ئىجابىي بىر قەدەم، ئەمما بۇ قەدەم، شەكىلگە بولۇپ قالماسلىقى، بولۇپمۇ، مەۋجۇت ۋەزىيەتنى پەردازلاش ئۈچۈن بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ھەممىگە ئېنىقكى، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا باشلانغان ۋە مەنمۇ ئاكتىپ قاتناشقان “ قېرىنداشلىرىمىزدىن تېخىچە ئۇچۇر يوق “ پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى، يالغۇز، بۇ پائالىيەتتە تىلغا ئېلىنغان كىشى ياكى ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشلا ئەمەس؛ ئەڭ مۇھىمى،3 يىلدىن بۇيان لاگېرلارغا سولانغان 3 مىليوندىن ئارتۇق قېرىندىشىمىزنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىنى بىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرۇش. شۇڭا قەشقەر ھېيتگاھ مەيدانىدىكى قاينام -تاشقىنلىق ئەسلىگە كەلمەي تۇرۇپ، تۇرپان كوچىلىرىدىكى چۆلدەرەشنىڭ سىرى ئېچىلماي تۇرۇپ، خوتەن ۋە ئاقسۇلاردا مەھەللىلەردىكى تاقالغان دەرۋازىلارنىڭ قۇلۇپلىرى ئېچىلماي تۇرۇپ؛ “ قېرىنداشلىرىمىزدىن تېخىچە ئۇچۇر يوق “ ھەرىكىتى ئاخىرلاشمايدۇ.

خىتاي 3 مىليون ئۇيغۇرنى سىم تىكەنلىك تاملار، قوراللىق قاراۋۇلخانىلار ئارقىلىق، تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇپ قالالىغىنى بىلەن ، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقنى تەھدىت بىلەن ئېغىزىنى تۇۋاقليالىغان ۋە يالغان ئېيتىشقا مەجبۇرلىيالىغىنى بىلەن چەتئەلدىكى يۈز مىڭلارچە ئۇيغۇرنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلىيالمايدۇ؛ ئۇلارنى ۋەتەن ئىچىدىكى جان-جىگەرلىرىدىن ھەرگىز ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ.

خىتاي 3 مىليون ئىنساننى لاگېرلاردا ئۈن-تىنسىز چىرىتىۋېتىش چوتىنى باشتىلا خام سوققان. شۇڭا باشتا يوق دەپ ئىنكار قىلغان لاگېرلارنى ئاخىرى بار دەپ ئېتىراپ قىلغان. ئەمما لاگېرنىڭ كۆلىمى ۋە ماھىيەتنى دۇنيادىن يوشۇرغان. خىتاي شۇڭا ، بۈگۈن دۇنيادا ئۆزىنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ؛ خىتاي يالغانچىلىقىغا ئەمدى خاتىمە بېرىشى كېرەك؛ بۇ لاگېرلارنىڭ بىر قېيىن -قىستاق لاگېرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ لاگېردىكىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خورلاپلا قالماستىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئائىلە قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ تاشلىغان بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق قورالى ئىكەنلىكىنى بوينىغا ئېلىشى، لاگېرلارنى تېزدىن تاقىشى، لاگېردىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن سەھىيە ساھەسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشى، لاگېرىدىكىلەر ۋە ئائىلە تاۋاباتى ئۈچۈن تولۇق تۆلەم تۆلىشى كېرەك. مانا بۇ بۈگۈن ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشنىڭ دەسلەپكى قەدىمى، شۇنداقلا خىتاي ئۈچۈن ئۆزلىرى سادىر قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ جاۋابكارلىقىنى يەڭگىللىتىشنىڭ تۇنجى قەدىمى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*