رابىيە قادىر خانىم: سۈرىيەدىكى  ئۇيغۇرلار  يېتەكلىنىشكە ۋە ئاسرىلىشقا  مۇھتاج

سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى،  راستىنى ئېيتسام، مەن بىرقانچە يىلدىن بېرى  جامائەت سورۇنلىرىدا ئېغىز ئېچىشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر  مەسىلە؛ ئۆزۈمنى قاچۇرۇشۇمدىن سەۋەپ، تىلىمىز تۇتۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، تىما نازۇك ۋە مۇرەككەپ بىر خەلقاارا مەسىلگە چېتىشلىق بولغانلىقى يەنى تېرورلۇققا باھانە ۋە ئۆزۈر ئىزدەۋاتقاندەك خاتا سىگنال بېرىپ قويۇپ، دۇنيادىكى تېرورىزىمنىڭ قۇربالىرىنىڭ قەلبىنى رەنجتىپ قويۇشتىن   ساقلىنىش ئۈچۈندۇر.

يېقىندىن بۇيان سۈرىيەدىكى ئۇرۇشنىڭ كەسكىنلىشىش  ۋە ئاخىرلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشى ، بولۇپمۇ  سۇرىيەنىڭ دائىرىلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى چەتئەللىك جەڭچىلەر ئارىسىدا  5000 ئۇيغۇر بارلىقى، بۇلارنى باستۇرۇشتا، خىتاي تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ نەتىجىلەر قازانغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى  ھەققىدىكى ئەندىشەمنى كۈچەيتتى.  شۇڭا  مەن بۈگۈن  نەچچە ۋاقىتتىن بېرى  ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ۋە بەزى  كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئايرىم ھالدا مەلۇمات بېرىپ كېلىۋاتقان، بۇ نازۇك مەسىلە ھەققىدە پىكىر ۋە تەكلىپلىرىمنى كەڭ خەلقئارا جامائەت بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۇيغۇن كۆردۈم.

بۇ پۇرسەتتە ئالدى بىلەن ، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەرەپسىز ھالدا كۆزىتىپ   ئىلمىي خۇلاسە چىقارغان تەتقىقات ئورنى New Amerika غا ۋە ئۇنىڭ قابىلىيەتلىك تەتقىقاتچىسى Nate Rosenblatt ئەپەندىگە  مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

Nate Rosenblatt ئەپەندى بۇ مەسىلىدە  » ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە دىنى خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارالدى…. ۋەتىنىدە قاتتىق باستۇرۇشلارغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار چەتئەلدىن ئۆزلىرىگە قۇچاق ئىزدىدى»  دەپ دىئاگنوزنى ناھايىتى دەل ۋە توغرا قويدى، مەن  بۇ ماقالىنى  دەل مۇشۇ دىئاگنوزنىڭ توغرىلىقىنى تەستىقلاش ۋە بۇ دىئاگنوزغا ئۇيغۇن بىر» دورا»  ئىزدەش  مەقسىتىدە يازماقتىمەن.

مەن سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ۋە تەركىبىي ھەققىدە كەسپىي سەۋىيىدە  بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالمىدىم، بۇ جەھەتتىكى مەلۇماتىم بۈگۈنگە قەدەر ئاخباراتقا ئاشكارىلانغانلار  دەرىجىدە. ئەمما سانى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر  ئۇلارنىڭ تەركىبىنى خۇددى يۇقىرىقى دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان 114 ئۇيغۇر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش دەپ قارايمەن.

