ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچلىك ياكى گۇمانلىق دەرىجىسىنى بېكىتىدىغان جەدۋەل دەلىللەندى

تۈنۈگۈندىن بۇيان فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر رايونىغا قاراشلىق خېبېي غەربىي يولى ئاھالىلەر كومىتېتى چىقارغان بىر ئالاھىدە جەدۋەل ئاشكارىلاندى.

مەزكۇر جەدۋەلدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونى خېبېي غەربىي يولىدىكى ئۇيغۇر ئولتۇراق ئاھالىلەر 10 كاتېگورىيە بويىچە تەكشۈرۈلىدىكەن. ھەر بىر كاتېگورىيەگە نومۇر قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر ئاھالىلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئىشەنچلىك ياكى گۇمانلىق ئىكەنلىكى بېكىتىلىپ چىقىدىكەن.

مەزكۇر جەدۋەلدە تەكشۈرۈلگەن بىرىنچى كىشى خېبېي غەربىي يولى 1-ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى 19-بىنا 3-ئىشىك 103-نومۇرلۇق ئۆيدىكى 85 ياشلىق ئىبراھىم ئىسمائىل بولۇپ، ئۇنىڭغا 50 نومۇر قويۇلغان ۋە «ئادەتتىكىدەك دىققەت قىلىش ئوبيېكتى» دەپ بېكىتىلگەن.

جەدۋەلدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىبراھىم ئىسمائىلنىڭ مىللىتى «ئۇيغۇر» بولغانلىقى ئۈچۈن 10 نومۇر، پاسپورت بېجىرگەنلىكى ئۈچۈن 10 نومۇر، كۈندە ناماز ئوقۇيدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن 10 نومۇر، دىنىي بىلىمى بولغانلىقى ئۈچۈن 10 نومۇر، سىياسىي جەھەتتىن سەزگۈر ھېسابلىنىدىغان 26 دۆلەتنىڭ بىرىگە بارغانلىقى ئۈچۈن 10 نومۇر تارتىلىپ، ئومۇمىي نومۇرى 50 قويۇلغان.

جەدۋەلدىكى 9-كىشىنىڭ ئىسمى مىسىر ئەمەت بولۇپ، ئۇ خېبېي غەربىي يولى 1-ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى 20-بىنا 3-ئىشىك 302-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرىدىكەن. ئۇنىڭ يېشى 29 ياش بولۇپ، يېشى 18 ياشتىن يۇقىرى 51 ياشتىن تۆۋەن ئارىلىقتا بولغانلىقى ئۈچۈن 10 نومۇر، مىللىتى «ئۇيغۇر» بولغاچقا 10 نومۇر، ئىشسىز بولغاچقا 10 نومۇر تارتىلىپ، جەمئىي 70 نومۇر قويۇلغان ھەمدە «ئادەتتىكىدەك دىققەت قىلىش ئوبيېكتى» دەپ بېكىتىلگەن.

بىز مەزكۇر جەدۋەلدىكى تەپسىلاتلارنى دەلىللەش ۋە ئۇنىڭ قانداق مەقسەت بىلەن چىقىرىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ كۆرۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى شەھەر رايونلۇق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق.

ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق پارتكوم ئىشخانىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر خىتاي ئايال خادىم مۇنداق دېدى: «شۇنداق، بۇ يېڭى شەھەر رايونلۇق پارتكوم ئىشخانىسى. بۇ ئەھۋالدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق ئىكەن. مەن ئۇنداق بىر جەدۋەلنىمۇ كۆرۈپ باقمىدىم. سىز ئەڭ ياخشىسى بۇ ئەھۋالنى يېڭىشەھەر رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىدىن سوراپ كۆرۈڭ. بۇنىڭغا ئۇلار جاۋاب بېرىدۇ. بۇ بىزنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىمىز دائىرىسىدىكى ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەسىلىدە بىزنىڭ مۇخبىرلارغا جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتىمىز يوق.»

