رابىيە قادىر: بىر شۇملۇقتىن پۇراق كېلىۋاتىدۇ، خەلقئارا جامائەتنى دىققەت قىلىشقا چاقىرىمەن!

رابىيە قادىر: بىر شۇملۇقتىن پۇراق كېلىۋاتىدۇ، خەلقئارا جامائەتنى دىققەت قىلىشقا چاقىرىمەن

رابىيە قادىر: بىر شۇملۇقتىن پۇراق كېلىۋاتىدۇ، خەلقئارا جامائەتنى دىققەت قىلىشقا چاقىرىمەن

رابىيە قادىر: بىر شۇملۇقتىن پۇراق كېلىۋاتىدۇ، خەلقئارا جامائەتنى دىققەت قىلىشقا چاقىرىمەن

  ۋەتىنىم شەرقى تۈركىستاندا 1.5 مىليون ئۇيغۇر بىر يىلدىن بەرى يىغىۋىلىش لاگىرلىرىدا سولۇنۇپ يىتىۋاتقان، ئۇلارنىڭ لاگېردىكى ھال ئەھۋالىدىن ئىنتايىن ئاز ۋە ئېچىنىشلىق ئۇچۇرلار كىلىۋاتقان، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ سوت ھۆكۈمىسىز تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان بۇ 1.5 مىليون ئىنساننىڭ بۇ لاگىردا قانچىلىك سولىنىدىغانلىقى ، سولانغۇچىلارمۇ ئىچىدە-ھىچكىمگە مەلۇم بولمايۋاتقان بۇ كۇنلەردە، ئىجدىمائىي تاراتقۇلاردا، كىشىنى چۆچىتىدىغان يەنە بىر قىسىملار ئۇچۇرلار تارقالماقتا.. 

ئۇ بولسىمۇ، تۈركىيىلىك بىر تىجارەتچى بايان قىلغان شەرقى تۈركىستاندىكى تۈرك تىجارەتچىلەرنىڭ دۇكانلىرىنى تاقاپ قايتىشى ئۇقتۇرۇلغانلىقى، فىرانسىيەلىك بىر ئوقۇغۇچى بىر ئۇيغۇر دوستىغا يەتكۈزگەن، شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇنېۋىرسىتىتلارنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشنى توختاتقانلىقى ۋە ئوقۇۋاتقانلارنى ئايرىلىشقا ئۈندىگەنلىك؛ يەنە ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن دېيىلگەن شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇۋاتقانلىقى قاتارلىق. بۇ ئۇچۇرلاردىن، ئاخىرقىسىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرىپىدىن ئىنىقلاپ دەلىللىنىشى، يەنى ھۆكۈمەت ئۆزى چىقارغان، ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن  قۇرۇلغان بىر جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىغا 50 قوغدىغۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئالدىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى سەمىگە سالىمىز.

 ئەگەر شەرقى تۈركىستاندا 1.5 مىليون ئۇيغۇر لاگىردا سولۇنۇپ ياتمىغان ۋە ئۇلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىشى پۇتۈن ئۇيغۇر دىققەت مەركىزى بولمىغان بولسا، يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بىرى يولغا قويۇپ كىىۋاتقان رايوننى قاتتىق تەدبىر باشقۇرۇش تەدبىرى ، يامان ۋەزىيەتنىڭ ئۆز ئىزىدا كەسكىن رېتىمدا داۋام قىلىشى دەپ قارايتتۇق. ئەمما لاگىرلار مەسىلىسى، دۇنيادا ئۆتكەن ئەسىردە قۇرۇلغان مۇشۇ خىل لاگېرلاردا قانداق ئاقىۋەتلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، بولۇپمۇ گىتلىر گىرمانىيەسنىڭ يىغىۋىلىش لاگىرلىرىنىڭ قانداق ئىچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرگە سەھنە بولغانلىقى، يۇقارقى شەرقى تۇركىستاننى چەتەللىكلەردىن خالىيلاشتۇرۇش ئۇقتۇرۇشى ۋە ، جەسەت كويدۇرۇش ئورنىغا 50 «يۈرەكلىك» قوغدىغۇچى ئىلىش ئېلانىدىن ئىنتايىن چوڭ بىر شۇملۇقنى ھەس قىلماقتىمىز.

 مەن خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا 55 يىل ياشىغان، خىتاي تۈرمىسىدە 5 يىل ياتقان، خىتاي -ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىنىڭ يىلتىزى ۋە ماھىيىتىنى چۈشەنگەن بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتىنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۇنيانى شۇملۇقتا دىققەت قىلىشقا، يۇز بەرگۈسى ئېغىر بىر پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمەن.