شۇنداق، ئۇلار ئالدى بىلەن زۇلۇمدىن قېچىپ چىققانلار. ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكەنلەرگە مەلۇم، 2009 ‏-يىلى ئۈرۈمچىدە 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ۋە خىتاينىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى. 2009 ‏-يىلى 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئاخباراتتا ئىسپاتلىنىشىچە يۈزلەرچە، جەمئىيەتتە تارقىلىشىچە ئونمىڭلارچە ئىنسان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولدى ( DUQ دوكىلاتى) ئائىلىلەر بۇلارنىڭ جەسىتى ئەمەس، ئۇچۇرىغىمۇ ئېرىشەلمىدى، سۈرۈشتە قىلغانلار تۈرمىگە تاشلاندى.  2013 ‏-يىلى قاغىلىقنىڭ يىلقىچى يېزىسىدا ئەسكىرىي تەربىيە تەربىيە كۆرۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 20 نەچچە ياش ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنىپ جەسەتلىرى تاغارغا سېلىنىپ ئېلىپ كېتىلدى،  2014 ‏-يىلى  يەكەندە تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان يۈزلەرچە ئۇيغۇر ئوققا تۇتۇلدى، ئۇچ كەنت ھاۋادىن بومباردىمان قىلىندى، 2013 ‏- ۋە 2014 ‏-يىللىرى ئۇچتۇرپاندا، سېرىقبۇيىدا، توققۇزاقتا خىتاي، ساقچى، ساقچى ماشىنىسى ۋە ساقچىخانىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان ئۇيغۇرلار دۈشمىنىگە يېقىنلاشماي تۇرۇپ ئېتىۋېتىلدى. خىتاي بۇ ۋەقەلەرنى چىقىمسىز غەلىبە دەپ تەن-تەنە قىلدى. 2015 ‏-يىلى ئاقسۇ بايدا بىر تۈركۈم ھۇجۇمچىلار، ساقچىلاردىن تارتىۋالغان قوراللىرى بىلەن 8 ساقچىنى ئۆلتۈرەلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرى  غاردا قورشاۋغا ئېلىنىپ ئايال-بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوتچاچاردا قىرىۋېتىلدى.  يەنى شەرقى تۈركىستاندا 10 يىلدىن بۇيان يوشۇرۇن بىر جەڭنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقانلارغا سىر ئەمەس.  بۇ ۋەزىيەتنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۈەن ھايات ماماتلىق جەڭ دەپ بۇرۇنلا ئاشكارا ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ يىغىنلىرىدا ئاشكارا جار سېلىنىۋاتقان، ئەمما ئاخباراتتا كۆپ ھاللاردا خەۋەر قىلىنمايۋاتقان بۇ ئۇرۇشتا قورالنىڭ دەردىنى  ئېغىر تارتقان، ئەقەللىي ئەسكىرىي ساۋاتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن دۈشمىنىنى يوقىتىش ئەمەس  ئۆزىنىمۇ  قوغدىيالمىغان، نەپرىتىنى ئىپادىلەشكىمۇ قادىر بولالمىغان، بۇ سەۋەبتىن ئىچى خۇنغا تولغان  بۇ كىشىلەر  ئۈچۈن،   سۈرىيەدە ھەقسىز ئەسكىرىي تەلىم ئېلىش، قورال تۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ پۇرسەت، ئۇلارغا ئالتۇندەك جۇلالىق ۋە قىممەتلىك كۆرۈلگەنلىكى شۈبھىسىز.

New Amerika نىڭ دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان  114 ئۇيغۇرنىڭ 10 ياش بىلەن 80 ياش ئارىسىدا ئىكەنلىكى، ئارىلىرىدا ئائىلە بويىچە كەلگەنلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى، كۆپىنچىسىنىڭ مائارىپ تەربىيىسىنىڭ تۆۋەن ۋە ھۈنەرسىز ئىكەنلىكى ۋە تۇنجى قېتىم چەتئەلگە چىققانلار ئىكەنلىكى قاتارلىق سۈرىيەدىكى باشقا گۇرۇپپىلاردىن پەرقلىق ئالاھىدىلىكلىرىمۇ ، دەل  ئۇلار بېشىدىن كەچۈرگەن ئەنە شۇ  زۇلۇم ۋە ئۇنىڭدىن قېچىشتەك جاپالىق بىر كەچمىشنىڭ ئالامىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. دىققەتكە سازاۋەر يەنە بىر نۇقتا بار،  ئۇلار ئۆزلىرىنى  ئانا ۋەتىنىدە دۇچ كەلگەن زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئەركىن دۇنيادا پاناھلىنىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ چەتئەلگە ئاتلانغان پاناھلانغۇچىلار  بولۇش بىلەن بىرلىكتە، يەنە  ۋەتەندە قېپقالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە قولۇم قوشنىلىرىنىڭ دەرد-ئەلەم، ئارزۇ ئۈمىدلىرىنىمۇ يۈرىكىدە ھەر ھېس قىلىپ ياشاۋاتقان ئىنسانلار.  شۇڭا ئۇلارنىڭ سەپەرگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن ياكى چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن، ئەنە شۇ ۋەتەندە قېپقالغان قېرىنداشلىرىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن  يول ۋە ياردەمچى ئىزدىشى، بىرەر يەردىن بىرەر ياردەمنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭغا ئىككىلەنمەي ئۆزىنى ئېتىشى، ئىنسانىي تۇيغۇ، ئىنسانىي مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن چۈشىنىشلىك بىر  بىر ھادىسە.

