5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئاراغا چاقىرىق قىلىندى

ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان غۇلجا ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ كۈننى خاتىرىلىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بولسا بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنىڭ تونۇلۇشىدا ئوينىغان رولىنىڭ ئىنتايىن زورلۇقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى غۇلجا شەھىرىدە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى تىنچ يول بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنىڭ كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. بىراق، شۇ كۈندىكى نامايىشنى خىتاي قوراللىق قىسىملىرى قاتتىق باستۇرۇلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، غۇلجا ۋەقەسىدە تىنچ يول بىلەن نامايىش قىلغان ياشلارنىڭ قانلىق باستۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، ئوخشاش ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا تېخىمۇ كۈچىيىپ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنداقتا، 5-فېۋرال كۈنىدىكى نامايىش قانداق بىر شارائىتتا ئوتتۇرىغا چىققان؟ ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇيغۇر تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇشىدىكى سەۋەبلەر نېمە ئىدى؟ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇنىڭ پەقەت بىر نامايىشلا ئەمەس، ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى ئويغىنىشنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى غۇلجا ۋەقەسىنى ئەسلەپ، بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا ۋە ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتا زور رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېلان قىلغان ۋە يەرلىكتىن ئىگىلەنگەن غەيرىي رەسمىي رەقەملەردىن قارىغاندا، غۇلجا ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 4000 دىن ئوشۇق كىشى تۇتقۇن قىلىنغان، 100 دىن ئوشۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە كېيىن 200 دىن ئوشۇق كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم شۇ ۋەقەدە نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ئۆز بالىلىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، ئۆز ئائىلىسىنىڭمۇ غۇلجا ۋەقەسىنىڭ بىۋاستە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان مىڭلىغان ئائىلە ئىچىدىكى بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇ كۈننى ھەم قايغۇ، ھەم غورۇر ئىچىدە ئەسلەپ ئۆتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، غۇلجا ۋەقەسى يۈز بېرىپ 20 يىلدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا ۋەزىيەتتە ياخشىلىنىش بولمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ھوقۇقلىرىنىڭ يەنىمۇ ئېغىر شەكىلدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا «سوتسىز ئۆلۈم» سىياسىىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى. تېخى ئالدىنقى ئاينىڭ 8-كۈنى خىتاي ساقچى تەرەپ خوتەندە «تېررورلۇق گۇرۇپپىسى» غا چېتىشلىقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان 3 نەپەر گۇماندارنى قوغلاپ تۇتۇش جەريانىدا ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، مەزكۇر ۋەقە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىجرا قىلىۋاتقان سوتسىز ئۆلۈم، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئالدى بىلەن گۇماندارلارنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن ۋەقە ھەققىدە ئىزاھات بېرىش ئۇسۇلىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر ئۆرنىكى، بولۇپ قالغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا ئوچۇق-ئاشكارا بېسىم قىلىشقا چاقىردى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*