بىز ئارقىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. مەزكۇر ئىشخانىدىكى بىر نەپەر خىتاي مەسئۇل خادىم بۇنى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىدىن سورىشىمىزنى ئېيتىپ، سوئاللىرىمىزدىن ئۆزىنى قاچۇردى: «سەن قايسى جەدۋەلنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىسەن؟ مەن ھېچ چۈشەنمىدىم. بۇ ئىشلار گەرچە يېڭىشەھەر رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشخانىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك قىلسىمۇ، ئەمما شۇنچە كۆپ ھۆججەت ۋە جەدۋەللەر ئارىسىدىن مەن قايسى ھۆججەتنىڭ سەن سوراۋاتقان جەدۋەل ئىكەنلىكىنى ئۇقالمىدىم.

بىزنىڭ يېڭى شەھەر رايونىدا جەمئىي 700 دىن ئارتۇق مەھەللە كومىتېتى بار. شۇڭا قايسى بىرىنىڭ بۇ جەدۋەلنى چىقارغانلىقىنى بىلىش قىيىن. ئەگەردە بۇ جەدۋەلنى رايونلۇق ھۆكۈمەت چىقىرىپ تارقاتقان بولسا بىز بىلىشىمىز كېرەك. ئەگەردە ئۇنى يېڭى شەھەر رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتى چىقارغان بولسا، ئۇنىڭغا بىز ئارىلىشالمايمىز. سەن ئەڭ ياخشىسى بۇ جەدۋەلنى تولدۇرۇۋاتقان مەھەللە كومىتېتىغا بېرىپ، ئۇلاردىن سوراپ مۇقىملاشتۇرساڭ بولىدۇ. ئۇلار ساڭا بۇ جەدۋەلنىڭ زادى يېڭى شەھەر رايونلۇق ھۆكۈمەت ياكى يېڭى شەھەر رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىدىن چۈشكەنلىكىنى دەپ بېرىدۇ.

مەن ساڭا شۇنى تەكلىپ قىلىمەن. بۇنى بىزدىن سورىما. بۇنىڭسىزمۇ يېڭى شەھەر رايونىدەك بۇنداق كۆپ نومۇسقا ئىگە بىر ھۆكۈمەت ئىشخانىسى ھەممە ئىشلارنى بىلىپ كەتمەيمىز. بۇ مىللىي ۋە دىنىي مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش بولغاچقا سىياسىي-قانۇن كومىتېتى چىقارغان بولسا كېرەك. ئۇلار سىياسىي ۋە قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. بۇنى بىز بىلمەيدىكەنمىز.»

بىز ئاخىرىدا ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. مەزكۇر ئورۇندىكى بىر نەپەر مەسئۇل خادىم بۇ جەدۋەلنىڭ راستلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ يىل رامىزاندىن كېيىن تارقىتىلغانلىقىنى دەلىللىدى: «شۇنداق بۇ يېڭى شەھەر رايونلۇق مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى. بۇ جەدۋەلنى ھەرقايسى مەھەللە كومىتېتلىرى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بىزنىڭ ئىدارىگە ئەكېلىپ تامغا باستۇرىدۇ. بىز بۇ جەدۋەلدىكى دىنىي ئىشلارغا دائىر مەزمۇنلارنى بىر قۇر كۆرۈپ، تەكشۈرۈلگەن ئەھۋاللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېكىتكەندىن كېيىن تامغا بېسىپ بېرىمىز. بۇ جەدۋەلنىڭ بىر نۇسخىسى ئارخىپتا ساقلىنىدۇ.بۇ جەدۋەلنىڭ مەقسىتى نېمە دەمسىز؟ بۇنى ئولتۇراق ئاھالىلەرنىڭ ئاساسلىق ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەش جەدۋىلى دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇنى تەۋەلىكىمىزدىكى ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ئۈچۈن چىقىرىپتىكەن. بۇ جەدۋەل چىققىلى بىر-ئىككى ئاي بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن. بۇ يىللىق روزا-رامىزان ئۆتۈپ بولۇشى بىلەنلا ھەرقايسى مەھەللە كومىتېتلىرى بۇ جەدۋەلنى تولدۇرۇپ بىزگە تامغا ئۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى.

بۇنى ئالدى بىلەن تەۋەلىكىمىزدىكى ھەرقايسى ئاھالىلەر (مەھەللە) كومىتېتلىرى تولدۇرىدۇ. ئاندىن بىزگە ئېلىپ كېلىپ، تولدۇرۇلغان ئۇچۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى، يەنى ئاساسلىقى دىنىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى كاتەكچىلەرنى سېلىشتۇرۇپ، تامغا ئۇرغۇزىدۇ. بۇنى ئارخىپقا سالسا كېرەك.

