رابىيە قادىر : ئەندىشە قىلغىنىمىز يۈز بېرىۋاتىدۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ھەركەتكە چاقىرىمەن

 

خىتايدىن ۋۇخەن ۋىرۇسى تارقىلىپ دۇنيا جىددىي ھالەتكە ئۆتكەندە،بىز شەرقى تۈركىستاندىكى لاگېرلاردا يېتىۋاتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن ئىدۇق ۋە خەلقئارا جامائەتنى بۇ لاگېرلاردا يۈز بەرگۈسى بىر پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق . چۈنكى، لاگېرىدىكىلەر مەۋجۇت ئەھۋالى ۋە شارائىتلىرى سەۋەبلىك ۋۇخەن ۋىرۇسىغا تاقابىلچانلىقى ئەڭ ئاجىز كىشىلەر ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 13 مىڭى ۋۇخەن ئاھالىسىنىڭ ۋۇخەن قامال قىلىنىشتىن ئاۋۋال قېچىپ شەرقى تۈركىستانغا تارقىلىپ بولغانلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي ئاخباراتتا غەيرىي رەسمىي ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى.
ئەندىشە قىلغانلىرىمىز يۈز بېرىشكە باشلىدى:
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى 7 ‏-فېۋرال كۈنى شەرقى تۈركىستاندىكى كىچىك بىر شەھەر-ئاتۇشتا بىر مېھمانخانىدىلا 99 نەپەر ۋۇخەن ئاھالىسىنىڭ كارانتىن قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى؛ 10 ‏-فېۋرال كۈنى ، مىرادىل نۇراخمەت ئىسىملىك يۇقۇم گۇماندارىنىڭ ئاتۇش سانائەت رايونىدىكى 6 ‏-رايونغا ئاپىرىلغانلىقى ۋە ئۇ يەردە مىرادىل بىلەن بىرلىكتە بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ كارانتىن قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
بىز بۇ خەۋەرلەردىن چۆچىمەكتىمىز، چۈنكى 6 ‏-رايون دەپ ئاتالغان بۇ جاينىڭ ئىلگىرى بىر مەھەل لاگىر ئورنىدا قوللىنىلغانلىقى ھەققىدە قولىمىزدا پاكىتلىق مەلۇماتلار بار. خەۋەردە ئالاقىدار خادىملارمۇ 6 ‏-رايوننىڭ بىر تەربىيىلەش مەركىزى ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىغان، ئالاقىدار خادىم مىرادىل نۇراخمەتنىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەشتىكىلەر بىلەن بىر بىنادا ئەمەس، پەقەت يانمۇ يان بىنادا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئاقلىغان.
ئەلۋەتتە بىز نۆۋەتتە بۇ 6 ‏- رايوننىڭ ھېلىھەم تەربىيىلەش مەركىزى ئىكەنلىكى ياكى بوشىتىلغان- تۇتقۇنلار تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەن- لاگىر ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز؛ ئەمما نىمىلا بولمىسۇن، يان بىنادا تەربىيەلەشتىكىلەر بارلىقىنىڭ ئۆزى قورقۇنچلۇق بىر ۋەزىيەت . چۈنكى، ئىلگىرىكى مۇراجىئەتنامىلىرىمىزدە دېيىلگەندەك، بۇ تەربىيەلەشتىكىلەر، 3 يىلدىن بۇيان، قېيىن-قىستاق، ئاچ قالدۇرۇلۇش، ئۇيقۇسىز تۇتۇلۇش، تازىلىقسىز قالدۇرۇلۇش ۋە قىستا-قىستاڭ ياشاش قاتارلىق جازالار سەۋەبلىك بەدەن ساغلاملىقى ئېغىر دەرىجىدە ناچارلاشقان، ئۆلۈم ۋەقەلىرى ئۈزۈلمەي يۈز بېرىۋاتقان بىر ئورۇن. شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ۋۇخەن ۋىرۇسى بۇ لاگېرلارغا يېتىپ بارسا، ئېغىر پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرىنى بىرقانچە قېتىم ئاگاھلاندۇرغان ۋە لاگېرنى دەرھال تاقاپ ئۇلارنىڭ ئۆز ئائىلىلىرىدە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن قوغدىنىشىغا پۇرسەت بېرىشكە چاقىرغان ئىدى. دېمەككى، خىتاي دائىرىلىرى بۇ بۇ چاقىرىقلارغا پىسەنت قىلمىغان؛
بىر تۈركۈم يۇقۇم گۇماندارلىرىنىڭ تەربىيىلەش مەركىزىگە ياكى ئۇنىڭ يېنىدىكى بىناغا ئورۇنلاشتۇرۇشى، مەيلى ئورۇن يېتىشمەسلىكتىن بولسۇن، مەيلى قەستەن ياكى قەستسىز بولسۇن 3 مىليون ئىنساننى ئۆلۈم گىردابىغا قارىتىپ ئىتتىرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بىز ئىلگىرى، رايوننىڭ تارىخىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ 3 مىليون ئىنساننىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كەتمەيدىغانلىقى، ئەكسىچە، قەستەن يۇقتۇرۇش ئېھتىمالىنىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدۇق. ئەندىشىلىرىمىز توغرا چىقماقتا. شۇڭا چاقىرىقىمىزنى تەكرارلايمىز: بۇ ئۈچ مىليون ئىنسان بۈگۈن يەر شارىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى دېگەن بىر ئاپەتنىڭ پەيدا بولغانلىقىدىن خەۋەرسىز، ئۆزلىرىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە يان بىنادا ئىكەنلىكىدىنمۇ خەۋەرسىز، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۇلارنى خەتەردىن خەۋەرلەندۈرۈش ئىمكانىدىن مەھرۇم؛ ئۇلارنىڭ خەلقئارا جامائەتتىن باشقا يار يۆلىكى يوق. مەن شۇ خەلقنىڭ چەتئەلدىكى بىر ئاۋازى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ، لاگېردىكىلەرنىڭ قۇتۇلدۇرۇشقا ،يەنى بۇ جىددىي بۇ ۋەزىيەتتە زىممىسىگە چۈشكەن ئىنسانىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىمەن.
جۈملىدىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن قوغدىنىش ئەھۋالى ھەققىدە جىددىي بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلىمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*