رابىيە قادىر : كۆمۈر قىيىنچىلىقى تارتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پەريادلىرىغا قۇلاق سېلىنسۇن

ئىككى تىرىليون كۆمۈر زاپىسى بار شەرقى تۈركىستان خەلقى بۈگۈن كۆمۈر يوقلۇقىدىن زارلىنىۋاتىدۇ. كۆمۈر زاپىسىنىڭ 15%ئى بىلەن خىتاينى 100 يىل ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىگۈدەك بايلىققا ساھىب ئۇيغۇر زېمىنىدا، بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرى ئىسسىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالماي قاقشاۋاتىدۇ. دېمەك كى بۇ كۆمۈر مەسىلىسى ئەمەس، پىلانلىق ۋە قەستەن ھالدا ئاچ-يالىڭاچ قالدۇرۇلۇش مەسىلىسىدۇر؛ بۇ سىستېمىلىق ھالدا، شەرقى تۈركىستان خەلقىنى جېنىدىن تويدۇرۇش ۋە خىتايغا باش ئەگدۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئىجراسىدۇر.
خىتاي دائىرىلىرى ئۈچۈن نۆۋەتتىكى كۆمۈر مەسىلىسى ھەل قىلغىنى بولمايدىغان بىر مەسىلە ئەمەس. لاگېرلارغا سەرپ قىلىۋاتقان ئىقتىسادىنىڭ مىڭدىن بىر قىسمىنى ئايرىسا، شەرقى تۈركىستاندىن بۇلاپ ئەكېتىۋاتقان بايلىقلىرىنىڭ مىليوندىن بىرىدىن ۋاز كەچسە ، ھېچ بولمىدى دېگەندە سەۋەبسىز ھالدا مۇسادىرە قىلىۋالغان ئۇيغۇر سودا-سانائەتچىلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرسا، بۈگۈنكى قىيىنچىلىق ھەل بولىدۇ. كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىزكى، بۇ مەسىلىنى خىتاي ھەل قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ خىتاي قەستەن پەيدا قىلغان مەسىلە، چۈنكى بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت، 70 يىللىق تولۇق مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ ئاقىۋىتى، چۈنكى بۇ پاجىئە شەرقى تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىقتىسادىي ھاياتتىكى ئىنكاسى.
خىتاينىڭ كۆمۈر زاپىسىنىڭ 40 گە ساھىب بولغان زېمىن ئىگىلىرىنى، كۆمۈر ئالالمىغۇدەك دەرىجىدە نامرات قالدۇرۇش، خەلقئارا ئەھدىنامىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە تەكىتلەنگەن -ئەقەللىي ھوقۇق- ياشاش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بىز خىتاينىڭ بۇ مەسىلىگە پەرۋاسىز قارىشىغا ھەيران قالمايمىز، چۈنكى بۇ قەستەن پەيدا قىلىنغان بىر ئاقىۋەت، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ ھالى خىتاي ئارزۇ قىلغان بىر ھالەت. ئەمما، بۇ پەريادلارغا خەلقئارا جامائەتتىن تېگىشلىك بىر ئىنكاس قايتماسلىق بىزنى ئەجەبلەندۈرىدۇ ۋە ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.
خەلقىمىز، ئىنسانىيەتنىڭ ھەق ۋە ئادالىتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزمىگەچكە، خىتاينىڭ قاتتىق ئۇچۇر چەكلىمىلىرىگە قارىماي، ئۆزلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى ھەر خىل ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ، ئوچۇق ھالدا، ئاچلىقتىن ۋە سوغۇقتىن ئۆلۈم گىردابىغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلىۋاتىدۇ.
شۇڭا مەن خەلقئارا جامائەتنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق پەريادىغا قۇلاق سېلىشقا؛ ئاچ قېلىپ ئۆلۈش، سوغۇقتىن ئۆلۈش ۋە كېسەللىنىپ ئۆلۈشنىڭ ئۈستىدىن بومبا تاشلىنىپ ئۆلۈشتىن ئازابلىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىققا، ۋە ئەمەلىي جازا تەدبىرلىرى ئارقىلىق خىتاينى ھەر خىل شەكىلدىكى قاتىللىقىنى توختىتىشقا مەجبۇرلاشقا دەۋەت قىلىمەن.

مۇھاجىرەتتىكى بارلىق پائالىيەتچى سەۋپداشلىرىمنىمۇ، بۇ مەسىلىنى نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر ئاقىۋىتى سۈپىتىدە ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا دەرھال يەتكۈزۈشكە دەۋەت قىلىمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى ، رابىيە قادىر

 

Leave a Comment

*

*