 ئەلۋەتتە مەن بۈگۇن گىتلىر ئۆز يىغىۋىلىش لاگىرلىرىدىكى يەھۇدىلارنى گاز چەمبىرىكىدە كۆيدۈرگەندەك كۆيدۈرمەكچى دەيدىغانغا پاكىتىم يوق، ئەمما ، شۇنداق بولۇشى مۇمكىن  دەيدىغانغا سەۋەبىم بار: چۈنكى شەرقى تۈركىستاندا بۇ لاگىرىنى تەسىس قىلغان خىتاي ھاكىمىيىتى، 1989-يىلى بېجىڭدا دېموكىراتىيە تەلەپ قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزنىڭ ئەۋلادلىرىنى تانكىغا بېسىپ ئۆلتۈرۈپ تەختىنى قوغداپ قالغان بىر ھاكىمىيەت. ئۆز ئەۋلادلىرىغا بۇ ۋەھشىيلىكنى قىلالىغان بۇ ھاكىمىيەتنى ئۆزلىرى بېسىۋالغان بىر زىمىنىدىكى خىتاي بولمىغان بىر خەلقنى، ئۇنىڭ ئۇستىگە يىللاردىن بىرى سېستىمىلىق ۋە پىلانلىق ئاسسىمىلاتسىيە قىلىۋاتقان ۋە قاتتىق باستۇرۇش  ئىلىپ بېرىۋاتقان بىر خەلققە شۇنداق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ۋەھشىيلىكنى قىلمايدۇ دىيەلمەيمىز.

بۇنداق بىر ۋەھشىيلىكنى پىلانلىق قىلمىغان تەقدىردىمۇ، لاگىرنىڭ ئىچىدە سولۇنۇپ ياتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى بىر سۈركۇلۇش ۋە توقۇنۇشنىڭ ھەر ۋاقىت بىر قانلىق قىرغىنچىلىققا پىلتە بولۇشى ئېنىق. ئەسلىدە ئىسكىلات ياكى باشقا مەقسەتلىك سىلىنغان ۋە بۈگۇن لاگىر ئورنىدا ئىشلىتلىۋاتقان بىنالاردىكى ئەسلىھە يېتەرسىزلىكىمۇ چوڭ -چوڭ قازالارغا يول ئېچىشى مۇمكىن.ئاتمىش-يەتمىش كىشى بىر ئويدە يېتىۋاتقان، يۇيىنالمايۋاتقان،كۇن كۆرمەيۋاتقان،ھاۋا ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەيۋاتقان بۇ ئىنسانلاردا ھەر ۋاقىت جىددىي بىر كېسەللىك تارقىلىشى ئۇنى داۋالاشقىمۇ ئۇلگۇرمەسلىكى مۇمكىن. يېقىندا لاگىردىن چىققان ئىككى گۇۋاھچى ئۆزلىرىنىڭ لاگىردا يىگىرمە ئاي ئاي ياتقاندىن كېيىن ئورۇقلاپ چىققانلىقىنى ئېيتتى. كۆز ئالدىمىزغا كەلتۇرەلەيمىزكى، 

، لاگىر يەنە داۋام قىلغان ھالەتتە بۇنداق بىر جىسمانىي ھالەتنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقى ۋە نىمە ئاقىۋەت يۈز بېرىدىغانلىقىنى  تەخمىن قىلىش ئىنسان بالىسى ئۇچۈن قيىن ئىش ئەمەس. 

ھۆرمەتلىك دولەت رەھبەرلىرى، خەلقئارا جامائەت ئەربابلىرى، گېتلىر گىرمانىيسنىڭ لاگىرلىرىدا نەچچە مىليون يەھۇدى سولۇنۇپ ياتقان ۋاقتىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقان ۋە ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى، گاز چەمبىرەكلىرىدە كۆيدۇرۇلۇشىڭ توختىشىغا ۋە ئۇنىڭ دۇنياغا پاش بولۇشىغا سەۋەب بولغان، بۈگۇن دۇنيادا ئۇنداق بىر ۋەزىيەت مەۋجۇت ئەمەس، خىتاي قانلىق بىر قىرغىنچىلىقنى  قىلىۋېتىپ، قانلىق قولىنى يۇيىۋېتىپ يەنە يۈرەلەيدۇ، ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىڭلار، ۋىجدانىگڭلارغا قۇلاق سېلىڭلار، بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى خىتايدىكىكى دىكتاتور شى جىنپىڭنىڭ قولىدا ۋە سىلەرنىڭ ئىنسابىڭلاردا، سىلەرنى ياردەمگە چاقىرىمەن.. 

دەرھال ب دت ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنى شەرقى تۈركىستاندا تەكشۇرۇش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشكە، لاگىرلارنى تەكشۇرۇپ چىقىشقا، ئىچىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۇشكە ۋە خىتاينى بۇ لاگىرنى دەرھال تاقاشقا قىستاشقا دەۋەت قىلىمەن.

Leave a Comment

*

*