خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا شەخسى ئۇچۇر ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىگە تور سالدى

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا كەلگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈش، مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى دائىرىلىرى بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇقتۇرۇشتا، ئاھالىلەر ئەقلىيفون، خاتىرە كومپيۇتېر، بارماق دىسكا قاتارلىق بارلىق شەخسى ئېلېكترونلۇق ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئاھالىلەر كومىتېتلىرى ۋە ساقچى پونكىتلىرىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكى ئاگاھلاندۇرۇلغان. بۇ ئۇقتۇرۇشىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەر بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدا تۇغۇلغانلىكى ھەر قانداق كىشىگە قارىتىلغانلىقى دەلىللەندى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان بۇ خىل تەقىبلىرى، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا قۇلايسىزلىق ۋە يۇقىرى بېسىم ئىلىپ كەلگەن. مەزكۇر خەۋەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەردە ئەندىشە قوزغىماقتا.

رادىئو ئاڭلىغۇچىلاردىن بىرىنىڭ سەيشەنبە ئەۋەتكەن نامسىز ئېلخەت ئۇچۇرىغا، ئۈرۈمچى يامالىق تاغ رايونىدىكى باۋشەن يولى مەھەللە كومىتېتىنىڭ يېقىندا تارقاتقان بىر ئۇقتۇرۇشىنىڭ فوتو نۇسخىسى قىستۇرۇلغان بولۇپ، 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى يەنى بۈگۈن تارقىتىلغان بۇ ئۇقتۇرۇشتا، ھازىرقى مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن باۋشەن مەھەللە كومىتېتىدا تېررورلۇق، زوراۋانلىققا قارشى مەخسۇس تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر ۋە دۇكاندارلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن، 1-ئاۋغۇستتىن بۇرۇن كىملىك ۋە بارلىق ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ مەھەللە كومىتېت ساقچى پونكىتلىرىدا مەخسۇس تىزىملاش ۋە تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشى كېرەكلىكى، مۇبادا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە بۇ خىزمەتكە ماسلاشمىغانلارنىڭ بولسا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلىرى بويىچە مەسئۇلىيىتىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

مۇخبىر بۇ ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئاستىدا بېرىلگەن باۋشەن مەھەللە كومىتېتىدىكى ساقچى پونكىتى تېلېفون نومۇرلىرىغا تېلېفون ئۇلىغان، بىر ساقچى تېلېفوننى ئېلىپ، ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى ۋە مەقسىتى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بەرگەن.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئۇقتۇرۇش ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى ئولتۇراق رايونلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق جايلىرىدا ئوخشاش تارقىتىلغان. بۇ مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈش، تازىلاش ھەرىكىتى رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ئالاھىدە جىددىي مۇقىملىق ۋەزىيىتى سەۋەبلىك يۈرگۈزۈلىدىغان تەدبىر:

