رابىيە قادىر خانىم: خىتاي ئەزھەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىدە مىسىرغا بېسىم ئىشلىتىشنى توختىتىشى كېرەك

خىتاي دائىرىلىرى مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغىچلارنى يۇرتىغا قايتىش ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارتقاتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغىمۇ بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى . بولۇپمۇ بۇ چاقىرىق مىسىردا ئەزھەردە ئوقۇۋاتقان مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغىچىغا نۇقتىلىق قارىتىلغان ۋە ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئەكىتىش ئۈچۈن ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى قاماققا ۋە گۆرۈگە ئالغان ئىدى. بۈگۈنگە قەدەر بۇ ھەقتە تەرەپسىز ئاخباراتنىڭ خەۋەرلىرى خېلى بېرىلىدى. بىزمۇ ( دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ) خىتاينى بۇ زوراۋانلىقىدىن توسۇش ھەققىدە چاقىرىقلارنى ئېلان قىلدۇق؛ ئەمما خىتاي ھەرىكىتىنى توختاتمىدى. خىتاي دىپلوماتىك بېسىمىنىڭ تەسىرىدە مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مىسىرنى تەرك ئېتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى؛ گەرچە بۇرۇق قانۇنىي رەسمىيىتى يېتەرسىز بولغانلارغا قارىتىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىجرادا، كىملىكىدە ئۇيغۇر ئىكەنلىكى يېزىلغان ھەرقانداق ئوقۇغۇچى مەكتەپتىن ئايرىلىشقا زورلاندى. نەتىجىدە مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر قىسمى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ يۇرتلىرىغا قايتقان بولسا، بىر قىسمى مىسىردىن باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ مۇساپىرلىق ھاياتىنى باشلىدى. قايتقان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار بار.  نۆۋەتتە يۇرتىغا قايتىشتىن قورققان، باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشكە ئىقتىسادىي ئىمكانى بولمىغان 200 چە ئۇقۇغۇچى قاھىرەدە ئەندىشە ئىچىدە مۆكۈنۈپ ياشىماقتا. ئاڭلىغان ئەڭ يېڭى خەۋرىمىزدە تۈنۈگۈن قاھىرە ساقچىلىرى ئەزھەر ئونىۋېرسىتى ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ئەسلەم ئۇيغۇر ئاشخانىسى ۋە ئۆزگۈر ئاشخانىسىدىن 30دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تۇتۇپ كەتكەن. ھازىرغىچە جەمى تۇتۇلغان ئۇقۇغۇچىلار سانىنىڭ 70 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر بار. ساقچىلار يەنە ئۇيغۇر ئوقۇغىچلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋباتلىرى ئولتۇرۇشلۇق ئۆيلەرگە بېسىپ كىرىپ ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ كەتكەن، ئۆي ئاختۇرۇش جەريانىدىكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قوپاللىقى ئائىلىلەردىكى ئانا ۋە بالىلارنى ۋەھىمىگە سالغان. تۇتقۇنلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى مۇھاجىرەتتىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا. چۈنكى ئەزھەر ئونىۋېرسىتىدا ئوقۇپ قايتقان دوكتور ھېبىبۇللا توختى بۇ يىل 5‏-ئايدا 10 يىللىق كېسىلگەن . ( يەنە  بىزنىڭ خەۋرىمىز بولغان  ھەنىپە ئسىملىك  قىز 7 يىللىق كېسىلگەن، مىسىردا ئوقۇۋاتقان، يۇرتىغا قايتمىغان پوسكاملىق ئوقۇغۇچىنىڭ دادىسى ۋە ئاكىسى گۆرۈگە ئېلىنغان.) خىتاينىڭ چاقىرىقى بويىچە يۇرتىغا قايتقان ئۇيغۇر ئوقۇغچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسىنىڭ ئاقىۋىتى مەلۇم ئەمەس. ئۇلار بىلەن مىسىردىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. نۆۋەتتە ئەڭ كەم دېگەندە 100 دىن ئارتۇق ئۇقۇغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتى مىسىردا پەرىشان ھالەتتە تۇرماقتا، نەگە بېرىش نەدە تۇرۇشنىڭ غېمىنى يېمەكتە.

مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋەزىيەتكە ئالاقىدار تەرەپلەرگە تۆۋەندىكىچە چاقىرىقتا بولىمەن:
1. ئىلىم ئۆگىنىش، ئۆزىنى يېتىلدۈرۈش ئەقەللىي بىر ئىنسانىي ھەق؛ شۇڭا بىز خىتاينى مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ ئەكىتىش مەقسىتىدىن ۋاز كېچىشى ۋە بۇ جەھەتتە مىسىرغا بېسىم ئىشلىتىشىنى توختىتىشقا چاقىرىمەن. ئەگەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قانۇنىي رەسمىيەتلىرىدە كەمچىللىك بولسا، بۇنىڭ مەسئۇلىيىتى خىتاي تەرەپتە، ئەلچىخانا بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا پۇتلكىكاشاڭ چىقارماسلىق كېرەك. مىسىر ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن باشقا ئىشقا ئارىلاشمايۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقىنى نەزەردە تۇتۇشقا ، ئۇلارنى ئىلىم ئۆگىنىش ئارزۇسىنى چەتكە قاقماسلىققا ، ئاسارەت ۋە زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىدەك قېيىن شارائىتىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇلارنىڭ قولىدا رەسمىيىتى تولۇق بولماسلىقى قىيىنچىلىقىغا كەڭچىل مۇئامىلە قىلىش ۋە ياردەمدە بولۇشقا چاقىرىمەن. بولۇپمۇ نۆۋەتتە خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ۋە قېيىن-قىستاقنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىدەك ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ھەرقانداق بىر سەۋەب بىلەن خىتايغا قايتۇرماسلىققا دەۋەت قىلىمەن.
2 . مىسىرغا قوشنا ياكى باشقا دۆلەتلەرنى مىسىردا ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغىچلار ئۆز تەۋەلىكىگە قېچىپ بارسا، ئۇلارغا سىياسىي پاناھلانغۇچىلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشقا ۋە خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرىمەن.

3. ئاخىرىدا ئىنسان ھەقلىرىنى قەدىرلەيدىغان، ئاسارەت ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭمۇ ياشاش ھەققىنى ئېتىراپ قىلغان، مەزلۇم مىللەتلەرگە ياردەم بېرىشنى ئىنسانىي مەسئۇلىيەت دەپ تونۇيدىغان بارلىق دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنى خىتاينىڭ مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان بۇ زوراۋانلىقىغا سۈكۈت قىلماسلىققا دەۋەت قىلىمەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم

Leave a Comment

*

*