بىز تېررورلۇققا، گۇناھسىز ئادەملەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز.  تىنچ ۋە  ئادالەتلىك جەمئىيەت تەرتىپى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى. ئەمما خىتاي ھۆكمىتىمۇ خەلقنى زوراۋانلىق يۇلىنى تاللاشقا قىستىماسلىقى كېرەك.   شەرقى تۈركىستاندا خىتاي ھۆكمىتىنىڭ ئېغىر بېسىمى تۈپەيلى  ياشاش ئىمكانى ئىزدەپ ھەرخىل يوللارغا كېتىپ قالغانلار بۇلىشى مۇمكىن.

شۇنداق ئۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ، خۇددى پۈتۈن دۆلەت ۋەتەنداشلىرىدا بولغىنىدەك   دائىش تەرىپىدىن مېڭىسى يۇيۇلغان، ۋەتەن-مىللەت مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇغان-دۈشمىنىنىڭ خىتاي ئىشغالىيەتچى كۈچلىرى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغان  بىر ياكى بىرقانچە كىشى بولۇشى مۇمكىن، ئىنشائاللا بۈگۈنگە قەدەر كۆرۈلمىدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆرۈلمەسلىكىنى ئاللاھدىن تىلەيمەن؛ ئەمما كۆپىنچىسىنىڭ، خۇددى مۇستەقىل تەتقىقاتچى سالىھ خۇدابەردى دېگەندەك، دائىشتىكىلەرنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە شەرقى تۈركىستان ئازادلىقىغا ياردەم بېرىش ۋەدىسىگە ئىشەنگەنلىكى ياكى ئۆزلىرىنى كەلگۈسىدە ئۆز ۋەتىنىدە  ئېلىپ بارماقچى بولغان زۇلۇمغا قارشى ھەركەت ئۈچۈن ئەسكىرىي جەھەتتىن تەربىيىلەۋاتقانلىقى ئېنىق.

شۇنداق بۇ پۇرسەتتە، خىتاي تەرەپ » دېمىدۇقمۇ، ئۇلار ئاخىرى بىزگە ھۇجۇم قىلماقچى، بىزمۇ خەلقئارا تېرورنىڭ تەھدىت ئوبيېكتلىرى ئارىسىدا» دەپ كۆكرەك كېرىپ چىقىشى مۇمكىن؛ خىتاي بۇ گەپنى دېيىشنىڭ ئالدىدا، شەرقى تۈركىستانغا قاراتقان ئاخبارات چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى، ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتتىن دۇنيانى خەۋەردار قىلىشى كېرەك. 1989 ‏-يىلى ئۆز ئەۋلادلىرىنى تيەنئەمىن مەيدانىدا تانكا بىلەن باستۇرۇپ ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قالغان، شەرقى تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېررورىنى مۇستەملىكە تۈزۈمى ئارقىلىق دۇنيادىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھېچقانداق بىر گۇرۇپنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەش ھەققى يوق