-ھە، بۇ باۋشەن ساقچى پونكىتى.
‏-مەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرى، بىر ئۇقتۇرۇشۇڭلاردا كومپيۇتېر، يانفون دېگەندەك شەخسى بۇيۇملارنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى دەپتىكەنسىلەر، شۇنى ئېنىقراق ئىگىلەپ باقاي دېگەن.
-شۇنداق، ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن ھازىرقى مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەر قانداق جۇڭگو پۇقراسى بۇ خىزمىتىمىزگە ماسلىشىشى كېرەك. ئاھالىلەر ئۇقتۇرۇشنى كۆرگەن ھامان ئەقلىيفون، بارماق دىسكا، ئايپەت ۋە خاتىرە كومپيۇتېرنى ئېلىپ، ئاساسەن تۆت خىل ئۈسكۈنىنى ئەڭ يېقىن ساقچى پونكىتىغا كېلىپ تەكشۈرتۈشتىن ئۆتۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
-بۇلارنى تەكشۈرۈشتىكى مەقسەت نېمە؟
-بۇ ئۈسكۈنىلەردىكى قانۇنسىز ئۇن سىن نەرسىلەرنى تەكشۈرۈپ تازىلايمىز.
-ئۇنداقتا، شەخسلەرگە تەۋە بۇ ئۈسكۈنىلەرگە دائىرىلەر يۇمشاق دېتال ئورنىتامسىلەر؟ قانداق تەكشۈرۈلىدۇ؟
-بىز پەقەت بىر يۇمشاق دېتالنى ئورنىتىپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ خاتىرىسىنى تەكشۈرىمىز، شۇ يۇمشاق دېتال كىرگۈزۈلگەن ھامان ھەممە نەرسە ئېچىلىدۇ، ساقلاپ قويۇلغان ھەممە ئېلېكترونلۇق ھۆججەت، ئارخىپلار تەكشۈرۈلىدۇ، پاكىز بولمىغان ھەممە نەرسە تەكشۈرۈلىدۇ. ئەمدىغۇ ئېنىق بولغاندۇ؟!
-بىلەلمىدىم، پاكىز بولمىغان دېگەن قانداق نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
-بىزنىڭ تېلېفون نومۇرىمىزنى كىم دېدى، ھەر يەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئالىدىغان تەدبىرى بار بىلەمسەن؟ خىتاي پۇقراسىنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇ تەدبىرگە ماسلىشىش مەجبۇرىيىتى بار.
-ئۇنداقتا نېمىشقا خىتاينىڭ باشقا يېرىدە بۇنداق تەدبىر يوق؟
-ئىچكىرىدە يوق ئەلۋەتتە. سەن شىنجاڭدا تۇغۇلغانمۇ؟
-شىنجاڭ جۇڭگودا ئەمەسمۇ؟
-شىنجاڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، لېكىن بۇ جاينىڭ ۋەزىيىتى ئوخشىمايدۇ.
-ئوخشاش دۆلەت بولسا نېمىشقا ئوخشاش قانۇن يۈرگۈزۈلمەيدۇ؟
-نېمىشقا شىنجاڭدىلا بىلەمسەن؟ 5-ئىيۇلنى بېشىڭدىن ئۆتكۈزۈپ باققانمۇ؟
-بۇ تەدبىرنىڭ 5-ئىيۇل بىلەن ئالاقىسى بارمۇ؟
‏-……….
-ئەگەر بېرىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىسىچۇ، جازالىنامدۇ؟
-بەرىبىر تېلېفونغا ئۇرۇپ تاپىمىز. ھەر قانداق ئادەم بويسۇنۇشى كېرەك، كەلمىسە قانۇنىي جاۋابكارلىقىغا ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئۇنداق جىق سورىما.
-رايون ئىچىدىكى، سىرتىدىكى-چەتئەللەردىكى جۇڭگو پۇقرالىرى، شىنجاڭدا تۇغۇلغانلا بولسا بۇ شەرتكە بويسۇنۇشى كېرەكمۇ؟
-شۇنداق، 26 نۇقتىلىق دۆلەتتە بولىدىكەن، قايتىپ كەلگەن ھامان بۇ تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشى شەرت. بۇ خەنزۇ، ئاز سانلىق مىللەت ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جىق گەپ قىلمىساممۇ سەن شىنجاڭلىق بولساڭ، بۇ يەرنى ياخشى بىلىشىڭ كېرەك.

ئۇيغۇر ئېلىدا كىشىلەرنىڭ شەخسى ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «بىر بەلۋاغ، بىر يول» مۇقىملىق ۋە ئامانلىق تەدبىرلىرىنىڭ بىرى. بۇ يىل رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتى شەخسلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى ۋە ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇشتا بىر قاتار يېڭى بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويغان ئىدى شۇنداقلا مەلۇماتلاردىن، خىتاي بۇ تۈردە مەخسۇس كۈچ ئاجرىتىپ ئاۋۋال ئابونتلارنىڭ بارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز كىملىكى بىلەن تىزىملىتىشنى يولغا قويغان بولسا، ئايرودروم، يول ئېغىزلىرى، تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنى سەپلەپ، خەۋپلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاتالمىش مۇقىملىققا زىيانلىق قانۇنسىز ئۇچۇرلارنى تېز بايقاش، تېز تۇتۇش ۋە تېز جازالاشتەك بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويغانلىقى، بۇ سەۋەبلىك تۇتۇلغانلارنىڭ كۆپلۈكى بىر ئومۇمىي يۈزلىنىش بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەردىن خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئاسپىرانتى ھېنري شېجىسكى ئەپەندى بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يېڭى تەدبىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىدى.

