ياپونىيە كونسېرۋاتىپلار سىياسى ھەركەت كونفېرانسىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق

(ئۇيغۇر مىللى ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمىڭ يىغىن ۋەكىلى تەرىپىدىن ئوقۇپ ئۆتۈلگەن نۇتۇقنىڭ تۇللۇق تېكىستى)

بۈگۈن خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىۋېلىشنى يالغۇز ، يالغۇز ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئىجراسى بولۇپلا قالماستىن، مەنچە يەنە خىتاينىڭ 19 ‏-قۇرۇلتىيىدا دېيىلگەن 2050 ‏-يىلىغىچە دۇنياغا خوجا بولۇش، دۇنيادا يېگانە كۈچكە ئايلىنىش ئارزۇسىنىڭ بىر قەدىمىدۇر. خىتاي نۆۋەتتە ، چېن چۇەنگونىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا تۈرمىدەك مەخپىي تۇتۇلىدىغان، ھەربىي گازارمىدەك چىڭ تۇتۇلىدىغان بۇ ئاتالمىش كەسپىي تەربىيە مەكتەپلىرىنى ب د ت دىكى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرگە «تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تەدبىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلدۇرالىدى. بۇنى ئاخبارات ۋە تەشۋىقاتىنىڭ كۈچى بىلەن ئەمەس بەلكى ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىنىڭ تەسىرى بىلەن قوبۇل قىلدۇردى. ب د ت دا لاگېرلارنى تاقاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان 22 دۆلەتنىڭ ھەممىسى غەرب دۆلەتلىرى، خىتاينى قوللىغان 50 دۆلەتنىڭ ھەممىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئاسىيا ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىكەنلىكىنىڭ ئۆزىلا؛ دەل بۇنىڭ ئىسپاتى.
خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى، 1989 ‏-يىلى ئۆز ئەۋلادلىرىنى تانكىدا باستۇرغان ۋاقتىدا دۇنيادا ئۇنى جازالايدىغان دۆلەت چىقمىغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈن ئەيمەنمەي 3 مىليوندىن ئارتۇق بىگۇناھ ئىنساننى لاگېرغا سولىۋالدى. بۈگۈن لاگېردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى تيەنئەنمىن مەيدانىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىدىن 100 ھەسسە كۆپ. ئامېرىكالىق مۇستەقىل تەتقىقاتچى جىن بۇننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، بۈگۈنگىچە لاگېردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 30مىڭدىن ئارتۇق. خىتاينىڭ بۇ قاتىللىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئۈستىدىن بومبا تاشلاپ ئەمەس، ئوققا تۇتۇپ ئەمەس، ئۈن-تىنسىز ئېلىپ بارالىغانلىقى ۋە بۇ ساننى دۇنيادىن مەخپىي تۇتالىغانلىقىنىڭ ئۆزىمۇ ئۇنىڭ ئىقتىسادىي، تېخنىكىلىق ۋە ھەربىي كۈچىدىن بولدى.
بىز ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ كۈچلىنىشىنىڭ تەھدىتىنى ۋەتىنىمىز بېسىۋېلىنغان 1949 ‏-يىلدىن بۇيان بىلىپ كەلگەن ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقى مۇستەملىكە تارىنىڭ ھېچ بىر باسقۇچىدا جىم ياتمىدى، ئىنسانىي ھوقۇقى ۋە مىللىي ئازادلىقى ئۈچۈن توختىماي بەدەل تۆلىدى. خىتاي بۈگۈن كۈچلەنگەن مۇشۇ مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنى يەر شارىدىن يوقىتىۋېتىش ئارقىلىق ، شەرقى تۈركىستاننى تەلتۆكۈس يۇتۇۋالماقچى ۋە دۇنياغا غوجىدارلىق يولىنى تېخىمۇ ئاچماقچى.
مەن مۇشۇ پۇرسەتتە، دۇنيانى بىزنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىمىزدىن دەرس ئېلىشقا چاقىرىمەن. بىزنىڭ ۋەزىيىتىمىزنى بىلىش ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش شەرت ئەمەس، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ بۇ لاگېرلار ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە ئىزاھاتلىرىنى، جۈملىدىن ئاق تاشلىق كىتابلىرىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىش ۋە ئۇنىڭدىكى لوگىكىنى كۆزىتىش» شۇنداقلا خىتاي ئۆزى تەشكىللىگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى ئالبانىيەلىك پروففىسور ئولسى جاخسىكقا ئوخشاش تەرەپسىز تەتقىقاتچىلارنىڭ تەسىراتلىرىنى ئاڭلاشنىڭ ئۆزى كۇپايە.
كەچۈرۈڭلار، ئوچۇقلا دەيمەن: ، خىتاي بىزنى بۈگۈن ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، ئەتە سىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ! بىزنى لاگېرغا سولاپ ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، سىلەرنى يادرو قوراللىرى بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. ئۇلار شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى يەر شارىدا كۆرۈشنى خالىمىغىنىدەك، پەن-تېخنىكىنىڭ ، ئىقتىسادنىڭ پېشۋالىرى؛ ھەق ۋە ئادالەتنىڭ بايراقدارلىرى بولغان ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنى يەر شارىدا كۆرۈشنى خالىمايدۇ!

Leave a Comment

*

*