مەن بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ،ئازادلىق ئۈچۈن چارە ئىزدەشتىن ئىبارەت ھېسسىيات ۋە مەقسەتلىرىنى ئېنىق چۈشىنىمەن، ئەمما بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ چارىسى قوراللىق يول ياكى جەڭ مەيدانلىرى ئەمەس دىئالوگ ۋە سۆھبەت دەپ ئىشىنىمەن. مەن شۇڭا ئۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سۈرىيەدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلاردىن قايسى قېتىلىشىدىن قەتئىينەزەر مىللىتىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان ئەمەس، ئەكسىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارادا تېررورغا باغلاپ كۆز بويامچىلىق قىلىشىغا بىر مەھەل پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان خاتا بىر تاللاش دەپ قارايمەن. شۇڭا سۈرىيەدە بەلگىلىك ساندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى دەلىللەنگەن يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنى مۇناسىۋەتسىز، بىر جەڭدە كۈچىنى ئىسراپ قىلماسلىققا، دۇنيانىڭ ئادالىتىدىن ئۈمىدۋار بولۇشقا ، جەڭ مەيدانىدىن چېكىنىپ ئۆزلىرى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ھاياتىنى قوغداشقا دەۋەت قىلىۋاتىمەن، ئەلۋەتتە ئىمكانىيىتىمىزنىڭ چەكلىمىلىكى سەۋەبىدىن، چاقىرىقىم ئۇلارغا دەل ۋاقتىدا ۋە تولۇق يېتىپ بېرىۋاتىدۇ دېيەلمەيمەن، ئەمما چاقىرىقىم تولۇق يەتكەن ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئېرىشكەن تەقدىردە خىتايدىن باشقا دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرى نېسىپ بولسا، تىنچ ۋە تىرىكچىلىك يولىنى تاللايدىغانلىقى، بۈگۈنكىدە ئۈستىدىن بومبا يىغىۋاتقان كۈنلەردە ئۆزلىرىگە قۇچاق ئاچقانلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

يېقىندا دائىشتىكى ئۇيغۇرلار نامىدا چىققان ۋىدىيو باياناتى مېنىڭچە دائىشنىڭ بىر تەشۋىقات ماتېرىيالى، ئۇنىڭدا سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئەكس ئەتمەيدۇ، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئىنسانىي بىر ياردەمگە موھتاج، چۈنكى باشقا چەتئەللىك جەڭچىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە چېكىنەلەيدىغان ئورنى -قايتىپ كېتەلەيدىغان دۆلىتى يوق.

مېنىڭچە زۇلۇمدىن قاچقان ۋە ئادالەت ئىزدەۋاتقان يۈزلەرچە ياكى مىڭلارچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز بىر جەڭ مەيدانىدا قىرىلىپ كېتىشى، ئۇيغۇر تارىخىي ئۈچۈن ئۇنتۇلماس بىر پاجىئە بولۇپلا قالماستىن، سۈرىيە ئۇرۇشىدىكى ئەسكىرىي غالىپ كۈچلەر ئۈچۈنمۇ پارلاق ياكى پەخىرلىك بىر پاكىت ياكى جەريان بولالمايدۇ. ئەكسىچە دۇنيا تارىخىدىكى ئىنساندارچىلىق ۋە مەردلىك ئەخلاقى دەپسەندە قىلىنغان ئىبرەتلىك ھېكايىلەردىن بىرى بولۇپ قالىدۇ.

مەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ئانىسى ۋە لىدىرى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن، سۈرىيە مەسىلىسىدە ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان دۆلەتلەرنى، جۈملىدىن ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە تۈركىيە تەرەپنى دىپلوماتىك ھەرىكەتلىرى داۋامىدا سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنىڭ ئادىلانە بىر تەرەپ قىلىنىشى باش قاتۇرۇشىنى؛ ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا ئۇلارنىڭ تەسلىم بولۇشى ياكى تىرىك قولغا چۈشۈرۈلۈشى ئۈچۈن پۇرسەت بېرىشى ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئايال ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كېپىللىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن. بۇ تەلەپلىرىم سۈرىيە مەسىلىسىگە ئارىلىشىۋاتقان كۈچلەرنىڭ سۈرىيە ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا ھەسسە قوشۇشتەك ئاساسى غايىسىگىمۇ ئۇيغۇن ھەم پايدىلىق دەپ قارايمەن.

 

2 باھا

Leave a Comment

*

*