بۇنى سىز دېگەندەك ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دېسەك بولماس. ئەمما بىلمەيمەن. بۇنى ئۆزىڭىز قانداق ئويلىسىڭىز، شۇنداق چۈشىنەرسىز! بىزگە بۇنى ئاھالىلەرنىڭ ئومۇمىي ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەيمىز دەپ چۈشەندۈردى، قالغىنىنى بىلمەيمىز. بۇ جەدۋەل يېقىندا پەيدا بولغاچقا تەپسىلاتىنى بىلمەيمەن. ئۇنى، ھۆكۈمەتمۇ ياكى سىياسىي-قانۇن ئورۇنلىرىمۇ، زادى قايسى ئورۇننىڭ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلمەيمىز. بىلمەي تۇرۇپ نېمىشقا تامغا بېسىپ بېرىسىلەر دەمسىز!؟ چۈنكى بىز قايسى مەھەللىدىكى قايسى ئاھالىنىڭ قانداق قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىنى بىلىمىز-دە! ئىشقىلىپ تەپسىلاتىنى بىزدىن سورىماڭ. بىزمۇ بۇ جەدۋەلنىڭ تېگى-تەكتىنى ۋە مەقسىتىنى ئېنىق بىلمەيمىز. بۇنى مەھەللىلەر كومىتېتىدىكى كونكرېت بېجىرىۋاتقان خادىملاردىن سورىسىڭىز بولىدۇ. بىز مىللەتلەر، دىن ئىشلىرى ئىدارىسى بولغاچقا پەقەتلا كۈندە 5 ۋاق ناماز ئوقۇيدىغان ياكى جۈمەگە بارىدىغان ئاھالىلەرنى ئېنىقلاپ كۆزىتىمىز. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز شۇ. بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي گەپ قىلالمايمەن.

سىز مۇخبىر بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشنى تەشۋىقات بۆلۈمىدىن سوراڭ. مېنىڭچە، بۇ ئۇيغۇرلارغا ياكى مەلۇم بىر مىللەتكە قارىتىلغان جەدۋەل بولمىسا كېرەك. تەۋەلىكىمىزدىكى ھەممە كىشى تولدۇرىدۇ. ئەمدى ئارتۇق گەپ قىلالمايمەن، كەچۈرۈڭ!»

مەزكۇر جەدۋەل مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بىلەن سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىنى قوزغىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « بۇ، كىشىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدىغان بىر ئەھۋال. بۇنداق بىر جەدۋەلنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنى نىشان قىلىشى خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي تازىلاش سىياسىتىنىڭ زادى قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ جەدۋەلدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر بولۇشنىڭ، ياش-قورام جەھەتتىن 18 ياش بىلەن 50 ياش ئارىلىقىدىكى ئۇيغۇر بولۇشنىڭ، پاسپورت بېجىرگەن بولۇشنىڭ، ناماز ئوقۇيدىغان بولۇشنىڭ، چەتئەلگە چىققان بولۇشنىڭ، ھەتتا دىنىي بىلىمى بار بولۇشنىڭ ھەممىسى گۇناھ! خىتاي بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئۆزىنى بىر جىنايەت دەپ ھېسابلاۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال بىزگە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمان ناتسىستلىرىنىڭ يەھۇدىيلارنى تىزىملاپ مىللىي قىرغىن ئېلىپ بارغان جىنايى تارىخىنى ئەسلىتىدۇ. خىتاي ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا «ئۇيغۇر خولوكائۇست» نى داۋام قىلماقتا.

ھازىر بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ئۆزىنى «مەن مۇسۇلمان ئەمەس»، «مەن ئۇيغۇر ئەمەس، بەلكى جۇڭخۇا مىللىتى» دەۋاتىدۇ. ئەمما بۇ جەدۋەلدىن كۆردۇقكى، خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئۆزى بىر جىنايەت. چۈنكى جەدۋەلدە مىللىتى ئۇيغۇر بولۇپ قالسا ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئىشەنچلىك دەرىجىسىدىن 10 نومۇر تارتىلىدىكەن! بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېتنىك يوقىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ!…

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*