تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ۋاسىتىلىك ۋە بىۋاسىتە پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىماقتا

ئىنكاسلارغا قارىغاندا، يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي دائىرىلىرى سودا ۋە ياكى باشقا ئىشلار بىلەن تۈركىيەگە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە سولىۋالغان ۋە پاسپورتلىرىنى، ماللىرىنى مۇسادىرە قىلغان.

تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىنايەتچىلەرنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار كېلىشىملەر تۈزۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدىن ساقچى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرى ئىستانبۇلغا كېلىپ، تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە پاراكەندىچىلىك سالغان ۋە بۇ ئەھۋال تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىلىرىنى كۈچەيتكەن.

خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك، ئىقتىسادى، سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە زىيارەت ۋە تىجارەت سەپەرلىرى جانلاندى،تۈركىيە ماللىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىشىمۇ يۈكسەلدى ۋە بارغانچە بازار تاپقان ئىدى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تازىلاشلىرىدا تۈركىيەنىڭ بايرىقى، تۈركچە ئىسىم ھەتتا تۈركىيە ماللىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا چەكلەنگەنلىكى مەلۇم. دەلىللەنگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيە ۋە ئۇيغۇر ئېلى ئوتتۇرىسىدا سودا قىلىۋاتقان شەخسى تىجارەتچىلەرنىڭ سودىسى پۈتۈنلەي توسۇۋېتىلگەن. پۇل مۇئامىلە ۋە ئۇچۇر ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. ئوقۇش، تۇغقان يوقلاش ۋە سودا، ساياھەت دېگەندەك ھەر قانداق بىر مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيەگە بارغان ئۇيغۇرلار، ھەتتا تۈركىيە پۇقرالىقىنى ئالغان ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نازارىتىگە ئېلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيە بىلەن ئالاقىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل تەقىپلەشلىرىنى ھەتتا چېگرا ئاتلاپ تۈركىيەگە كېلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ رادىيومىزغا يەتكۈزۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ئىستخبارات خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا كىشى ئىستانبۇلغا كېلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئاشكارا ۋە يۇچۇن ئۇسۇللاردا پاراكەندىچىلىك سالغان. يەنە بىر قىسىم خىتايپەرەس ئۇيغۇرلار دىپلومات رېستورانىدا مەخسۇس زىياپەت بېرىپ ئۇلارنى كۈتۈۋالغان.

ئىستانبۇلدىكى بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى خانىم، يېقىنقى يىللاردا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ساياھەتچى قىياپىتىدە ئىستانبۇلدا پەيدا بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئۇلارنىڭ ئاساسەن ئىستانبۇلدىكى چوڭ بازارلاردا ئۇيغۇرلار ئاچقان دۇكانلارنى نۇقتىلىق ئارىلاپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىم ھەپتىلەر ئىلگىرى ساياھەتچى سىياقىدا كەلگەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مىسىردىن تۈركىيەگە كەلگەن بالىلارنى بەكرەك سۈرۈشتە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئاسىيا  رادىئوسى مۇخبىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈركىيەگە ئۆزىنىڭ ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىنى ئەۋەتىپ ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىلىك سېلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئېلىغا بارغان تۈركىيە پۇقراسى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئوخشاش ئەھۋاللارغا قارىتا، تۈركىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلەشقان. ئەلچىخانا ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ خادىمى بۇ سوئاللارغا بىۋاسىتە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئەنقەرەگە يازما يوللىشى ۋە ئۇلارنىڭ جاۋابىنى كۈتۈشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەندىن باشقا جاۋاب بەرمىگەن.

مۇخبىر يەنە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردا تۈرلۈك ئەندىشىلەر پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزۇۋاتقان بۇ ئەھۋاللاردىن تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋىرى بار-يوقلۇقىنى بىلىش مەقسىتىدە، ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلات ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن ئالاقىلەشقان. تۈركىيە ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئەھۋاللاردىن مەلۇماتى بارلىقىنى، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلەر كۈچەيگەن بىر پەيتتە، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىدا قىسىنچىلىق بىر ۋەزىيەتتە قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھامىت ئەپەندىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئىستىخبارات خادىملىرىنى ئىستانبۇلغا ئەۋەتىشى يېقىنقى يىللاردا داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقان بىر ئەھۋال بولۇپ، يېقىندا خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبلىك مىسىردا ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى بىلەن، خىتاي بۇلار ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

گەرچە، ئۇلار تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە تەھدىت سالالمىسىمۇ، بىر قىسىم كىشىلەردىن پايدىلىنىپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر، ئاخبارات يىغىش، ئايرىملار بىلەن كۆرۈشۈپ بېسىم ئىشلىتىشتەك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ھامىت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەدەك بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرى مۇنتىزىم بىر دۆلەتنىڭ خىتاي ياكى ھەر قانداق باشقا بىر دۆلەت خادىملىرىنىڭ، بۇ جايدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر قانداق ھەرىكىتىدىن خەۋىرى بولماي قالمايدۇ.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*