ئىستېپانامە

ھۆرمەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى:

مېنىڭ 6-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقىنىمغا بىر يىل بولۇپ قالدى. بۇ جەرياندىكى كۈزىتىشىملىرىم، ھېس قىلىشلىرىم ۋە ئويلىرىمغا، شۇنداقلا ۋەتەندە كۈندە جىددىيلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەشكىلىي جەھەتتە يۈز بەرگەن ۋە بېرىۋاتقان يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن، قۇرۇلتايدىكى ئالىي رەھبەرلىك ئورنۇمدىن ئىستېپا بېرىشنى توغرا كۆردۈم. مەن بۇ قارارنى بېرىشىمنىڭ سەۋەبلىرىنى قىسقىچە ئىزاھلاپ ئۆتمەكچىمەن:
ئالدى بىلەن، شۇنى ئېيتىشىم كېرەككى، مەن ئون ئۈچ يىلدەك رەھبەرلىك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك ھەيئىتى بەلگىلىك تەجرىبىگە ئىگە بولدى؛ ئۇنىڭ ئەزالىرىمۇ پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، شەرقىي تۈركىستاندىكى قاباھەتلىك رېئاللىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك ئويغاتتى. كۈرەش سېپىمىزگە يېڭى كۈچلەر، يېڭى تەشكىلاتلار قېتىلدى ۋە قېتىلىۋاتىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى پائالىيىتىمىزدە كەڭ كۆلەملىشىش ۋە جانلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. خەلقئارا جامائەت مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلىرىمىزنى ۋە پائالىيەتلىرىمىزنى تېخىمۇ يېقىندىن كۆزىتىۋاتىدۇ. شۇڭا تەشكىلاتلار ئارىسىدا ئىزچىل ۋە ساغلام بىر مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈش؛ ئۆزئارا ئىختىلاپ ۋە تالاش-تارتىشنى مۇمكىن قەدەر ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش بۈگۈنكى مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ جىددىي ئېھتىياجى بولۇۋاتىدۇ. شۇ ھەممىگە ئېنىقكى، مەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى ۋە مەنىۋى ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، داۋا سېپىمىزدىكى مەۋجۇت تەشكىلاتلارنىڭ، مەۋجۇت پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قوللىشىم كېرەك؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەزىيەت بىزگە شۇنى قايتا-قايتا كۆرسەتتىكى، بىز بىر بىتەرەپ نوپۇزغا، جىددىي ئېھتىياجلىقمىز. مەن شارائىتىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە كۈرىشىمىزنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھازىرقى ئالىي رەھبەرلىك ۋەزىپەمدىن ئىستېپا بېرىپ، مانا مۇشۇ رولنى ئېلىشنى قارار قىلدىم.
شۇنى تەكىتلەپ ئۆتەيكى، ئالدىنقى يىل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەمەلىي رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ۋاز كېچىپ، سىمۋوللۇق بولغان ئالىي رەھبەرلىك ئورنىنى قوبۇل قىلىشىم شۇ چاغدىكى سىياسىي ۋە تەشكىلىي ۋەزىيىتىمىزنىڭ ئېھتىياجىدىن بولغان بولسا، بۇ قېتىم ئالىي رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن ۋاز كېچىشىممۇ ئوخشاشلا ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىدۇر.
ئەلۋەتتە، قۇرۇلتاينىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورنىدىن ئايرىلغانلىقىم ھەرگىزمۇ قۇرۇلتاي بىلەن بولغان ئالاقەمنىڭ ئادا -جۇدا بولغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. مەن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قۇرۇلتاي بىلەن بولغان يېقىن خىزمەت مۇناسىۋىتىمنى ساقلاپ قالىمەن. مەن كەلگۈسىدە قۇرۇلتاي بىلەن قانچىلىك يېقىن خىزمەت مۇناسىۋىتىدە بولسام، باشقا تەشكىلاتلار بىلەنمۇ شۇنچىلىك يېقىن خىزمەت مۇناسىۋىتىدە بولىمەن. شۇڭا، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق بىر سورۇن ياكى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىدىيەم ۋە ھەرىكىتىمگە قۇرۇلتايلا ئەمەس، بەلكى باشقا تەشكىلاتلارمۇ ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇنى ئورۇنداشنى شەرەپ دەپ بىلىمەن.
شۇنى جىددىي ئېيتىمەنكى، مىللىتىمىز ئوز تارىخىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ۋە ئەڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۈگۈنكى پەيتتە، بىزگە بىرلىشىشتىن باشقا يول يوق. بۇ بىز ھەممىمىز باش تارتىپ بولماس مۇقەددەس بۇرچتۇر. شۇنىڭغا كۆرە، مېنىڭ ئاخىرقى نىشانىم پۈتۈن تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ھەقىقىي بىرلىك ئۈستىگە قۇرۇلىدىغان دۇنياۋى مېخانىزمنى ئورنىتىشتۇر.
شۇڭا، بۇ ئىستىپانامەمنى ئوز-ئارا يىراقلىشىش ئەمەس، بەلكى ئىتتىپاقلىق ئۈچۈن يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەش ۋە مىللىتىمىز ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت جەھەتتىن ئوز-ئارا بىر-بىرىمىزگە تېخىمۇ مەھكەم باغلىنىش دەپ چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*