ئاقتۇ ناھىيەسىدە كوچا چارلىغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ تور بېتىدە 2-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا بىلدۈرۈلىشىچە، ج خ ئىدارىسىغا 600 نەپەر چارلىغۇچى قوبۇل قىلىندىغان بولۇپ، بۇنىڭ 500 نەپىرى ئەر، 100 نەپىرى ئاياللاردىن ئېلىنىدىكەن.

ئۇقتۇرۇشتا قەيت قىلىنىشىچە، قوبۇل قىلىنىدىغان چارلىغۇچىلارغا مىللەت چەكلىمىسى قويۇلمىغان، ياش چەكلىمىسى ئەرلەرنىڭ 20 ياشتىن 35 ياشقىچە، بويى 1.65 مېتىردىن يۇقىرى، ئاياللارنىڭ 20 ياشتىن 30 ياشقىچە، بويى 1.60 مېتىردىن يۇقىرى قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قارىشى تۇرىدىغان بولۇشى تەكىتلەنگەن.

ئۇقتۇرۇشتا، سىرتتىن كەلگەنلەرگە ياتاق، تاماق، ئۆيلەنگەن بولسا، ئۆي مەسىلىسىنىڭمۇ ھەل قىلىنىپ بېرىلىدىغانلىقى، گەنسۇ، شەنشى، سەنشى، خۇنەن، سچۈەن ۋە خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىنمۇ قوبۇل قىلنىدىغانلىقى، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ 9064 يۈەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر مائاشىنىڭ 8886 يۈەندىن كەم بولمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

Leave a Comment

*

*