ئاقسۇدا ئۇيغۇر كومپارتىيە كادىرلىرىنىڭ جىنازا نامىزىنى مەسچىتتە چۈشۈرۈش مەنئى قىلىنغان

ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقسۇ شەھىرىگە قاراشلىق قارتال بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق «4 پېشقەدەم» نۇردۇن تۇردى بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال ۋاپات بولغان بۇلۇپ،  ئۇنىڭ ئائىلىسى مەرھۇمنى ئۇيغۇرلارنىڭ مېيىت ئۇزىتىش قائىدە يوسۇنغا ئاساسەن يۇيۇپ تاراپ، نامىزىنى قاراتالدىكى بىر مەسچىتكە ئاپىرىپ چۈشۈرۈپ، يەرلىكىگە قويغان.

ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرغا نىسبەتەن بۇ ناھايىتى نورمال دەپنە مۇراسىمى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىر بىنورمال ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس. بىراق قارتال بازارلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئەھۋالغا ئۇنداق قارىمىغان. بازارلىق پارتكوم نۇردۇن تۇردىنىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭ نامىزىنى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ پارتىيە ئەزاسى كادىرلار ۋە «4 پېشقەدەم»نى دەپنە قىلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان، دەپ جازالىغان.

قارتال يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چىقارغان بۇ ھەقتىكى ھۆججىتى يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىندى. بۇ ھۆججەتنىڭ تارقىلىشى بىلەن ئاقسۇ شەھىرىنىڭ 2012‏-يىلى ھۆججەت چۈشۈرۈپ، پارتىيە ئەزاسى كادىرلار، «4 پېشقەدەم» لەرنىڭ جىنازا نامىزىنى مەسچىتكە ئاپىرىپ چۈشۈرۈشنى چەكلىگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

قارتال بازارلىق پارتكومنىڭ «نۇردۇن تۇردىنىڭ نامىزىنى ئۆيىدە چۈشۈرمەي بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەسچىتتە چۈشۈرگەنلىكىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى»دا كۆرسىتىشىچە، مەرھۇمنىڭ نامىزى ئۆيدە ئەمەس، مەسچىتتە چۈشۈرگەنلىكى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان 3 مىڭ سوم دەپنە پۇلى ۋە 6 ئايلىق تۇرمۇش پۇلى تۇتۇپ قىلىنغان.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىر  ئاقسۇغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگەللىگەن. نۇردۇن تۇردىنىڭ دەپنە ۋەقەسىنىڭ كونكرېت تەپسىلاتى ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، بىراق يەرلىك دائىرىلەر پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ نامىزىنى مەسچىتتە چۈشۈرۈش مەنئى قىلىنغانلىقىغا دائىر ھۆججەت بارلىقىنى دەلىللىگەن.

«ئىسىم قويۇش، نىكاھ قىلىش، دەپنە مۇراسىمى دېگەندەك ئىدىيەۋى پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە بەلگىلىمە بار. دەپنە ئىشلىرىدا بۇ كەنت خىزمەت كومىتېتىغا ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. خىزمەت كومىتېتىنىڭ 1‏-سېكرېتارى تەستىقلىغاندىن كېيىن، كونكرېت ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ كونكرېت مەشغۇلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز شۇ يەرلىك كەنت خىزمەت كومىتېتىدىن سورىسىڭىز بولىدۇ.خىزمەت كومىتېتى سىزگە كونكرېت ئەھۋاللارنى، دەپ بېرىدۇ».

قارتال بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر ئەمەلدارى يەنە، قارتال بازارلىق پارتكومنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلگەن پارتىيەلىك كادىرلارنى جازالىغانلىقى ھەققىدىكى ھۆججىتىگە دائىر سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئىشنى باشقۇرىدىغان مەخسۇس خادىملار بار. دەپنە ئىشلىرىغا دائىر كونكرېت مەسىلىلەرنى كەنت خىزمەت كومىتېتىدىكى مەخسۇس خادىملار قىلىدۇ. ئائىلىلەر (كادىرلارنىڭ) دەپنە ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرسا بولمايدۇ. ئەگەر ئائىلىلەر ئۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا،بۇنىڭ جازاسى بار. نىكاھ ئىشلىرىدىمۇ شۇنداق، خىلاپلىق قىلغانلار جازالىنىدۇ. مەسىلەن، بۇ توي خېتىسىز نىكاھ ئوقۇسا بولمىغانغا ئوخشاش.

