رابىيە قادىر : خىتاي دائىرىلىرى لاگىرلار ھەققىدە دۇنياغا يەنە يالغان سۆزلىدى، بۇنىڭ بىر جازاسى يوقمۇ؟


خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسەن  ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى؛ بۇ يىل 1 ‏-ئايدىمۇ بۇ مەكتەپلەرنىڭ تولۇق تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ھەتتا ئېرلاندىيە ۋاقتى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلىپ قەشقەردە تاقالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر قىسىم بىنالارنى كۆرسەتكەن ئىدى.  خىتاي ئاخبارات تورىنىڭ تۈنۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئەلىجان ئانايىت، بىزنىڭ -ئۇيغۈر پائالىيەتچىلىرىنىڭ -لاگىردىكى ئۇيغۇرلارنى كورونا ۋىرۇس ئاپىتىدىن قوغداش ھەققىدىكى چاقىرىقىمىزغا جاۋاپ قايتۇرغىنىدا، لاگىرلارنىڭ جازالاش ئورنى ئەمەس، بەلكى مەكتەپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ۋە 4 تۈرلۈك پەرقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، لاگىلرارنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقىنى ۋاستىلىق ھالدا دەلىللىدى. ۋە ئىلگىرىكى بايانلىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.  بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لاگىرلار ھەققىدە دۇنيا جامائىتىگە تۇنجى قېتىم يالغان سۆزلىشى ئەمەس. 2017 ‏-يىلى بۇ لاگىرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن خىتاي دائىرىلىرى 2018 ‏-يىلى ئۇنىڭ كەسپىي تەربىيە مەكتىپى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان.خىتاينىڭ  قازاقىستان باش ئەلچىسى   جاڭ خەنخۇي  ، ئەنگىلىيە باش ئەلچىسى ليۇ شياۋمىڭ ، ئاۋۇسترالىيە باشئەلچىسى ۋاڭ نىشىڭ ، ئامېرىكا باشئەلچىسى سۈيتيەنكەي ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ قورچاق رەئىسى شۆكرەت زاكىر، لاگىرلار ھەققىدە ئىزچىل ۋە يالىڭاچ ھالدا يالغان سۆزلەپ كېلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ  خەلقاارا سەھنىدىكى سەركىلىرى . باشئەلچى ۋاڭ نىشىڭ تۈنۈگۈن ئا ب س قانىلىغا قىلغان سۆزىدە ، ئاۋۇسترالىيە ۋەتەندىشى سادام ئابدۇاسلامنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئايالىنىڭ ئاۋۇسترالىيەگە كېلىشنى خالىمايۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. بۈگۈن سادامنىڭ ئايالى ھاياتىنى خەتەرگە ئېتىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئاۋۇسترالىيەگە كېلىشنى خالايدىغانلىقىنى  خەلقااراغا ئاشكارىلىغان ۋە ۋاڭنىڭ تۈنۈگۈن سۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يالغانلىقىنى دەلىللىگەن.  خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ تۈر  يالغانچىلىقى بىلەن، شەرقى تۈركىستاندىكى لاگىرلاردا يېتىۋاتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تېنچ-ئامانلىقىغا خەتەر يەتكۈزۈپ قالماستىن، يەنە بۇ خىل ئەھۋالغا كۆڭۈل بۆلگەن، بۇ خىل ئەھۋاللارنى ھەل قىلىشقا ۋەزىپىلەنگەن خەلقئاارا ئورگانلارنىڭ ۋاقتىغا، ئىقتىسادىغا، ئىززەت-ئېتىۋارىغا زىيان يەتكۈزمەكتە.
خەلقئاارا ئاخباراتلاردا ئارقا-ئارىقىدىن ئاشكارىلانغان لاگىرلار ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلەردە، خىتاي دۆلەت رەىسى شى جىنپىڭ ۋە شەرقى تۈركىستاندىكى ئىجراچىسى چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى شەك-شۈبھىسىز ئاشكارىلاندى.

بىز ب د ت نىڭ كۈچىنىڭ چەكلىكىنى، سېستىمىسىنىڭ تېخى مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى، بولۇپمۇ خىتايغا ئوخشاش دىكتوتار دۆلەتلەر مۇھىم ئورگانلارنى چاڭگالغا ئېلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە ،ب د ت نىڭ  لاگىرلارنى تاقاتقۇزۇشتا بەلگىلىك توسالغۇلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز ۋە بۇنىڭغا بەلگىلىك بىر جەريان كېتىدىغانلىقىنى ئامالسىز قوبۇل قىلىمىز ۋە كۈتىمىز. ئەمما خىتاينىڭ مۇشۇ خىل يالغان دوكىلاتلار بىلەن ب د ت غا ئوخشاش ئورگانلارنىڭ فونكىتسىيەسىگە ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىگە تسەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىنىڭمۇ توسۇپ قېلىنالماسلىقى، تېگىشلىك جازاغا ئۇچرىماسلىقى  بىزنى ۋە بىزگە ئوخشاش قىسمەتتىكى مىللەتلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە.
مەن ب د ت دىكى ئالاقىدار ئورگان ۋە خاىملارنىڭ خىتاينىڭ لاگىرلار ھەققىدىكى ھازىرغىچە سۆزلىگەن يالغان بايانلىرى ھەققىدە مەخسۇس بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خىتاي تەرەپتىن بۇ ھەقتە ھېساپ سوراشقا، خىتاينى خەلقاارا جامائەتنى ئالداشتىن توختىتىشقا دەۋەت قىلىمەن.

Leave a Comment

*

*