رابىيە قادىر خانىم بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلىدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ لىدېرى، ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلىدى، ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.
رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلەشنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، يۈز مىڭلىغان كىشىلىرىمىزنىڭ قېنى بەدىلىگە كەلگەن جۇمھۇرىيىتىمىزنى قولدىن بېرىپ قۇيۇش نەتىجىسىدە بۈگۈنكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلارغا دۇچار بولغانلىقىمىزنى، شۇنىڭ ئۈچۈن جۇمھۇرىيەت كۈنىمىزنى مەڭگۈ ئىسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى، كەلگۈسىدە بۇ جۇمھۇرىيەت كۈنىنى ۋەتىنىمىزدە ئۆتكۈزىدىغان كۈنلەرنىڭ تېزرەك كېلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

Leave a Comment

*

*