رابىيە قادىر: لاگىردىكىلەر قويۇپ بېرىلىشى ، ئۇلارغا ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن قوغدىنىش پۇرسىتى بېرىلىشى كېرەك

پۈتۈن دۇنيا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئۆزلىرىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، بۇ ۋىرۇسنىڭ خەتىرىگە ئەڭ يېقىن تۇرۇۋاتقان، ئەمما ئۆزىنى قوغداش ئىمكانىدىن تامامەن مەھرۇم ھالەتتە تۇرۇۋاتقان زور بىر تۈركۈم كىشىلەر بار، ئۇ بولسىمۇ، شەرقى تۈركىستاندىكى لاگېرلاردا يېتىۋاتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە قازاق تۇتقۇنلاردۇر. ئۇلار ، ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇلار 3 يىللىق مەھبۇس ھاياتى سەۋەبلىك جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زەئىپ ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 24 سائەت ئىختىيارى ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ زىيان زەخمىتىگە قارىتا تەييارلىقسىزدۇر ۋە قوغدىنىشقا ئاجىزدۇر. خىتاي دائىرىلىرى لاگېرلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە تەسىس قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە بىر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس؛ ئۇلار خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى ۋۇخەنگە ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق، لاگېرلار مەسىلىسىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا ؛ خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىدلىرىدىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن ۋە بۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. خىتاي ئاخباراتى تۈنۈگۈن 100 نەچچە كىشىلىك سەھىيە ئەترىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن ۋۇخەنگە قاراپ ياردەمگە يولغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى، ئەمما لاگېرلاردا قانداق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق بىر خەۋەر بەرمىدى. شۇڭا مەن خەلقئارا جامائەتنى ئەسلىدىنلا ھاياتىي بىخەتەرلىك خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقان لاگېردىكى بۇ ئۈچ مىليون تۇتقۇننىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە چاقىرىمەن. ۋۇخەن ۋىرۇسى خەتىرى ئالدىدا ئىنساندارچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماقچى بولغان دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار، خەلقئارا جامائەت ئەربابلىرى ئالدى بىلەن خىتاينى لاگېرلارنى دەرھال تاقاشقا چاقىرىشى كېرەك ۋە لاگېردىكىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىپ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كۈتۈشى ۋە يەرلىك سەھىيە خادىملىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن قوغدىنىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك .
خىتاي بۈگۈنگە قەدەر شەرقى تۈركىستاندىكى پاجىئەلەرنى «دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى» باھانىسى بىلەن خەلقئارا جامائەتتىن يوشۇرۇپ ۋە ئارىلىشىشىنى رەت قىلىپ كەلگەن. مەنچە خىتاي دائىرىلىرى قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش بىلەن ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلغىنى بولمايدىغانلىقىنى؛ دۇنيادا قورال ياكى ئىقتىسادىي كۈچ كارغا كەلمەيدىغان مەسىلەرمۇ بارلىقىنى ۋە ئىنسانىي ھەمكارلىقنىڭ ، خەلقئارا ياردەملىشىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بۈگۈن چوقۇم ھېس قىلدى ۋە چوڭقۇر تونۇپ يەتتى دەپ قارايمەن.
شۇڭا مەن خەلقئارا جامائەتنى لاگېردىكىلەرنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئەڭ ئاجىز كىشىلەر ئىكەنلىكىدەك بۇ رېئاللىقىنى ئۇنتۇماسلىققا ۋە خىتاي دائىرىلىرىنى ۋۇخەن ۋىرۇسى لاگېرلاردا تۇغۇلغۇسى چوڭ بىر پاجىئەنىڭ جاۋابكارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشقا، ئەگەر خىتاي يەنىلا قۇلاق يوپۇرىۋالسا، لاگېردىكىلەرنىڭ بۇ خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇناسىپ تەدبىرلىرىنى تۈزۈشكە دەۋەت قىلىمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*