رابىيە قادىر خانىم تەيۋەن 28 – فېرال قىرغىنچىلىق ۋەقەسىنى خاتىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى

ئۇيغۇر مىللى ھەركىتىنىڭ لىدىرى رابىيە قادىر خانىم 26-نچى فېرال لوس ئانجېلىستىكى  تەيۋەن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 70-نچى قېتىملىق 28.فېرال قىرغىنچىلىق ۋەقەسىنى خاتىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى.  يىغىن  ئامرېكىدىكى تەيۋەنلىكلەر كىشىلىك ھۇقۇق جەمىيىتى (Formosan Association for Human Rights)، تەيۋەنلىكلەر ئاممىۋى ئىشلار جەمىيىتى (FAPA)،  تەيۋەن ئەركىنلىك پارتيىسىنىڭ ( Free Taiwan Party) ئامرېكىدىكى شۆبىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بۇلۇپ، يىغىندا ئاۋال 28-نچى فېرال قىرغىنچىلىق ۋەقەسىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلدى.   28-نچى قىرغىنچىلىق ۋەقەسى 1947-نچى يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە بۇلۇپ،  گومىنداڭ ھۆكىمىتى خەلقنىڭ قارشىلىق ھەركىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن كۆپ مىقتاردا ھەربى قۇشۇن يۆتكەپ كېلىپ، ۋەھشىيلەرچە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقى، تەخمىنەن 20 مىڭ ئەتراپىدىكى كىشى ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بايان قىلىندى.

يىغىندا لىدىرىمىز رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلدى.  ئۇ سۆزىدە ئاۋال شەرقى تۈركىستاننىڭ  خىتاي  ھۆكىمىتى تەرىپىدىن قانداق بېسىۋېلىنغانلىقىنى تارىخى ئارقى كۆرۈنىشى ئارقىلىق قىسقىچە بايان قىلىدى،  ئۇيغۇرلارنىڭ مول مەدىنيەتكە ئىگە تىنىچلىقپەرۋەر مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي ھۆكىمىتى تەرىپىدىن خاتا تەشۋىقات قىلىنىپ، سىرتقى دۇنيادا ئۇيغۇرلار ھەققىدە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.    رابىيە قادىر خانىم يەنە يېقىنقى سىياسەت ھەققىدە توختىلىپ،  چېنچۈەنگو كەلگەندىن كېيىنكى خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسەتلىرى، زورلاپ تۇققان قىلىش سىياسىتى، مەسچىتلەرنىڭ چېقىۋېتىلىشى، ، مىللى مەدىنيەت ، دىن ۋە تىل يېزىقىمىزغا بولغان چەكلىمە،  خىتاي ناخشا ئۇسۇلىنى زورلاپ تېڭىش، شەرقى تۈركىستانغا ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قانداق قىلىپ ئارقىدا قالدۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە خىتاي ھۆكىمىتنىڭ شەرقى تۈركىستان، تىبەت، ۋە خىتاي دىموكراتىيە ھەركىتىنى «ئىچكى مەسىلە» دەپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارلىشىشىغا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىقتىسادى كۈچىگە تاينىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى  كىىشلىك ھۇقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان تەشكىلات ۋە كىشىلەرنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى،  ئەمما شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەت مەسىلىسىنى خىتاي دەپ كېلىۋاتقاندەك «خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى»  دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، يۈز بېرىۋاتقان بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق بىر ئىنسانلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، ئىنسان بۇلۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيا خەلقى  بۇ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى، شەرقى تۈركىستان، تىبەت، شىياڭگاڭ  ۋە تەيۋەن خەلقى دۇچ كەلگەن مەسىلىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ، شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى.

يىغىندا رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزلىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى، رابىيە قادىر خانىم ۋە تىبەت سۈرگۈندىكى پارلامېنت ئازاسى تېنزىڭ چوندىن ئەپەندىگە تەقدىرنامە ھەدىيە قىلىندى.

Leave a Comment

*

*