ئۇيغۇرلار مىسىرنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشىغا قارشى ۋاشىنگتوندا نامايىش قىلدى

13‏-ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شتاتلاردا ئولتۇرۇشلۇق بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ياش مىسىرنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، مىسىر ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

نامايىشنى ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شتاتلاردا ئولتۇرۇشلۇق ياشلار تەشكىللىگەن.

نامايىشچى ياشلار مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بىلىم يۇرتلىرىدا ئەرەب تىلى ئۆگىنىۋاتقان ۋە دىنىي ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىشى، ئۇلارنىڭ مىسىردىن ئايرىلىپ باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشىنى توسۇشى، بەزى ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا مەجبۇرى قايتۇرۇپ بېرىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

قولىدا ئىنگلىز، ئەرەب تىللىرىدا يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان ياشلار مىسىر ھۆكۈمىتى ۋە پرېزىدېنتى ئەل سىسىغا قارشى « ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئەركىنلىك»، «ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قويۇپ بېرىلگەن»، «سىسىغا نومۇس»، «مائارىپ ئۈچۈن ئەركىنلىك» دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى، ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىشنى، ئۇلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشىگە رۇخسەت قىلىشنى ياكى مىسىردا قېلىپ داۋاملىق ئوقۇشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

نامايىشنى تەشكىللىگەن ياشلاردىن ئۇيغۇر قىزى ئايدىن ئەنۋەر نۇتۇق سۆزلەپ، مىسىر دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۈگۈن بۇ يەردە تۇرۇپ مىسىر ھۆكۈمىتىنى شۇنىڭغا چارىمىز. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى (خىتايغا) قايتۇرۇشنى توختىتىشى، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى تېز ئارىدا قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. مىسىر ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپ، دىنىي ھوقۇقلىرى ۋە ھاياتلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىمىز. مىسىر ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، خىتاينىڭ تۇيغۇلارنىڭ ئىنسانلىق غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىشىغا يانتاياق بولدى.»

نامايىش جەريانىدا يەنە بىر ئۇيغۇر قىزى ئۇيغۇر مىللىي مارشى‏-«شەرقىي تۈركىستان مارشى» نى ئېيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىسىر دائىرىلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى، كېلەچىكىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى ئىپادىلىدى.

مىسىر ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئىيۇلنىڭ باشلىرىدا مىسىردا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنى ئومۇمىي يۈزلۈك تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان.

چەتئەل ئاخباراتى ۋە مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەرگەن دەسلەپكى خەۋەرلىرىدە، 6‏-ئىيۇلغا قەدەر تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ 100 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈن مىسىر مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

چارشەنبە كۈنكى نامايىش دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشنى تەشكىللىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرى- بىلال ئىبراھىم تۈركىستانى مىسىر دائىرىلىرىنىڭ مىسىردا قانۇنلۇق تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى سەۋەبسىز ۋە نىشانلىق تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇ يەرگە ئۆزىمىزنىڭ نارازىلىقىنى تىنچلىق بىلەن بىلدۈرۈشكە، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى، ئائىلىسى بىلەن خاتىرجەم بارىدىغان يەرگە بېرىۋېلىشىنى، مىسىر خەلقىنىڭ، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلماسلىقىنى، خىتايدىن ئىبارەت بىر زالىم بىلەن بىرلىشىپ، بۇ خەلقلەرگە زۇلۇم قىلماسلىقىنى تەشەببۇس قىلغان ئاساستا بىز بۇ يەرگە كېلىپ ئۆزىمىزنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىمىز.»