-يېقىنقى ئايلاردا ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىنىۋاتقان تەدبىرلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان باستۇرۇش ۋە تەرىپلەشلەر قەدەممۇ-قەدەم كۈچەيتىلدى، بۇنىڭ ئالدىدا، رايوندا ئېلىپ بېرىلغان سالامەتلىك تەكشۈرۈش باھانىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا ئەۋرىشكىسىنى يىغىش، ئەمدىلىكتە بارلىق ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى تىزىملاپ تەكشۈرۈش. بۇلار رايوندا پەقەت خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدا ئىشەنچنى تېخىمۇ يوقىتىش، بېسىم ۋە قارشىلىقلارنى كۈچەيتىشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ.

بۇ تەقىب قىلىشتا نىشانغا ئېلىنغانلار شۇ رايوندىكى ئادەتتىكى ئىنسانلار، ھېچقانداق قانۇننى بۇزمىغان نورمال ئىنسانلار، ھەتتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ تەقىپلەشتىن قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلارنى خۇددى جىنايەتچى قاتارىدا سانىغانلىق. مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بۇ خىل تەقىپلىرىنى ئىلگىرىكىدىنمۇ ئېغىرلاشتۇرۇشىدىكى سەۋەب، ئىلگىرى بۇ رايون خاراكتېرلىك بىر مەسىلە بولغان بولسا، ئەمدى ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە مەسىلىدۇر. رايوندىكى سىياسىي مۇقىملىق ئېھتىياجىدىن باشقا، ھازىر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنىڭ شىنجاڭغا باغلىق بولۇپ قالغانلىقىدا. شى جىنپىڭنىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيىسىنىڭ راۋان ئەمەلگە ئېشىشىمۇ بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە باغلىق. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى يۈز بەرگۈسى ھەر قانداق خەۋپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەڭ قاتتىق ۋە جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە رايون ۋەزىيىتىگە پايدىسىز يەنى جىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىشى مۇمكىن.»

«خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا كىشىلەرنىڭ شەخسى ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە بولغان كونتروللۇقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشىنىڭ، خىتاينىڭ ئىشەنچسىزلىكى ئەندىشىسىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە» دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىگە بولغان تەقىبنى ھازىرقىدەك، ئوقۇغۇچىلار تەتىلگە چىقىدىغان بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىشىغا نىسبەتەن، خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە چەتئەللەردىكى يۇرتىغا قايتماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ بۇ خىل باستۇرۇشىغا قارشى زۆرۈر بولغان ئۆزىنى قوغداش تەدبىرلىرى ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ مەزكۇر مەسىلىنى جىددىي تۈردە خەلقئاراغا ئاڭلىتىش ۋە يەنىمۇ جىق بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى بۇ تەقىپلەشنىڭ قۇربانى بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەركىن ئاسىىيا رادىئوسىغا كەلگەن ئىنكاسىغا قارىغاندا، ھازىر ھەر قايسى شەھەر، ناھىيىلەر ئوتتۇرىسىدا مەخسۇس تېلېفون تەكشۈرۈش پونكىتلىرى بولۇپ، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان، بۇنىڭغا مەسئۇل ساقچىلار ئادەتتە ھەر قانداق ئادەمنىڭ يانفونىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەسىلە تاپالايدۇ، بۇنىڭغا ئۇچ يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆز بىخەتەرلىكىنى ئويلاپ يېڭى ئەۋلاد ئەقلىفونلاردىن ۋاز كېچىپ، ئادەتتىكى كونا نۇسخا يانفونلارنى ئىشلىتىشكە يۈزلەنگەن. خىتاينىڭ بۇ خىل يۇقىرى بېسىمى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، قازاق، خىتاي قاتارلىق مىللەت ئاممىسىغىمۇ بېسىم ۋە قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە ۋە نارازىلىقنى كۈچەيتمەكتە.

مەنبە: ئەركىن ئاسىىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*