شۇڭا، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ھۆكۈمەتنىڭ بېكىتىپ بەرگەن قائىدىسى بار. مەسىلەن، دەپنە ئىشلىرىدا ھازىدار ئائىلە ئەھۋالنى كەنتكە مەلۇم قىلىدۇ. كەنت كومىتېتى، 1‏-سېكرېتار ۋە كەنت خىزمەت كومىتېتىدىكىلەر كېڭىشىپ، بۇ ئىشنى قانداق قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شۇندىلا ھازىدار ئائىلە دەپنە ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىرلارنىڭ دەپنە ئىشى مانا مۇشۇنداق باشقۇرۇلىدۇ. 4 پېشقەدەم بولۇپ، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلارغا تۇرمۇش پۇلى، دەپنە ھەققى ۋە باشقا پاراۋانلىقلار تەسىرگە ئۇچرايدۇ».

قاراتال بازارلىق ھۆكۈمەتتىكى يەنە بىر ئۇيغۇر كەچلىك نۆۋەتچى خادىم يۇقىرىقى خىتاي ئەمەلدارىنىڭ سۆزلىرىنى دەلىللىگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جىنازا نامىزىنى چۈشۈرىدىغان ئىماملارنى كەنت سېكرېتارى بېكىتىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ :«مۇشۇ يەرگە كېلىپ ئۆزىنىڭ كەنت تەۋەلىكىدىكى سېكرېتارغا ئۇقتۇرسا، سېكرېتار ئورۇنلاشتۇرۇش بېرىدىكەن. نامىزىنى چۈشۈرىدىغان ئىمامنى، مەسچىتتە چۈشۈرسە مەسچىتتە، ئۆيدە چۈشۈرسە ئۆيدە، ھەممىنى شۇ سېكرېتار ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدىكەن. ھازىر قايسى كەنتكە تەۋە بولسا شۇ كەنتكە ئىلتىماس قىلىمىز، مۇشۇنداق ئەھۋال بار، شۇلار بېكىتىپ بېرىدۇ. نۇردۇن تۇردىنىڭ ئىشىنى بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن، لېكىن تەۋەلىكتىكى كەنتكە ئىلتىماس قىلسا، شۇ كەنتنىڭ سېكرېتارى قانداق بېكىتىپ بەرسە، شۇ بويىچە قىلساق بىر ئىش چىقمايدۇ».

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرلار ئۆلسە جىنازا نامىزىنى مەسچىتتە ئوقۇماسلىق ھەققىدىكى ھۆججىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا بەزى ئادەم ئىسىملىرىنى چەكلەپ، خەلقئارا ئاخبارات ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىغان بىر مەزگىلدە ئاشكارىلاندى.

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى«دىنىي ئەسەبىيلىك»كە قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ جىنازا نامىزىغا چەكلىمە قويۇشى، بەزى ئىسىملارنى چەكلىشىنىڭ «ئاشقۇنلۇق» بىلەن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن.

تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇيغۇر مىللىتى ئۆلۈم بولغان ۋاقتىدا،مەيلى ئۇ كىشى بۇ دۇنيادا قانداق ياشىغان بولسۇن، ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ئۆلگەن ۋاقتىدا مېيىتىنى مەسچىتكە ئاپىرىپ، جىنازا نامىزىنى ئوقۇپ چىرايلىق ۋىدالىشىپ، دۇئا قىلىپ، ئۇزىتىپ قويۇش بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئۆرپ-ئادىتى. ئۇنىڭ ئەمدى مەسچىتكە ئاپىرىپ نامىزىنى چۈشۈرۈشنىمۇ چەكلىگەنلىكى بۇ دۆلەتنىڭ ئۇ دەرىجىدە چاكىنىلىشىپ، چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتى. مەسچىتتە بىر ئۆلگەن كىشىنىڭ مەيلى ئۇ كىشى كىمنىڭ ئەزاسى بولسۇن، كىمنىڭ كادىرى بولسۇن ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشنىڭ تېررورلۇق ۋە رادىكاللىق بىلەن نېمە ئالاقىسى بار. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ مەقسىتى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش.»

تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن يەنە، جىنازا نامىزىنى چوقۇم مەسچىتكە ئاپىرىپ چۈشۈرۈش شەرت بولمىسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ بۇنى چەكلەشتىكى مەقسىتى توغرا ئەمەسكەن. ئۇ، بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ ئۆزى رادىكاللىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قارتال بازارلىق پارتكوم ھۆججىتىدە، نۇردۇن تۇردى تۇرۇشلۇق 23‏-كەنت پارتىيە ياچېيكىسى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش بىلەن تەنقىدلەنگەن. ھۆججەتتە كۆرسىتىشىچە، قارتال بازارلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت نۇردۇن تۇردىنى جازالاش قارارىنى ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم 2012‏-يىلى تارقاتقان «ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يېزىلىرىدىكى پارتىيە ئەزاسى كادىرلار ۋە 4 پېشقەدەم خادىملارنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى»غا ئاساسەن چىقارغان.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*