يەنە بىر نامايىشچى ئۇيغۇر ياش مىسىردىكى بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈنلا مىسىردا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بۇ ئىشلار قانۇنسىز بولغان بولسا، بۇ مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشى بۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق رولى يوق بۇ يەردە. چۈنكى خىتاي ئۆزىنىڭ دۆلىتى ئىچىدىكى قانۇنسىز ئىشلارغا ئارىلىشىشى كېرەك. ئەگەر چەتئەللىكلەر خىتايغا بېرىپ، قانۇنسىز تۇرۇۋاتقان بولسا ئۇنىڭ ئۇلارنى چىقىرىۋېتىش ھوقۇقى بار. لېكىن چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا ‹بۇلار قانۇنسىز تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ بەر›، دەپ ئارىلىشىدىغان ھېچقانداق ھەققى يوق. بۇ دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە بولمىغان ئەخمىقانە ئىش. ئەگەر خىتاينىڭ قولى بولمىغان بولسا بۇ نەدىن كەلگەن يۈرەك بۇ، نەدىن كەلگەن ئۇلاردىكى بۇنچىلىك نوچىلىق بۇ.»

مىسىردا قېچىپ يۈرگەن ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاخبارات، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ 12‏-ئىيۇل بەرگەن خەۋەرلىرىدە، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان. «ئوتتۇرا شەرق كۆزەتچىسى» گېزىتى چارشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە، شۇ كۈنى 80 ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ 4 مىسىرنىڭ داھلىيە رايونىدىكى سامونود ساقچى پونكىتىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مىسىردا تۇرۇشلۇق بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ رادىئومىزغا بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىسىر ھۆكۈمىتى يەنە چېگرانى توسۇپ، قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنى چېگرادا تۇتقۇن قىلماقتىكەن. مىسىردا قېچىپ يۈرگەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى چارشەنبە كۈنى رادىئومىزغا ئۆزلىرىنىڭ باشقا دۆلەتكە كېتىشىگە يول قويۇلمايۋاتقانلىقى، ياكى خاتىرجەم تالاغا چىقالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مىسىر ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر مىسىردا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىزا ۋە ئىقامىتى تولۇق بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن ئومۇمىي يۈزلۈك تۇتقۇن قىلغانلىقىغا، نېمە ئۈچۈن پاسپورت قانۇنلۇق ئۇيغۇرلارنى چېگرادا توسۇپ، ئۇلارنىڭ باشقا دۆلەتكە كېتىشىگە يول قويمايدىغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىپ باقمىدى.

مىسىرنىڭ ۋاشىنگتون ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشتىكى يەنە بىر ئۇيغۇر ياش، مىسىر ھۆكۈمىتى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ ھاياتى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مىسىر ھۆكۈمىتىدىن مۇشۇ قېرىنداشلىرىمىزنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلىمىز. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى دىننى چەكلەۋاتىدۇ. ئۆيدىن ھەتتا بىر ‹قۇرئانى كەرىم› چىقىپ قالسىمۇ، 8، 10 يىل تۈرمىدە ياتىدۇ. ئەمدى بۇ مىسىردا ئوقۇپ كەلگەن بالىلارنى ئۆتكۈزۈپ بەرسە، تەسەۋۋۇر قىلماق بەك تەس. قىسقىسى، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىمىز.»

مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە خىتاينىڭ قانداق رول ئويناۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس. مىسىرنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى خىتاينىڭ مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتىدىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق -تۇغقانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى مەجبۇرى قايتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن يۈز بەرگەن. مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىدىن سەل بۇرۇن يەنە خىتاينىڭ مۇئاۋىن ج خ خەۋپسىزلىك مىنىستىرى چېن جىمىڭ مىسىرنى زىيارەت قىلغان.

چېن جىمىڭ بۇ يىل 19‏-ئىيۇن مىسىرغا قىلغان زىيارىتىدە مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مەگدي ئابدەلغەففار بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ مىسىر بىلەن «رادىكال تەشكىلاتلار» غا ئائىت ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بىز پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ مىسىردىكى ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، مىسىرنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىشىدا خىتاينىڭ قانداق رولى بارلىقىنى سورىغان بولساقمۇ، بىراق ئەلچىخانا خادىمى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*