شەرقى تۈركىستان مىللىي داۋاسىنىڭ پىشقەدەم يۇل باشلىغۇچىسى رابىيە قادىر خانىم ياپۇنىيەگە كەلدى

10-ئاينىڭ26-كۈنى شەرقى تۈركىستان مىللىي داۋاسىنىڭ پىشقەدەم يۇل باشلىغۇچىسى رابىيە قادىر خانىم ياپۇنىيەگە كەلدى ۋە ھۆرھىندى تىنىچ ئوكيان بىرلىكىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىدى .بۇ يىغىندا رابىيە قادىر خانىم ھۆرھىندى تىنىچ ئوكيان بىرلىكىنىڭرەئىسى بۇلۇپ سايلاندى .بۇتەشكىلاتقائۇيغۇر ،مۇڭغۇل ،تىبەت ،تەيۋەن،شىياڭگاڭ ،ۋېتنام،ھىندىستان قاتارلىق تەرەپلەر ئەزا بولدى.بۇ شەرقى تۈركىستان مىللىي داۋاسى باشلانغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىملىق كۆپ تەرەپ بىرلەشكەن تەشكىلات بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ .بۇ يىغىنياپونىيە باش مىنىستىرى ئابې شىنزو خىتايدا بۇلىنىدىغان زىيارىتى باشلانغان ھالقىلىق پەيىتتە ياپونىيە پارلامىت بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا ئىچىلدى ۋە بۇ يىغىنغا ياپۇنىيە پارلامىت ئەزاسىدىن11كىشى ياپۇنىيەنىڭ نۇپوزلۇقئاخبارات ئورگانلېرىدىن26كىشى قەدەم تەشرىپ قىلدى. بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرىنى تاقىتىش بۇ تەشكىلاتنىڭ تۇنجى كۆن تەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى كۇنكىرت پىلان ئۇتتۇرغا قۇيۇلدى
.بۇندىن 100يىل بۇرۇن ئاسىيادىكى مۇستەملىك ئاستىدا ئېزىلغان مىللەتلەنىڭ باشچىلېرى ياپونىيەگە كىلىپ ياپونىيەنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى ،سىياسى ۋە ئىجدىمائى قۇرۇلمىسىنى ئۆزلېرىگە ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ ئۆزلېرىنىڭ مۇستەقىللىق ھەركەتلېرىنى قىلغان .بۇ قىتىملىق يىغىن100يىل بۇرۇنقى شۇ تارىخى ئىزنالارنى يەنە بىر قىتىم ئەسكە سالدى بۇ يىغىن شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرىنى تاقىتىش ،خىتاي مۇستەملىكى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئازادلىقىنى قۇلغا كەلتۈرۈش ،ئاسىيانىڭ تىنىچلىقىنى ساقلاشنى تۈپ مەقسەت قىلغان ھالدا مۇئاپىقىيەتلىك ئاياغلاشتى .

Leave a Comment

*

*